app دېتالى

ئادەم بەدىننىڭ 20 خىل كېسەللىك سىگنالى

ۋاقتى:2010-02-17 10:09مەنبە: يوللىغۇچى:نۇرئەلى چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

1- قول داۋاملىق نەملىشىش . بۇ قالقانبەز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلقىدىن بېشارەت بېرىدۇ .2 - قول قولىشىش ياكى قىچىشىش . ۋېتامىن يېتىشمىگەنلىگىنى ياكى دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ .3 - توساتتىن چاچ چۈشۈپ كېتىش . ئىممونىت خارەكتىرلىق كېسەللىك ( ئەيدىز ) كە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ .4 - چاچ سارغىيىپ قېلىش . تۆمۈر ماددىسى ياكى ۋېتامىن ب يېتىشمىگەنلىكتىن بىشارەت بېرىدۇ .5 - پۇت بوغۇملىرى ئىشىپ قېلىش . دىئابىت ، رېماتىزىم ، يۈرەك زەئپلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ .6 - تېرىدە ئۇششاق قاپارتقۇ ، چاقا پەيدا بولۇپ قېلىش ياكى تېرىسىىنىڭ بەزى جايلىرى قىزىرىپ قېلىش ، قىچىشىش . بۇ دىئابىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىغىنىڭ سېگنالى بولۇپ ﻫېساپلىندۇ . 7 - پاچىقى ئىشىپ قېلىش . بۆرەك كېسەللىكى ياكى خىگەر زەخمىلەنگەنلىگىدىن بېشارەت .بۇنىڭدىن باشقا ،يۈرەك ئاجىزلىشىپ قالسىمۇ ،پاچاق ئىشىپ قالىدۇ .8 - تېرە ئاستى سۆڭىكى يوغۇناپ قېلىش .قالقانبەز خىزمىتىنىڭ تەدىرجىي تەرەققى قىلىپ قالغانلىغىدىن دېرە بېرىدۇ .9 - توساتتىن ئاقساپ ماڭىدىغان ۋە پاچاق بولجۇڭ گۆشى بوشىشىپ قېلىش . بۇ مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ خەتەرلىك سىگنالى .10 - بېقىنىغا قولىغا ئۇرۇنغىدەك قاتتىق مۇنەك پەيدا بولۇپ قېلىش . بۇ ياللۇغلىنىش بارلىغىنى ياكى راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ .11- سۇت بېزى توپچىسىدىن سۇيۇقلۇق ئېقىپ قېلىش . بۇ سۈت بېزى كېسەللىكىگە ،ﻫەتتا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بوۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، ئەگەر سۈت بېزى تۈگمىسىدىن قانغا ئوخشاش ئاجىرالما ئېقىپ چىققان بولسا بۇ تېخمۇ خەتەرلىك .12 - جىنسىي ئەزاسىدىن زەرداب ياكى قان كېلىش . بۇ جىنسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ . قىچىشىش بولسا كۆكەرتىش باكتىريەسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ .13 - قورساقنىڭ ئاستى تەرىپ ئازراق ۋاقىت ئېسىلىپ قېلىش ياكى قاتتىق ئاغرىش .بۇ سۇقۇر ئۈچەي ياللۇغلىنىپ قالغانلىقىدىن ۋە ئۈچەينىڭ يارلانغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ .14 - قورساق دائىم ئېسىلىپ قېلىش ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەل قويىپ بېرىش . بۇ تۇخۇمدان راكىغا ۋە ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەۋىپىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ .15 - قولتۇق تېرىسى ئاستىدا قاتتىق مۇنەكچە پەيدا بولۇپ قېلىش .بۇ ياللۇغلىنىش بارلىقىنى چۈشەندۇردۇ .لېكىن يەنە لىمفا راكىغا ياكى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىق بولىشىمۇ مۇمكىن .16 - كۆكسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىگى ۋە چىڭلىغىدا ياكى تېرىسدە توساتتىن ئۆزگىرىش بولۇپ قېلىش .بۇ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .17 - مۈرە ئېگىلىپ قېلىش . بۇ سۈڭەك يىگىلەپ قېلىش ( سۈڭەك بوشىشىپ كېتىش ) كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقنى ياكى ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ ئاجىرلىپ چىقىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچىرغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .18 - جەينەككە قاتتىق مۇنەكچە پەيدا بولۇپ قېلىش .جەينەكنىڭ بوغىمى بىلىنەر - بىلىنمەس ئاغرىيدىغان بولۇپ قېلىش .بۇ كۆپ ﻫاللاردا رېماتىزىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك ئالامىتى .19 - قول تىرنىقىدا ئولتۇرشۇپ كېتىش ياكى ئېگىلىپ قېلىش . بۇ كۆكەرتىش باكتىريەسى كېسەلىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن ياكى تەڭگە تەمرەتكە بارلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ .20 - بىلەك توساتتىن جانسىزلىنىپ سېزىمىنى يوقىتىپ قويىش ۋە باشقۇرغىلى بولماسلىق . بۇ يېنىك دەرىجىدە سەكتە كۆرىلگەنلىگىنىڭ بىشارىتى

ياخشىكەن
(57)
65.5%
ئالقىشلايمەن
(30)
34.5%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس