ئاكتىپ روھى ھالەت سىزنى مۇۋاپىقىيەتكە باشلايدۇ

ۋاقتى:2009-10-02 16:04مەنبە: يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
  

(مۇلاھىزە ماقالە)
مۇساجان تۇردى بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

      ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا بىر قىسىم تىجارەتچىلەرنىڭ ‹‹سودىنىڭ تايىنى يوق ، باشقا ئىش قىلىپ باقسام بولامدىكىن ؟ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئۆتكۈزۈۋېتەيمىكىن ؟ تاپقان پۇل ئۆي ئىجارىسىگە چىقىشمايۋاتىدۇ . ھازىر ئالارمەندىن ساتارمەن بەك جىق ، تۆلەيدىغان ھەقنىڭ كۆپلۈكى. ئەتىگەندىن كەچكىچە مانا مۇشۇنچىلىك سودا قىپتىمەن.... تىجارەتتىن رايىم بەك يېنىپ كەتتى....›› دېگەندەك ۋايساشلىرىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمەن . بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ تىجارەتكە يېڭىلا كىرىشكەنلىكىنى ، سودىغا خاملىقى ، بازار رىقابىتىنىڭ ئىسسىق–سوغاقلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكى ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئىرادىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۈرۈۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس. ئامېركىلىق مۇۋەپپەقىيەت ئىلمىنىڭ پىشىۋاسى ناپولئىن خېئول مۇنداق دەيدۇ: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
‹‹ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ روھى ھالىتىنى بولۇپمۇ ھالقىلىق پەيىتتىكى روھى ھالىتىنى تەپسىلى كۈزۈتۈپ ، ئۆز ئارا سېلىىشتۈرۈپ كۆرۈدىغان بولساق‹ روھى ھالەت› نىڭ كىشىلەر تۈرمۇشىغا تامامەن ئوخشىمايدىغان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقايمىز. مەسلەن ، ياۋروپالىق ئىككى سودىگەر خۇرۇم ئاياق سېتىش ئۈچۈن ئافرىقىغا بېرىپتۇ . ھاۋا بەك ئىسسىق بولغانلىقتىن ئافرىقىلىقلار يالاڭ ئاياق يۈرۈدىكەن . مال ساتقۇچىلارنىڭ بىرىنچىسى ئافرىقىلىقلارنىڭ يالاڭ ئاياق يۈرگەنلىگىنى كۈرۈپ:
     - بۇ ئادەملەر يالاڭ ئاياق يۈرۈدىغان تۇرسا ، خۇرۇم ئاياقنى ئالامتى؟ دەپ ئويلاپتۇ دە ، ئۈمىدسىزلىنىپ ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي مەيۈسلىنىپ كېتىپ قاپتۇ. يەنى بىر مال ساتقۇچى بولسا ، ئافرىقىلىقلارنىڭ يالاڭ ئاياق يۈرگەنلىگىنى كۆرۈپ ، بۇلارنىڭ كىيىدىغان ئايىغى يوقكەن ، بۇ يەرنىڭ ئاياق بازىرى ھەقىقەتەن قالتىسكەن دەپتۇ دە ناھايىتى خوشاللىنىپ ، ھەرخىل، ئامال چارىلەرنى قوللىنىپ ، ئافرىقىلىقلارنى ئاياق سېتىۋىلىشقا يېتەكلەپتۇ ھەم باي بولۇپ قايتىپتۇ . مانا بۇ كۆز قاراشتىكى ئوخشىماسلىقنىڭ ئاسمان زېمىن پەرىقلىق ئېلىپ كەلگەنلىكى. دېمەك ، ئوخشاشلا ئافرىقا بازىرى ، ئوخشاشلا يالاڭ ئاياق ئافرىقىلىقلار ، ئەمما كۆز قاراشتىكى ئوخشىماسلىق تۈپەيلىدىن بىرسى ئۈمىدسىزلىنىپ قۇرۇق قول قايتىپ كەتكەن. يەنە بىرسى تولۇق ئىشەنچكە كېلىپ ، زور ئۇتۇق قازانغان ›› . ‹‹تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى قىيىنچىلىققا يولۇقسا ، ئوڭايلا چېكىنىش يولىنى تاللايدۇ ›› ، ‹‹مەن بولالمىدىم›› ، ‹‹چېكىنەي››دەپ ئويلايدۇ دە ، نەتىجىدە مەغلۇبىيەت ھاڭىغا چۈشۈپ كېتىدۇ...مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئاكتىپ روھى ھالەتتە بولىدۇ. ‹‹مەن قىلاي ، مەن قىلالايمەن›› ، ‹‹چوقۇم ئامال بار››دېگەنگە ئوخشاش ئويلار بىلەن ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل ئامال چارە تېپىپ ، تاكى غەلبە قىلغانغا قەدەر توختىماي ئىلگىرلەيدۇ. كەشپىياتچى ئىدىسۇن نەچچە مىڭ قېتىم مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ، مەغلۇبىيىتىگە ھەرگىز تەن بەرمەي ، دۇنياغا يۇرۇقلۇق ئاتا قىلغان لامپۇچكىنى ئاخىر ئىجاد قىلغان . شۇڭا تىجارەتچىلەر ئۈمۈتۋار ، ئاكتىپ روھى ھالەتتىن ئىبارەت بۇ خىل ئەڭگۈشتەرنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىشى ، ئۆز قابىلىيىتىگە ماس كەسىپلەرنى تاللىشى، ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈشى، ‹‹ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن›› ، ‹‹يىغا بىلەن تىرىشساڭ ، كۈلكە بىلەن ھوسۇل يىغىسەن››دېگەن ھىكمەتلەرنى تىجارەت مىزانى قىلىشى ، قىينچىلىقلار ئالدىدا بەل قويۇۋەتمەي ، داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم . ئەنە شۇنداق قىلغاندىلا قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن مۇۋەپپەقىيەتنىڭ نۇرلۇق سەھىرى كۈلۈمسىرەپ باقىدۇ...

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئانىڭىزنىڭ ئايىقىغا قاراپ باقتىڭىزمۇ؟

    ھەر قېتىم ئانامغا يېڭى ئاياغ ئېلىپ بەرگەندە ئۈچ يىل ئاۋۋالقى مۇنداق بىر ئىش كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. شۇ كۈنى سەھەردىلا ئاخشامدىن توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي يۇرتتىن كۆزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئاچامغا ھەمراھ بولۇپ بۇلاقبېشىدىكى«ھەدىيە كۆز كېسەللىكل...

  • قىزىم ساڭا ئېيتمەن

    قىزىم ساڭا ئېيتمەن ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن قىزىم ساڭا ئېيتىمەن مۇسۇلمان ئايالغا كىم قاچان تەربىيە بىرىدۇ ئۇنى كىم ۋە قاچان يەنى ئەقىللىق پاكىزە قەلىبى گۈزەل ھالغا يەتكۈزىدۇ؟ خوش ئەگەر بىزھەم ئاشۇ مۇنىسە ئاياللارغا ئو...

  • ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق توغىرىسدا

    ئىنسانغادۈشىمەن بولىدىغان يات قىلىقلاردىن بىر ۋەدىگە ۋاپ قلىماسلىقتۇر. بۇ بىر خىل ناچا ئىللەت بولۇپ، ئۆزىنىڭئابريى ،ئىززەت- ھۆرمىتىنى تۆكۈشتىن باشقا، يالغان ۋەدىگە ئىشەنگەن ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، دىلىنى ئاغرىتىدۇ. ئۇ كىشىدە ۋەدىگە ۋاپ قىلمىغان كى...

  • بالىلار يالغان سۆزلىسە قانداق قىلىش كىرەك...

    بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ سەۋەبى كۆپ بولسىمۇ ئومۇملاشتۇرغاندا، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرىشىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش؛ ئۆزىنى يلغان سۆزلەشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ ئۇنداقتا، بالىلار يلغان سۆزلىسە ئاتا- ئانىلار قانداق قى...

  • بالىلار يېتىلدۈرۈشكە تېگشلىك ساپا

        مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى يىقىندا بالىلار تۆۋەندىكى ساپالارغا ئىگە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى:     ئۆز –ئۆزىگە ئىشىنىش . ئۆز – ئۆزىگە ئىشىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا باراۋەر.     قىزغىنلىق . قىزغىنلىق بولغاندا ئالغا بېسىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بو...

  • ئاكتىپ روھى ھالەت سىزنى مۇۋاپىقىيەتكە باشلايدۇ

    (مۇلاھىزە ماقالە) مۇساجان تۇردى       ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا بىر قىسىم تىجارەتچىلەرنىڭ ‹‹سودىنىڭ تايىنى يوق ، باشقا ئىش قىلىپ باقسام بولامدىكىن ؟ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئۆتكۈزۈۋېتەيمىكىن ؟ تاپقان پۇل ئۆي ئىجارىسىگە چىقىشمايۋاتىدۇ . ھازىر ئالارمەندىن ساتارمە...

  • چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى

       ئامېرىكىدا : بالىنى ماختاش ئادەت    ئامېرىكىدا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى دائىم ماختاپ تۇرىدۇ . مەسىلەن: ‹‹بالام سىز بەك زېرەك!›› ،‹‹بەك ياخشى قىپسىز!›› ،‹‹ كاتتا ئىش قىلىپسىز!›› ، ‹‹سىز ئەڭ ياخشى!›› ، ‹‹سىز ئادەتتىكى بالا ئەمەس جۇمۇ!›› ، ‹‹سىزگە گەپ كە...

  • بالىغا ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرگەندە نېمىلەرگە دىقەت قىلىش كېرەك ؟

        1. بالىغا بىر نەچچە ئويۇنچۇقنى تەڭلا ئېلىپ بەرمەي ، ئالدى بىلەن بىر ئويۇنچۇقنى بېرىپ، بالا بۇ ئويۇنچۇقنى بىر مەزگىل ئوينىغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا ئويۇنچۇقنى بەرسە ،بالىنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.      2. نوقۇل ئالىي دەرىجىل...

  • بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە ھېكىمەتلەر

        بالىلارنى بەك ئەركىلىتىپ ۋە ئۇنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈۋالسىڭىز ھەم بېشىڭىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئائىلىڭىزنىڭ پادىشاھى قىلىۋالسىڭىز، تەبىئىيكى  بالىڭىز چوڭ بولغاندا سىز ئۇنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قالىسىز، چۈنكى پادىشاھتىن  ۋاپا تىلەش قۇرۇق خىيالدۇر.     بالىڭىز...

  • قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى

     پاتىمە ھۈسەن    بىزدە ‹‹ئەخلاقلىق قىز چېچەككە ئوخشايدۇ، ئەخلاقسىز قىز پېتەككە›› دېگەن سۆز بار. دېمەك، قىزلار ئۆزىدە ياخشى ئەخلاق دىيانەت ۋە قىزلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ قەدىرلەشكە ئېرىشەلەيدۇ ۋە ك...