يېشىل كۆكتاتنى كۆپرەپ يەپ بەرسە جىگەرنى ئاسراپ، زىققا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن
ئەنگىلىيە « مۇستەقىللىق گېزىتى» نىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بالىلارغا يېشىل كۆكتاتنى كۆپرەك يىيىشنى ئۈگەتكەندە، جىگەرنى ئاسراشقا پايدىسى بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دەم سىقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىنكەن.
ئەنگىلىيە نوتتىڭخام ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىملىرى 1980-2007- يىلغىچە يېمەك- ئىچمەك ۋە زىققا كېسىلىگە دائىر يەر شارى مىقياسىدا 40 قېتىم ئالاقىدار تەتقىقات ئېلىپ بارغان، تەتقىقاتچىلار يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلغان ۋىتامىن A ياكى ۋىتامىن C يېتىشمىگەن كىشىلەرنىڭ زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ خېلى يوقىرى بولىدىغانلىقىنى، يېشىل كۆكتات ۋە سېرىق كۆكتات مەسىلەن: گۈل كاپۇستا، پالەك، سەۋزە، كاۋا ۋە تاتلىقياڭيۇنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن Aنىڭ مول ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ۋىتامىن C مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن كۆكتاتلار ۋە مېۋە- چىۋە جۈملىدىن ئاپېلىسىن، لىمون، ئاناناس ۋە بۆلجۈرگەن تەركىبىدە كۆپ بولىدۇ. مۇشۇ تۈردىكى تەتقىقاتقا مەسئۇل نوتتىڭخام ئۈنىۋېرسىتېتى ئاممىۋىي سەھىيە بۆلۈمىدىكى جورج سېينىد بېرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل باغلىنىشنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ۋىتامىننىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بىلەن مۇناسىبەتلىك بولۇشى مۇمكىنكەن. ئەمما جورج سېينىد بېر شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنداق كۆرسەتكەن، ۋىتامىننى زادى قانچىلىك تولۇقلاش، قايسى خىل ۋىتامىننى ئىشلىتىش، ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلىشمۇ- يوق، بۇلار تېخى ئېنىق ئەمەسكەن. نۆۋەتتە، بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى « كۆكرەك بوشلۇقى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە؛ نازۇك بىلوگى