بالىلارنى بەك ئەركىلىتىپ ۋە ئۇنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈۋالسىڭىز ھەم بېشىڭىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئائىلىڭىزنىڭ پادىشاھى قىلىۋالسىڭىز، تەبىئىيكى بالىڭىز چوڭ بولغاندا سىز ئۇنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قالىسىز، چۈنكى پادىشاھتىن ۋاپا تىلەش قۇرۇق خىيالدۇر. copyright by www.iz.la
بالىڭىزغا قونچاق، ماشىنا، ئايرۇپىلان ۋە ھەر خىل ھايۋانلارغا ئوخشىتىپ ياسالغان ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بەرسىڭىز، ئىككى، ئۈچ كۈن ئويناپ زېرىكىپ چۇۋۇپ تاشلىۋېتىدۇدە ، پۇلىڭىز ئىسراپ بولىدۇ. ئەمما ياخشى كىتاب – ژۇرناللارنى ئېلىپ بەرسىڭىز، بالىڭىزغا بۇرۇنراق ئەقىل كىرىدۇ، ئوقۇغان كىتانلاردىكى ھېكايىلەرنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ قالمايدۇ، يەنە كېلىپ بۇ كىتابلاردىن باشقىلارمۇ ئوقۇپ مەنپەئەت ئالالايدۇ! copyright by www.iz.la
كۆز ئالدىمىزدىكى كۆپلىگەن بەختىسىزلىكلەرنىڭ يىلتىزى – بالىنى كىچىكدىن باشلاپ ئۇنىڭ يامان خاھشلىرىنى تىزگىنلىمەي، نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىۋېلىشقا ئۆگەتمەسلىكتىن ئىبارەت.
بالا تۇغۇپ، قورسىقىنى بېقىپ، كىيىمىنى پۈتۈن قىلىپ چوڭ قىلىش ھەممە ئاتا – ئانىنىڭ قولىدىن كەلسىمۇ، بىراق ئۇنى جەمئىيەتكە ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش ھەممە ئاتا – ئانىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.
بالىغا كىچىكىدىن باشلاپ ياخشىلىق قىلىشنى قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، تەربىيىلەپ چوڭ قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلارغا بەختنى پەقەت شۇلارلا ئاتا قىلىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la