ئاياللارغا 100 نەسىھەت 04

ۋاقتى:2010-08-02 18:00مەنبە: يوللىغۇچى:مۇجاھد چېكىلىشى:قىتىم
  


يىگىرمە بىرىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ۋاقىت ئەڭ ئادىل ۋە لىللا كىلىدۇ . ئۇ ئۆزىنى ھېچكىمگە ئارتۇق بېرىشنى خالىمايدۇ . بۇ ئەڭ ئادىل بولغانلىقى ئۈچۈنلا  ئىشچانلار بىلەن ھورۇنلارنى پەرق ئىتىشنىڭ سىناق تېشى بۇلۇپ قالغان . ئىشچانلار ۋاقىتنى ئۆزلىرى ئۈچۈن مىۋە بەرگۈزەلەيدۇ ، ھورۇنلار  ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۈپ ، قېرىپ ئاخىرى ئارماندا قالىدۇ . كىمكى مەڭگۈ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، بوشاشماي ئىشلىسە ، ۋاقىتنىڭ خۇجايىنى بۇلالايدۇ . ھەقنى سائەت بۇيىچە ھىساپلايدىغان ئادەملەر ھەقنى ئاي بۇيىچە ھىساپلايدىغان ئادەملەرگە قارىغاندا ، ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ چوڭغۇر ھېس قىلالايدۇ . چۇنكى ۋاقىتنى ياخشى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ، ئۆزىڭىزنى ھەقنى سائەت بۇيىچە ھىساپلايدىغان ئادەم دەپ قارىشىڭىز كېرەك ! ئىز تورى www.iz.la
يىگىرمە ئىككىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، بىر كۈندە 24 سائەت ۋاقىتتىن توغرا پايدىلىنىش ئۈچۈن ، تۆۋەندىكى بىر قانچە نوختىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرماق لازىم : بىرىنچى ، ئەتىگەندە ئورۇندىن دەرھال تۇرۇش ، ئىزىلىپ ئۇخلاۋەرمەسلىك كېرەك . ئىككىنچى ، ھەر كۈنلۈك كۈرەش نىشانىڭىز ئېنىق ، ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بۇلۇشى لازىم . كۈن بۇيى ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيدىغان ۋە ئۆگىنىدىغان بۇلۇشىڭىز كېرەك . ئۈچىنچى ، خىزمەتتە ، ئۆگۈنۈشتە ، ھەتتا كىشلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە يېڭى شەيئى ، يېڭى بىلىملەرنى بايقاشقا ۋە قۇبۇل قىلىشقا ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . تۆتىنچى ، ۋاقىتنى ئەھمىيەتسىز مىھماندارچىلىق ئۈچۈن سەرىپ قىلىۋەتمەسلىك كېرەك ، ۋاقىتنى جانلىق ئىشلىتىش ۋە ئىگەللەش لازىم ، تۇرمۇشنى بەك ئۆلۈكمۇ قىلىۋەتمەسلىك لازىم . ئىز تورى www.iz.la
يىگىرمە ئۈچىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئادەم خوش مۇئامىلىلىك بولغىنى بىلەن مىھرىبانلىقنى ، غەمگۇزارلىقنى بىلمىسە ، بىراۋنىڭ مۇشكۈلىنى ئاسان قىلماي ، پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلسە ، ئۇنداق ئادەم ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ . ئائىلىدىكى ئېتىبارسىزلىق ئەر كىشىنىڭمۇ ، ئايالنىڭمۇ كۆڭلىنى سوۋىتىدۇ . ئۇ چاغدا ئەر كىشى ئۆيگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەي چايخانىدا ، يار - بۇرادەر ، دوستلىرىنىڭكىدە ۋە باشقا جايلاردا يۈرۈشكە ئادەتلىنىدۇ ، شۇ تەرىققىدە ئاتا ، خوتۇن ۋە پەرزەنتلەر بىر - بىرىدىن يىراقلىشىپ بارىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن باشباشتاقلىق ۋە يامان ئاقىۋەتلەر مەيدانغا كىلىدۇ . بۇنداق ئائىلىدىكى پەرزەنتلەر لۈكچەك ، تەرتىپسىز ۋە مۇغەمبەر بۇلۇپ يىتىشىدۇ . ئاخىرىدا ئائىلىدىكى ئىناقسىزلىك كۈچۈيۈپ ، ئادەم بەخىتسىز ھايات ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بۇلىدۇ .

ئىز تورى بەك ياخشى

يىگىرمە تۆتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، تەغدىرچىلىك بىر خىل چىرىكلەشكەن ئېتىقاد ، كۈچلۈكلەر ئۇنى ھەرگىز قۇبۇل قىلمايدۇ . شۇڭا ، مەيلى قانداق شارائىتتا بولسۇن ، ھەرگىز روھىڭنى چۈشۈرمە ، ئارتۇقچە ئەندىشە قىلما ، كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار روھىڭغا ۋە ئىرادەڭگە زىيان يەتكۈزمىسۇن .  كۆز ئالدىڭدىكى ئازاپ ۋە بەخىتسىزلىكلەرنى كۆرۈپلا جاھاندىن تېزىپ كەتمە ، ئۇنىڭغا قەيسەرلىك بىلەن تاقابىل تۇرساڭلا ، تېخىمۇ پىشىپ يىتىلىسەن . ياشاش ئۈچۈن قەيسەرلىك ، ئىشەنچ بىلەن كۈرەش قىل ، شۇندىلا ھاياتتا ھەقىقىي خوشاللىقا ئېرىشەلەيسەن ، ئەكىسچە ، سەن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلىساڭمۇ ، لېكىن تەۋەككۈل قىلىشتىن ، ئۆلۈمدىن قورقساڭ ، ھەممە نەرسەڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن . ھەر قانداق بىر مىللەت ۋە شەخسكە بۇ پىرىنسىپ باب كىلىدۇ . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
يىگىرمە بەشىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، جىدەل - ماجرا ئۆكسىمەيدىغان ئائىلىدە ئۆسكەن بالىلارمۇ ياخشى تەربىيە ئالالمايدۇ . ئەر - خۇتۇن كۈنلەپ ، ھەتتا ئايلاپ بىر - بىرىگە ماي تارتىشىپ يۈرسە ، بالىنى تەربىيلەش ، كۈتۈش ۋە باشقۇرۇش ئىشى بىر چەتكە قايرىلىپ قالىدۇ - دە ، بالىنىڭ روھى چۈشكۈنلىشىپ ، زېھنى قۇۋىتى ئاجىزلاپ كىتىدۇ . ئاتا - ئانىلار بىر - بىرىنى ئەپسانە سۆزلەر بىلەن تىللىسا ، بالىلار بۇ ئەپسانە سۆزلەرنى ئۆگەنگەننىڭ ئۈستىگە ، « ئاتا - ئانام مۇشۇنداق كىشىلەر ئوخشايدۇ » دىگەن يامان تەسىراتنى ئېلىپ قالىدۇ - دە ، بالىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسىغا بولغان تۇنۇشى ئۆزگىرىپ ، مېھرى كۆتۈرلۈپ كىتىدۇ . بۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلار ئاغزى يامان ، ئەدەپسىز ، ئادەم تىللىغاق بۇلۇپ قالىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يىگىرمە ئالتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى مۇھەببەت بىلەن ئەدەپ - ئەخلاق قوشكىزەك بۇلۇپ ، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ . ئۇلار بىر - بىرىگە تايىنىپ كۆكلەيدۇ ۋە مىۋە بېرىدۇ . ھەر قانداق كىشىنىڭ قىلىۋاتقان سۆزىگە قاراپ ، ئۇ كىشىنىڭ روھى دۇنياسى ۋە ئەخلاق - پەزىلىتىگە باھا بەرگىلى بۇلىدۇ . چۇنكى  ، تىل ئىنسان قەلبىنىڭ ساداسى بۇلۇپ ، ئادەمنىڭ روھى دۇنياسى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

داۋامى بار....

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(5)
71.4%
ئالقىشلايمەن
(2)
28.6%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئانىڭىزنىڭ ئايىقىغا قاراپ باقتىڭىزمۇ؟

    ھەر قېتىم ئانامغا يېڭى ئاياغ ئېلىپ بەرگەندە ئۈچ يىل ئاۋۋالقى مۇنداق بىر ئىش كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. شۇ كۈنى سەھەردىلا ئاخشامدىن توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي يۇرتتىن كۆزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئاچامغا ھەمراھ بولۇپ بۇلاقبېشىدىكى«ھەدىيە كۆز كېسەللىكل...

  • قىزىم ساڭا ئېيتمەن

    قىزىم ساڭا ئېيتمەن ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن قىزىم ساڭا ئېيتىمەن مۇسۇلمان ئايالغا كىم قاچان تەربىيە بىرىدۇ ئۇنى كىم ۋە قاچان يەنى ئەقىللىق پاكىزە قەلىبى گۈزەل ھالغا يەتكۈزىدۇ؟ خوش ئەگەر بىزھەم ئاشۇ مۇنىسە ئاياللارغا ئو...

  • ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق توغىرىسدا

    ئىنسانغادۈشىمەن بولىدىغان يات قىلىقلاردىن بىر ۋەدىگە ۋاپ قلىماسلىقتۇر. بۇ بىر خىل ناچا ئىللەت بولۇپ، ئۆزىنىڭئابريى ،ئىززەت- ھۆرمىتىنى تۆكۈشتىن باشقا، يالغان ۋەدىگە ئىشەنگەن ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، دىلىنى ئاغرىتىدۇ. ئۇ كىشىدە ۋەدىگە ۋاپ قىلمىغان كى...

  • بالىلار يالغان سۆزلىسە قانداق قىلىش كىرەك...

    بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ سەۋەبى كۆپ بولسىمۇ ئومۇملاشتۇرغاندا، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرىشىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش؛ ئۆزىنى يلغان سۆزلەشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ ئۇنداقتا، بالىلار يلغان سۆزلىسە ئاتا- ئانىلار قانداق قى...

  • بالىلار يېتىلدۈرۈشكە تېگشلىك ساپا

        مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى يىقىندا بالىلار تۆۋەندىكى ساپالارغا ئىگە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى:     ئۆز –ئۆزىگە ئىشىنىش . ئۆز – ئۆزىگە ئىشىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا باراۋەر.     قىزغىنلىق . قىزغىنلىق بولغاندا ئالغا بېسىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بو...

  • ئاكتىپ روھى ھالەت سىزنى مۇۋاپىقىيەتكە باشلايدۇ

    (مۇلاھىزە ماقالە) مۇساجان تۇردى       ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا بىر قىسىم تىجارەتچىلەرنىڭ ‹‹سودىنىڭ تايىنى يوق ، باشقا ئىش قىلىپ باقسام بولامدىكىن ؟ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئۆتكۈزۈۋېتەيمىكىن ؟ تاپقان پۇل ئۆي ئىجارىسىگە چىقىشمايۋاتىدۇ . ھازىر ئالارمەندىن ساتارمە...

  • چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى

       ئامېرىكىدا : بالىنى ماختاش ئادەت    ئامېرىكىدا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى دائىم ماختاپ تۇرىدۇ . مەسىلەن: ‹‹بالام سىز بەك زېرەك!›› ،‹‹بەك ياخشى قىپسىز!›› ،‹‹ كاتتا ئىش قىلىپسىز!›› ، ‹‹سىز ئەڭ ياخشى!›› ، ‹‹سىز ئادەتتىكى بالا ئەمەس جۇمۇ!›› ، ‹‹سىزگە گەپ كە...

  • بالىغا ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرگەندە نېمىلەرگە دىقەت قىلىش كېرەك ؟

        1. بالىغا بىر نەچچە ئويۇنچۇقنى تەڭلا ئېلىپ بەرمەي ، ئالدى بىلەن بىر ئويۇنچۇقنى بېرىپ، بالا بۇ ئويۇنچۇقنى بىر مەزگىل ئوينىغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا ئويۇنچۇقنى بەرسە ،بالىنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.      2. نوقۇل ئالىي دەرىجىل...

  • بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە ھېكىمەتلەر

        بالىلارنى بەك ئەركىلىتىپ ۋە ئۇنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈۋالسىڭىز ھەم بېشىڭىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئائىلىڭىزنىڭ پادىشاھى قىلىۋالسىڭىز، تەبىئىيكى  بالىڭىز چوڭ بولغاندا سىز ئۇنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قالىسىز، چۈنكى پادىشاھتىن  ۋاپا تىلەش قۇرۇق خىيالدۇر.     بالىڭىز...

  • قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى

     پاتىمە ھۈسەن    بىزدە ‹‹ئەخلاقلىق قىز چېچەككە ئوخشايدۇ، ئەخلاقسىز قىز پېتەككە›› دېگەن سۆز بار. دېمەك، قىزلار ئۆزىدە ياخشى ئەخلاق دىيانەت ۋە قىزلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ قەدىرلەشكە ئېرىشەلەيدۇ ۋە ك...