يۇقۇملۇق زۇكامنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش

ۋاقتى:2010-02-17 10:08مەنبە: يوللىغۇچى:نۇرئەلى چېكىلىشى:قىتىم
   سەۋەبى :             ئاساسلىقى ھاۋادىكى زەھەرلىك مىكروپلارنىڭ نەپەسلىنىش ئارقىلىق بەدەنگە كېرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ كېسەل كۆپۇنچە قىش پەسلىدە كۆپ كۆرىلىدۇ. ئۇمۇمەن ھۆل يېغىن كۆپ بولىدىغان ياكى ھۆللۇك رايۇنلاردا كۆپ يۇز بېرىپ ئەتراپقا تارقىلىدۇ. ياشلارغا نىسبەتەن ياشانغانلاردا ۋە بالىلاردا كۆرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.ئالامىتى:             دەسلەپتە پىشانە،كۆز بەل ئۇمۇمەن بارلىق ئەزالاردا ئاغرىش بولىدۇ. قىزىتما يۇقۇرى ئۆرلەپ كېتىدۇ، بەزىدە توڭۇپ تىتىرەش بولىدۇ، بەزىدە بولمايدۇ.باش قايىدۇ، گال ئاغرىيدۇ، ئاۋاز پۇتىدۇ، كۆكرەكتە ئېغىرلىق سىزىمى بولىدۇ، قۇرۇق يۆتۇلۇش،نەپەس قىيىنلىشش،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش،كۆڭۇل ئايلىنىش بەزىدە قۇسۇش ۋە ئىچى سۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۇلىدۇ. ئېغىز تەمى ئاچچىق بولىدۇ، كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولسا ساقىيشى تەس بولىدۇ. بەزىدە بۇرۇن ۋە گالدىكى ئېچىشش نەپەس يوللىرىغىچە تەرەققە قىلىپ قاتتىق يۆتەل ۋە قىزىتما پەيدا قىلىدۇ. داۋالاش پىرىنسىپى              يۇقۇملىنىش ۋە ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش ھەمدە مىڭىنى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.يەككە دورا بىلەن داۋالاش1- رىتسىپ:سۇڭپىياز 3دانە،بەسەي كۆتىكى 3دانە،قۇمۇچ يىلتىزى 9گىرام.تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سىردا قاينىتپ تەمى ئېلىنىدۇ.شىپالىق رولى:يۇقۇملىنىش ۋە ياللۇغقا قارشى تۇرۇش.ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 30مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.2-رىتسىپ:خام گەج 15گىرام،جىمۇ 9گىرام،خام چۇچۇكبۇيا 6گىرام، گۇرۇچ ئۇچ چىمدىم.تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى سىردا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.شىپالىق رولى:ياللۇغ قايتۇرۇش.ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم ئىسسىق پېتى ئىچكۇزىلىدۇ.3-رىتسىپ:ئۆسما يىلتىىزى 9گىرام،قېرىق يۇپۇرماق 30گىرام.تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چىلاپ قاينىتپ تىرىپلىرىنى سۇزىۋىتىپ سۇيى ئېلىنىدۇ.شىپالىق رولى:ياللۇغ قايتۇرىدۇ.ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 30مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.4-رىتسىپ:رەيھانگۇل 6گىرام.تەييارلاش ئۇسۇلى:رەيھانگۇلنى پاكىزلاپ تەييارلىنىدۇ.شىپالىق رولى:زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە ئەھۋالغا قاراپ قايناقسۇغا دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىلىدۇ.5-رىتسىپ:سەرخەس 30گىرام،ئوسما يىلتىزى، يالپۇز 9گىرامدىن.تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ پىسىپىنى سۇزۇپ سۇيى ئېلىنىدۇ.شىپالىق رولى:ياللۇغ ۋە يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش.ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 30مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.6-رىتسىپ:گۇل بىنەپشە،بادىيان،بىخسۇس،ئەنجۇر مۇنىكى،پىرسىياۋىشان، زەنجىۋىل، گۇلقەنىت مۇۋاپىق مىقداردا.تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چىلاپ قاينىتىپ تەمى ئېلىنىدۇ.شىپالىق رولى:يۇقۇملىنىش ،ياللۇغقا قارشى تۇرۇش زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش.ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 60مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.7-رىتسىپ:سامساق 20گىرام،سىركە 100گىرام،ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.تەييارلاش ئۇسۇلى:سامساقنى يۇمشاق ئېزىپ سىركىگە بىر سوتكا چىلاپ كېيىن تىرىپلىرىنى سۇزىۋىتىپ دورا سۇيىگە باراۋەر مىقداردا ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.شىپالىق رولى:يۇقۇملىنىش ۋە ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش.ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 50مىللىلىتىردىن ئچىلىدۇ. مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش 1-رىتسىپ:زۇفا شەربىتى بېرىلىدۇ.تەركىۋى:(سوغۇقتىن بولغان زۇكامدا سۆزلەندى)2-رىتسىپ:لوئوقى بادام بېرىلىدۇ.تەركىۋى:(سوغۇقتىن بولغان زۇكامدا سۆزلەندى)3-رىتسىپ:لوئوقى سەرپىستان بېرىلىدۇ.تەركىۋى( ئىسسىقتىن بولغان زۇكامدا سۆزلەندى.)4-رىتسىپ:ئىتتىرىپىل ئۇستىقۇددۇس بېرىلىدۇ.تەركىۋى:ئۇستىقۇددۇس 20گىرام،بىستپايەج 10گىرام،سېرىق ئوت 20گىرام،قارا ھەلىلە 20گىرام،بەلىلە پوستى،ئامىلە مۇقەششەر20گىرامدىن،ھەلىلە پوستى 60گىرام،سانا،توربوت،نىشاستە،بادام مېغىزى 20گىرامدىن،شىكەر 150گىرام ھەسەل 800گىرام.تەييارلىنىشى:توربوتنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ياغىچىنى ئېلۋىتىپ باشقا دورىلار بىلەن بىرگە سوقۇپ تاسقاپ تالاقن قىلىنىپ بادام يېغى بىلەن ياغلاپ ھەسەلنى چەككىلەپ شىكەرنى سېلىپ تالقانلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدۇ.تەسىرى:مېڭىنى قۇۋەتلەش ،غەيرى تەبىئى بەلغەم،سەۋدا ماددىسىنى سۇرۇش،پىشۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.ئىشلىتىلىشى:باش ئاغرىقى،باش ئېسىلىش،ئۇيقۇسىزلىق،نىرۋا ئاجىزلىقى،چاچ ئاقىرىش،مڭە قان تۇمۇر قېتىش،غەيرى تەبىئى بەلغەم،سەۋدادىن بولغان كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە 2قېتىم 10گىرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.5-رىتسپ:ئىتتىرپىل زامانى بېرىلىدۇ.تەركىۋى:ئاقلانغان توربوت،يۇمغاقسۇت ئۇرىغى 50گىرامدىن،سېرىق ھەلىلە پوستى، ھەلىلە كابىەلى پوستى،قارا ھەلىلە،سوقمونىيا،گۇل بىنەپشە،بەلىلە پوستى،تازىلانغان ئامىلە،تاباشىر ،قىزىلگۇل،نېلۇپەر25گىرامدىن. ئاق سەندەل 90گىرام،كەتىرا 10گىرام،چىلان 20گىرام،بادام يېغى 25گىرام،ھەلىلە مۇرابباسى 300گىرام،ھەسەل 1500گىرام.تەييارلىنىشى:سوقمونىيا بىلەن كەتىرانى ئايرىم-ئايرىم سالايە قىلىپ چىلاننىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋىتىپ باشقا دورىلار بىلەن قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ بادام يېغى بىلەن ياغلاپ ھەسەلنىڭ كۆپۇكىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ھەلىلە مۇرابباسىنى قوشۇپ ئۇستىگە سوقمونىيا ۋە كەتىرالارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئاخىرىدا باشقا تالقانلارنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.تەسىرى؛مېڭىنى تازىلاش،غەيرى تەبىئى بەلغەم،سەۋدا ماددىسىنى سۇرۇش.ئىشلىتىلىشى:نېرۋا ئاجىزلىق،ئاشقازان ئاجىزلىقى،ئۇچەي توسۇلۇش،زۇكام نەزلە كېسەللىكلىرى ئۇچۇن ئىشلىتىلىدۇ.ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە 2قېتىم 10گىرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.6-رىتسىپ:ئىتتىرىپىل كەبىر بېرىلىدۇ.تەركىۋى:ھەلىلە پوستى ،سېرىق ھەلىلە پوستى،بەلىلە پوستى،قارا ھەلىلە، تازىلانغان ئامىلە،كېرەپشە ئۇرىغى 20گىرامدىن،شەتىرەنجى ھىندى، جۇۋىنە، يالپۇز25گىرامدىن،سۇمبۇل 10گىرام،ئاترىلال ،لاچىندانە ھىندى،دارچىن 10گىرامدىن، قارىمۇچ،ئاقمۇچ،نارمىشكى 15گىرامدىن،نەمەك ھىندى 12گىرام، نوشىدۇر 10گىرام، بادام يېغى 30گىرام ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.تەسىرى:توسالغۇلارنى ئېچىش،غەيرى تەبىئى بەلغەم سەپرا ماددىسىنى سۇرىدۇ، ئاشقازاننى كۇچەيتىدۇ.ئىشلىتىلىشى:نىرۋا ئاجىزلىقى،ئاشقازان ئاجىزلىقى،پەي ئاجىزلىقى،سەپرا مەنبەلىك ئىچى سۇرۇش،بەلغەم ماددىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان ئۇمۇمى بەدەن ئاجىزلىقى ئۇچۇن ئىشلىتىلىدۇ.ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە 2قېتىم 10گىرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.7-رىتسىپ:ئەرقى گاۋزىبان بېرىلىدۇ.تەركىۋى:گاۋزىبان 1كىلوگىرام،سۇ 6لېتىر.تەييارلىنىشى:گاۋزىبان پوستى پاكىزلاپ پار قازانغا سېلىپ ئۇستىدىن سۇ قۇيۇپ پارلاندۇرۇپ تامچىلىتىپ ئەرەق تەييارلىنىدۇ.تەسىرى:نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش،يۇرەكنى قۇۋەتلەش.ئىشلىتىلىشى:مالىخۇلىيا،نىرۋا ئاجىزلىقى،ئۆپكە سىلى،زىققە،تۇتقاقلىق كېسەل قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە 3قېتىم ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلىنىدۇ. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار             بىمار ئوڭدا ياتماسلىق، قىيمىلىق تاماقلارنى ئىستىمال قىلماسلىق لازىم،كۆپ مىقداردا سامساق ئىستىمال قىلىش ئاچچىق سۇنى قاينىتىپ ئۆي ئىچى بوسلىنىدۇ 
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • چىرىگەن چىشنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا ، راك كېسىلى پەيدا بولىدۇ

       ناچار غىزالىنىش ئادىتى ئاسانلا چىشنى چىرىتىدۇ . كۆپلىگەن كىشلەر چىش چىرىش ئەھۋالىغا پىسەنت قىلىپ كەتمەيدۇ . ئەمما بۇنداق پوزىتسىيە ئىنتايىن خەتەرلىك . چۈنكى چىرىگەن چىشنى ئۇزاق ۋاقىت داۋالىمىغاندا ، راك كېسىلىنى پەيدا بولىدۇ . چىرىگەن چىش قانداق قىلىپ...

  • قاداقنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى

       قاداق — پۇت–قوللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل تېرە كېسەللىكى بولۇپ ، مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن داۋالىغاندا تېز ساقايتقىلى بولىدۇ .    1. پىياز پوستى ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ . يەنى يېڭى پىيازنىڭ يىلتىزىغا يېقىن قىسىمىدىكى قاسىراقلىق جاينىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتى...

  • باللاردىكى كۆك يۆتەلنى داۋالاش

    1. 15گىرام خاسىڭ مېغىزى ، 1.5 گىرام قىزىل گۈل ، 15گىرام سۇقۇلغان تاۋۇز ئۇرقى ،30گىرام ناۋاتنى قۇشۇپ سۇدا قاينىتىپ سۇ ئورۇندا ئىچىكۈزۈش لازىم . 2. بىر دانە ئۆردەك تۇخۇمىغا 30گىرام ناۋات ،بىلەن ئازراق سۇ قۇشۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ يىگۈزۈش لازىم . 3.ئىككى دانە...

  • قانداق قىلغاندا ئۆزدىكى يۈرەك كىسلنى بايقغىلى بۇلىدۇ

    1.دۆڭگە ياكى پەلەمپەيگە چىققاندا ھاسىراش نەپەس قىيىنلىشش قاتارلىقلارنىڭ بار يوقلققىغا دىققەت قىلىندۇ . 2.تۇمۇر سوقۇش سانىنڭ بىر مىنۇتتا 100دىن ئاشقان- ئاشمىغانلىقىغا دىققەت قىلىندۇ . 3.تۇمۇر سوقۇشنىڭ توختاپ قېلىش ئەھۋالى بار -يوقلىقىغا دىققەت قىلىنىدۇ . 4...

  • قىزىتما قايتۇرغۇچ دۇرىلارنى قانداق ئىشلىتش كىرەك

    قىزىتما ئادەم بەدىنىدىكى مۇداپىيە خاراكتىرلىك رېئاكسيەسى بۇلۇپ بۇ كىسەلىك پەيدا قىلىدىغان باكىترىيەلەرىگە پايدسىز ، چۈنكى قىزىغاندا بەدەندىكى ئانتېتلار ( قارشى تەنچە ) كۆپيىپ ، ئاق قان ھۈجەيلىرنىڭ كىسەلىك پەيدا قىلىدىغان باكتىرىيەلەرنى يۇتۇش رولى ۋە زەھەر...

  • تۇخۇم شاكلىنىڭ شىپالىق رولى

    12بارماق ئۈچەي يارسىغا گىرىپتار بولغان كىشى ئاشقازانىڭ داۋاملىق ئاغرىپ تۇردىغانلقنى ھېس قىلىدۇ. بۇ ئاشقازاندىن ئاجرىلىپ چىققان زور مىقىتداردىكى ئاشقازان كىسلتاسنىڭ يارىغا ۋە نىرۋا ئۇچسىغا تەسىر قىلىپ ئاشقازان بولجىڭ گۆشلىرنىڭ تارتىشىپ قىلشنى كەلتۈرۈپ چىقا...

  • ياستۇقنى ئېگىز قۇيۇپ يېتىش چىش ئاغرىقىغا پايدىلىق

    ياستۇقنى ئېگىز قۇيۇپ يېتىش چىش ئاغرىقىغا پايدىلىق چىش كۈندۈزى ئاغرىسا ئانچە بىلىنىمەيدۇ،لېكىن كىچىسى ئاغرىسا چىدىغىلى بولمايدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ئادەم ياتقان چاغدا بەدەن گورزىنتال تەكشىلىك ھالىتىدە تۇرغاچقا ،باش قىسمىغا ئېقىپ بارغان قاننىڭ مىقد...

  • چوڭ مېڭە نېمىدىن قورقىدۇ....؟

    1 . ئۇزۇن مۇددەت زىيادە تويۇنۇشتىن قورقىدۇ ؛ دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەلدىكى كۆپلىگەن ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ تەتقىق قىلش ئارقىلىق تاماقنى زىيادە تويۇنۇپ يىگەندە، چوڭ مىڭىدىكى تالا بىخ ھۈجەيىرسىنى ئۆستۈرگۈچدەپ ئاتىلىدىغان ماددىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىشپ كىتدىغانلىقىنى باي...

  • مىڭىگە قان يېتىشمەسلىكىنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى

    مىڭىگە قان يىتىشمەسلىك كىسەللىكىنىڭ ئالامىتى بولسا بىمار چۈشكۈرىدۇ، ئاندىن كىيىن كۆڭلى ئىلىشقاندەك بولۇپ ، پۈتۈن بەدىنى بىئارام بولىدۇ، يۈرىكى ئاغرىيدۇ،كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ،تورلىشىپ، خۇدىنى يوقىتىپ يىقىلىدۇ. جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى-- 1- بىمارنىڭ بىشىنى...

  • نىمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ قاپىقى تارتىدۇ؟

    ئادەمنىڭ قاپىقى بەش قەۋەتتىن تەركىب تاپىدۇ. سىرتتىن ئىچىگە قارپ بىرىنچى قەۋىتى تىرە، ئىككىنچى قەۋىتى تىرە ئاسىتى توقۇلمىسى، ئۈچىنچى قەۋىتى پۈرمە مۈسكۇل، تۆتىنچى قەۋىتى قاپاق پلاستىنكىسى، بەشىنچى قەۋىتى قاپاق بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى دەپ ئاتىلىدۇ. پۈرمە مۇسكۇل...