
قىزىم ساڭا ئېيتمەن
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
قىزىم ساڭا ئېيتىمەن
مۇسۇلمان ئايالغا كىم قاچان تەربىيە بىرىدۇ ئۇنى كىم ۋە قاچان يەنى ئەقىللىق پاكىزە قەلىبى گۈزەل ھالغا يەتكۈزىدۇ؟
خوش ئەگەر بىزھەم ئاشۇ مۇنىسە ئاياللارغا ئوخشاشنى ئىستىسەك قانداق قىلىشىمىز لازىم،
شۇنۇڭ ئۈچۈن ھەم مۇسۇلمان قىزلىرىغا ئۆز ئائىلىسىنىڭ سىرۇ ئەسرارلىرىنى ئېچىپ بەرگەن مۆئمىن ئانىنىڭ سۆزلېرىگە قۇلاق سالىمىز.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئۆز ئائىلىسى شىرىن تۇرمۇش قۇرۇش ۋە ئۇنى چىرايلىق باشقۇرۇش ئۈچۈن ھەربىر ئاقىلە خانىمغا ۋە تۇرمۇشقا چىققۇچى ئەقىللىق قىزغا ئۇشبۇ ھىكمەتلىك سۆزلەر، سۇ-ۋە-ھاۋاغا ئوخشاش زۈرۈردۇر.
مۆئىمىن ئانىلار قىزلىرىغا شۇنداق نەسىھەتلەرنى قىلىدۇكى، ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرى ئون ھىكىمەتلىك سۆزگە بۆلەنگەن، ئۇلارنىڭ ھەربىرى خۇددى ئۆينىڭ تۈرىكىگە ئوخشاش ئائىلىنى مۇستەھكەملەيدۇ، قايسى بىرى سىنسا ياكى دەزكەتسە بۇ ئۆيدە تۇرۇش خەۋىپلىك ئىشتۇر، كىلىڭ مانا شۇ ئون ھىكمەتلىك سۆزگە قۇلاق سالايلى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1. قانائەت چان بول ئۆزھالىڭغا شۈكۈرقىل يەنى ئىرىڭ ئۆيگە نىمىنىكى ئېلىپ كەلسە ئۇ قانداقكى يەيدىغان ياكى كىيىدىغان نەرسە بولسۇن خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىل ئىرىڭغا تەشەككۈر ئېيتىپ خوشاللىقىڭنى كۆرسەت.توغرسى بەخىتلىك ھايار كەچۈرمەكنىڭ بىر يولى ئۆزھالىڭغا شۈكۈر ئېتماقلىقىتۇر.
2. ئىرىڭغا ئىتائەت قىل. قىل دېگەن ئىشلارنى قىل، قىلما دىگىنىنى قىلما يەنى ئىرىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇلاقەت تابۇغاندا ئىتائەتلىك بۇلۇشۇڭنى ئۇنىڭ سۆزىلىرىنى ئەدەپ بىلەن تىڭشاپ ئادا ئېتىشىڭنى سىنىڭ سۆزلىشىپ قۇلاق سېلىشىڭدىن چۈشىنىۋالىدىغان بولسۇن، ئەگەر شۇنداق بولساڭ ئاللاھتائالا سەندىن رازى بولىدۇ، ئۆيۈڭ سائادەت نۇرىدىن پارلاق بولىدۇ.
3. ئىرىڭنىڭ كۆزى چۈشىدىغان جايلارغا ياخشى ئىتبار بەر، يەنى ئۆينىڭ ئىچى ۋە تاشقىرىسىنى ناھايىتتى پاكىزە قىل شۇنداق قىلكى ئىرىڭنىڭ كۆزىگە مەينەت يەر كۆرۈنمىسۇن. ئىز تورى www.iz.la
4. ئۈستى بېشىڭنى پاكىزە قىل ئىرىڭ پەقەت خۇشبۇينى سەزسۇن دىمىغىغا يامان ھىد كەلمىسۇن چۇنكى يامان ھىدلار ئىرىڭنىڭ كۆزقارشىدا سىنىڭ ئابرويۇڭنى چۈشۈرىدۇ سەندىن يىرگىنىشىگە سەۋەپ بولىدۇ شۇنى ياخشى بىلگىنكى تازىلىق ۋە مۇلايىملىق ئەڭ ياخشى نەرسىلەردۇر، ئىنسان كۆزىگە خوش كۆرۈنىشلىك شۇلار بىلەندۇر.
5. تاماقنى ۋاختىدا تەييارلا يەنى تاماقلىنىش ۋاقتىنى ھېچقاچان كىچىك كۆرمە ئىرىڭ قاچان تاماقلىنىشقا ئادەتلەنگەن بولسا شۇ ۋاقىتقا تاماقنى تەييارلىغىن ئۇ كىلىشى بىلەن دەستۇرخان سال شۇنى ياخشى بىلگىنكى ئاچلىق ئادەمنىڭ تىز ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ.
6. ئىرىڭنىڭ مال ۋە ئەشياسىغا ناھايىتى ئىتىبارلىق بول يەنى ئىرىڭنىڭ مالدۇنياسىنى ياخشى ساقلا ئەشيالىرىنى ئاۋۋال مۇھاپىزەت قىلغىن چۈنكى ئۇنىڭ مالدۇنياسى سىنىڭكىدۇر، ئىرىنىڭ مالدۇنياسىنى ئىسراپ ئەتمەسلىك ئىش بىلىش ۋە قەدىرىگە يىتىش دېمەكتۇر.
7. ئىرىڭنىڭ قىرىندىشى ۋە يىقىنلىرىغا ھۆرمەت كۆرسەت، يەنى ئىرىڭنىڭ قىرىندىشى ۋە يىقىنلىرىغا ھۆرمەت ئىرىڭنىڭ ئىتىبارىنى قازانماق دىمەكتۇر، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىش ئىرىنى ھۆرمەت قىلىش دىمەكتۇر بۇ بولسا تەسىر ۋە ئىتىبار قازىنىشتۇر. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
8.ئىرىڭنىڭ مەخپيەتلىكىنى باشقىلارغا ئېيتما، يەنى ئىرىڭنىڭ بەزى سىرلىرىنى بىلگەن ۋاختىڭدا ئىھتىيات بۇلۇپ ئۇنى ساقلا بىراۋلارغا ئېيتىپ يۈرمە، ئەگەر ئېيتىپ قويساڭ ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويىسەن ئىشەنچىسىنى يوقىتىسەن بۇرنۇڭدا تۈزلۈپ تۇرغان ئائىلەڭ بۇزۇلىدۇ.
9. ئىرىڭنىڭ دىنغا توغراكىلىدىغان بارچە بۇيرۇقلىرىنى ئاداقىل، يەنى ئىرىڭنىڭ دىنغا توغرا كىلىدىغان بارچە بۇيرۇقلىرىنى ئاداقىلشتا دىلىغۇل بولما ھېچقاچان ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىتائەتسىز ھەركەتتە بولمىغىن ئەگەرشۇنداق بىر ھەرىكەت بولسا ساڭا غۇم ساقلاپ ئاخىرى ساڭا دۈشمەن بولىدۇ، ئۇ ساڭا دۈشمەنلىك يولىنى تۇتسا سەن كۆپ زەرەر كۆرىسەن ۋە قولۇڭدىن ھىچ نەرسە كەلمەيدۇ.
ئىز تورى www.iz.la
بۇ ئون ھىكمەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى چىن سائادەت بەخت سەۋەپچىسى بولسا ئەجەپ ئەمەس ھەرھالدا بۇلارنى بىجىرىش بىزلەرگە بىجىرمەسلىكتىن كۆرە كۆپرەك بەخىتلىك ئىشلارنى تەقدىر ئېتىشى ئىنىق شۇنداق ئىكەن جەمىيىتىمىز مۇستەھكەم ۋە بەخىتلىك ئائىلىلەرگە ئۆز مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ھېس ئېتىپ ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا پايدىلىق بولىشىنى ئارزۇقىلىمىز شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسلاھ قىلىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىساق باشقىلارنىڭ بۇنىڭغا ئەگىشىشى ئىنىق ياخشىلىقلىرىمىز زىيادە بولىۋەرسۇن.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى