ئانىڭىزنىڭ ئايىقىغا قاراپ باقتىڭىزمۇ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەمەت ھۈسەن ئىز تورى www.iz.la
ئاپتور: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاگرانومىيە ئىنىستىتۇتى زىرائەت ئېكولوگىيىسى كەسپى 2006-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى
ھەر قېتىم ئانامغا يېڭى ئاياغ ئېلىپ بەرگەندە ئۈچ يىل ئاۋۋالقى مۇنداق بىر ئىش كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. شۇ كۈنى سەھەردىلا ئاخشامدىن توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي يۇرتتىن كۆزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئاچامغا ھەمراھ بولۇپ بۇلاقبېشىدىكى«ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى» غا كەلدۇق.
بىز نومۇر ئېلىپ بولۇپ، كارىدوردىكى نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇق. ئالدىمىزدا 17 ئادەم بار ئىدى. مەن ئولتۇرغاچ ئادىتىم بويىچە ئەتراپىمدىكىلەرگە سەپسېلىپ قاراشقا باشلىدىم. دىققىتىمنى يېنىمدىلا ئولتۇرغان ياغلىقنى چۆكۈرۈپ چىگىۋالغان، چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان 35 ياشلاردىكى بىر ئايال تارتتى. ئۇ سەككىز-توققۇز ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالىنى قۇچاقلىغىنىچە ئولتۇراتتى. ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا كونىراپ كەتكەن يوغان بىر سومكا قويۇلغانىدى. قارىغاندا بۇ ئايال ئۇزۇن سەپەردىن ئۇدۇللا بۇ يەرگە كەلگەندەك قىلاتتى. ئايال پات-پات چوڭقۇر-چوڭقۇر تىنىپ قوياتتى. ئۇنىڭ بىر نۇقتىغا تىكىلگەن كۆزلىرىدە بىلىنەر-بىلىنمەس ياش تامچىلىرى يالتىرايتتى. ئوغۇل بولسا ئانىسىنىڭ سۈرۈۋاتقان خىياللىرىدىن بىخەۋەر ئۇنىڭغا چىڭ چاپلاشقىنىچە تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.
بىزگىمۇ نۆۋەت كېلىپ قالغانىدى، سېسترا قىز، «17-نومۇر» دەپ توۋلىدى. 17-نومۇر دەل مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرغان ھېلىقى ئايال ئىدى. بىز 18-نومۇر بولغاچقا بىزمۇ ئۇ ئايال بىلەن تەڭلا ئىشىك تۈۋىگە قاراپ ماڭدۇق. ئايال بالىسىنى كۆتۈرگەن پېتى تەكشۈرۈش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. تەكشۈرۈش ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە نېپىز بىر قەۋەت پەردە تارتىلغاچقا ئىچىدىكى بولۇنغان گەپ-سۆزلەر ئېنىق ئاڭلىناتتى.
www.iz.la
−بالىنىڭ كۆزىنى نېمىشقا بالدۇرراق داۋالاتمىغانتىڭىز؟−بۇ ھەدىيە خانىمنىڭ ئاۋازى ئىدى.
ئايال دەل شۇ سوئالنى كۈتۈپ تۇرغاندەك يىغلاپ تاشلىدى ۋە ئېسەدەپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى.
ئايال جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىن بولۇپ، ئوغلى باشلانغۇچنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن. ئۆيىدە يەنە بىر قىزىمۇ بار ئىكەن. ئوغلى تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئېرى تۇيۇقسىز تۈگەپ كېتىپتۇ.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ زېممىسىگە ئۆي ئىشىدىن باشقا يەنە ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرى چۈشۈپتۇ. ئوغلىنىڭ بىر كۆزىگە ئىككى يىل بۇرۇن ئاق چۈشكەنىكەن.ئۇيەر-بۇيەرلەردە خېلى داۋالىتىپ بېقىپتۇ، لېكىن ھېچقانداق ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەننى ئاز دەپ تاپقان-تەرگىنىنىڭ ھەممىسى تۈگەپتۇ.يەنە خېلى كۆپ قەرزمۇ بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆتكەن يىلى باشقىلاردىن ئون مو يەرنى نېسىگە سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ بەش مو يېرىگە قوشۇپ ھەممىسىگە كېۋەز تېرىپ، ئېتىزلىقتا يېتىپ-قوپۇپ دېگۈدەك ئىشلەپتۇ.قىلغان ئەجرىگە يارىشا كېۋەزلىرى شۇنداق ئوخشاپتۇ. كۈزدە پاختىلىرىنى سېتىپ بارلىق قەرزلىرىنى قايتۇرۇپ يۇرتتىن بالىسىنى بۇ يەرگە داۋالاتقىلى ئېلىپ كەپتۇ.
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بوغۇزۇم ئېچىشقاندەك بولدى. ئاچامغا قارىسام ئۇنىڭ كۆزلىرىدىمۇ ياش لىغىرلاپ قاپتۇ. نېمە دېگەن ئۇلۇغ ئانا-ھە! ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىم تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ كۆزۈمگە چىلىققان يەنە بىر كۆرۈنۈش ئايالغا بولغان ھېسداشلىقىمنى ئاشۇردى.ئۇ تەكشۈرۈش ئۆيىدىن چىقىپ سومكىسىنى ئالغىلى كەلگەندە بىرى قارا دېگەندەك ئۇنىڭ كىيىۋالغان ئۆتىكىگە كۆزۈم چۈشتى. ئۇنىڭ قاراشتىلا ئەرزان باھالىقلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ئۆتىكىنىڭ بىر پېيىنىڭ پاشنىسى يوق تۇراتتى.
−ئاھ، ئانىلار،−نىدا قىلدىم ئىچىمدە. شۇ تاپتا كۆز ئالدىمغا بۇ ئايالنىڭ كېۋەزلىكتە يالاڭ ئاياغ يالغۇز ئىشلەۋاتقانلىرى، پاشنىسى چۈشۈپ قالغان ئۆتىكى بىلەن بىر قولىدا بالىنى، بىر قولىدا يوغان سومكىنى كۆتۈرۈپ يامغۇرلۇق كوچىدا مېڭىۋاتقانلىرى، پەلەمپەيلەردىن چىقىپ-چۈشىۋاتقانلىرى كەلدى.
شۇنداق، پەقەت ئانىلاردىلا مۇشۇنداق ئىرادە، پەزىلەت، چىدام، غەيرەت بولىدۇ. پەقەت ئانىلارلا مۇشۇنداق مىننەتسىز بولىدۇ.
دوستۇم، سىزمۇ قاراپ بېقىڭ، ئانىڭىزنىڭ ئايىقىنىڭ پاشنىسى ئۇپراپتىمۇ؟ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
copyright by www.iz.la
(تۈگدى)