2 ياشلىق بالىنىڭ ئەركىلىشى سەۋەب بولغان قاتىللىق....

ۋاقتى:2010-10-01 10:54مەنبە: يوللىغۇچى:دەرتمەن يېگىت119 چېكىلىشى:قىتىم
  

             2 ياشلىق بالىنىڭ ئەركىلىشى سەۋەب بولغان قاتىللىق......

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئەسئەت ئىلگىرى جىدەل دېسە، پۇلغا سېتىۋالىدىغانلارنىڭ بىرى ئىدى، بىراق ئۇنى تۇرمۇش ئۆزگەرتتى. ئۇ ئۆيلىنىپ، ئايالى ۋە بالىسىنىڭ مۇھەببىتى تۈرتكىسىدە بۇرۇنقى يامان خۇيلىرىنى تاشلاپ، گۇما ناھىيە بازىرىدا ئاشخانا ئېچىۋالدى. بۇ 16-سىنتەبىر ئەسئەتنىڭ ئاشخانىسىغا ئۇنىڭ بىلەن بىر مەھەللىلىك قايىت بىلەن سېتىۋالدى كىردى. شۇ ئارلىقتا ئەسئەت ئىككى ياشلىق ئوغلى ئېرپاننى يېتىلەپ، قايىت بىلەن سېتىۋالدىنىڭ يېنىغا كېلىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇردى. بىر چاغدا ئېرپان ئەركىلەپ، ئەسئەتنىڭ بارمىقىنى چىشلىمەكچى بولدى.
- بالام، قولۇمنى چىشلىمە، -دېدى ئەسئەت. بۇ چاغدا سېتىۋالدى: تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
- كېلە بالام، مېنىڭ قولۇمنى چىشلىگىنە، -دېدى، ئېرپاننى يېنىغا تارتىپ.
- بالام ئۇنىڭ مەينەت قولىنى چىشلىمە، -دېدى قايىت مەقسەتسىزلا.
قايىتنىڭ شۇ بىر ئېغىز گېپى بىلەن جىدەل باشلىنىپ كەتتى.
- كىمنىڭ قولى مەينەتكەن؟ مەينەت بولسا ئۆزىمىز كۆتۈرىمىز ئاداش، بىرسىگە ئارتىپ قويمىدۇق، ئۆتكەندىمۇ ماڭا ئۇشۇقلۇق قىلغانتىڭ، بۈگۈن يەنە ئېتىشىسەنغۇ؟ -دېدى سېتىۋالدى ئورنىدىن تۇرۇپ.
- مۇنداقلا دەپ قويغان، نىمانچە قىلىسەن، گېپىڭ بار ئوخشىمامدۇ؟ -قايىتمۇ ئورنىدىن تۇردى. ئىككەيلەن بىر-بىرىگە خورازدەك ھۈرپىيىشىپ، ئاشخانا ئىچىدىلا ياقا سىقىشتى. سېتىۋالدى قايىتتىن بەستىلىك بولغاچقا، ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، بىر مۇشت بىلەن قايىتنىڭ كالپۇكىنى يېرىۋەتتى. قايىتمۇ بوش كەلمىدى، ئۇ سەكرەپ چىقىپ، بىر مۇشت بىلەن سېتىۋالدىنىڭ ئاغزى-بۇرنىنى قان قىلدى. شۇ ئارىدا سېتىۋالدى بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقلىپ كەتتى. قايىت پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ساپلۇق بىلەن سېتىۋالدىنىڭ بېشىنى ئۇرۇپ يېرىۋەتتى. www.iz.la
جىدەل تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ، ئىككىيلەن قوللىرىغا پىچاق ئېلىشتى. بۇ چاغدا ئەسئەت ۋە باشقىلار ئۇلارنى ئاجرتىۋەتتى. قايىت بىر نىمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشىغىنىچە ئۆيىگە ماڭدى. ئاشخانىدا قالغان سېتىۋالدى ئاچچىقىدا ئۇياقتىن بۇياققا ماڭغىلى تۇردى. ئۇ شۇ يوغان بەستى بىلەن جەينەكتەك بىرسىدىن تاياق يېگەنلىكىگە نومۇس قىلدىمۇ-قانداق، ئۆيىدىكىلەرگە تېلىفۇن بەردى.
- ئاتا، قايىت دېگەن ھارامزادە بېشىمنى يېرىۋەتتى، ئاغا-ئىنىلىرىمنى چاقىرغىن، قايىتنى ئەدەپلەپ قويايلى!-دېدى.
60 ياشقا كىرىپ قالغان ئاۋۇت ئاخۇن بالىسىغا تەربىيە قىلىشنىڭ ئورنىغا، سېتىۋالدىنىڭ ئاكىسى ساتتار، ئىنىسى ساۋۇتنى باشلاپ قايىتنىڭ ئۆيىگە باردى. سېتىۋالدى ئاللىقاچان كېلىپ بولغانىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەسئەت سېتىۋالدىنىڭ قوشۇن تارتىپ كەلگەنلىكىگە قاراپ، دەرھال گۇما ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە تېلېفۇن بەردى.  ئاڭغىچە بۇ ئاغا-ئىنىلەر قايىتنىڭ ئىشىكىنى تېپىپ، مۇستلاشقا باشلىدى. ئۇلار قايىت ئۆيدىن چىقىشىغا مۇشت-پەشۋانى ياغدۇرۋەتتى. بۇ چاغدا قايىت يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ شىلتىغىلى تۇردى. بۇ جەرياندا سېتىۋالدىنىڭ دۈمبە، بېقىنى، ساتتارنىڭ كانىيى زەخمىلەندى.
ساقچىلار دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۋېلىپ نەق مەيدانغا كەلگەندە، سېتىۋالدى بىلەن ساتتار قانغا مىلىنىپ ياتاتتى. ساقچىلار ئىككىيلەننى دەرھال قاغىلىق ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى، بىراق سېتىۋالدى قاغىلىق ناھىيسىگە بارغۇچە جان ئۈزدى، ساتتار بەختكە يارىشا دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۋېلىندى.

ئىز تورى بەك ياخشى


گۇما ناھىيسى 17-سىنتەبىر جىنايەت گۇمەندارى قايىتنى توختۇتۇپ قويدى.
ئاۋۇت ئاخۇن نەچچە كۈندىلا ئون نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك مۈكچىيىپ قالدى. ئېنىقكى، ئۇ ئوغلىنى بۇ بالا-قازادىن توسۇشنىڭ ئورنىغا شامال چىقىرىپ بەرگىنى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئازاپلىنىدۇ، بىراق بۇنىڭ ئەمدى نېمىگە پايدىسى، چۈنكى ئۇ بۈگۈنكى ئازاب بىلەن ئوغلىنى تىرىلدۈرمەيدۇ-دە! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

كىچىكىنە بىر ئىشلاردىن چوڭ ۋەقەلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىلار تەربىيەسىنى ياخشى قىلىشىمىز ، ئاتا- ئانا بولغىچى بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز ، ھەربىر ئىش ھەركتىگە كۆز قۇلاق بۇلۇشىمىز . بۇنداق قىلىغاندا بالىلار تەرتىپلىك ئۆسۈپ يىتىلەلەيدۇ .

www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
75%
ئالقىشلايمەن
(1)
25%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئانىڭىزنىڭ ئايىقىغا قاراپ باقتىڭىزمۇ؟

    ھەر قېتىم ئانامغا يېڭى ئاياغ ئېلىپ بەرگەندە ئۈچ يىل ئاۋۋالقى مۇنداق بىر ئىش كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. شۇ كۈنى سەھەردىلا ئاخشامدىن توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي يۇرتتىن كۆزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئاچامغا ھەمراھ بولۇپ بۇلاقبېشىدىكى«ھەدىيە كۆز كېسەللىكل...

  • قىزىم ساڭا ئېيتمەن

    قىزىم ساڭا ئېيتمەن ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن قىزىم ساڭا ئېيتىمەن مۇسۇلمان ئايالغا كىم قاچان تەربىيە بىرىدۇ ئۇنى كىم ۋە قاچان يەنى ئەقىللىق پاكىزە قەلىبى گۈزەل ھالغا يەتكۈزىدۇ؟ خوش ئەگەر بىزھەم ئاشۇ مۇنىسە ئاياللارغا ئو...

  • ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق توغىرىسدا

    ئىنسانغادۈشىمەن بولىدىغان يات قىلىقلاردىن بىر ۋەدىگە ۋاپ قلىماسلىقتۇر. بۇ بىر خىل ناچا ئىللەت بولۇپ، ئۆزىنىڭئابريى ،ئىززەت- ھۆرمىتىنى تۆكۈشتىن باشقا، يالغان ۋەدىگە ئىشەنگەن ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، دىلىنى ئاغرىتىدۇ. ئۇ كىشىدە ۋەدىگە ۋاپ قىلمىغان كى...

  • بالىلار يالغان سۆزلىسە قانداق قىلىش كىرەك...

    بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ سەۋەبى كۆپ بولسىمۇ ئومۇملاشتۇرغاندا، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرىشىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش؛ ئۆزىنى يلغان سۆزلەشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ ئۇنداقتا، بالىلار يلغان سۆزلىسە ئاتا- ئانىلار قانداق قى...

  • بالىلار يېتىلدۈرۈشكە تېگشلىك ساپا

        مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى يىقىندا بالىلار تۆۋەندىكى ساپالارغا ئىگە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى:     ئۆز –ئۆزىگە ئىشىنىش . ئۆز – ئۆزىگە ئىشىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا باراۋەر.     قىزغىنلىق . قىزغىنلىق بولغاندا ئالغا بېسىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بو...

  • ئاكتىپ روھى ھالەت سىزنى مۇۋاپىقىيەتكە باشلايدۇ

    (مۇلاھىزە ماقالە) مۇساجان تۇردى       ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا بىر قىسىم تىجارەتچىلەرنىڭ ‹‹سودىنىڭ تايىنى يوق ، باشقا ئىش قىلىپ باقسام بولامدىكىن ؟ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئۆتكۈزۈۋېتەيمىكىن ؟ تاپقان پۇل ئۆي ئىجارىسىگە چىقىشمايۋاتىدۇ . ھازىر ئالارمەندىن ساتارمە...

  • چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى

       ئامېرىكىدا : بالىنى ماختاش ئادەت    ئامېرىكىدا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى دائىم ماختاپ تۇرىدۇ . مەسىلەن: ‹‹بالام سىز بەك زېرەك!›› ،‹‹بەك ياخشى قىپسىز!›› ،‹‹ كاتتا ئىش قىلىپسىز!›› ، ‹‹سىز ئەڭ ياخشى!›› ، ‹‹سىز ئادەتتىكى بالا ئەمەس جۇمۇ!›› ، ‹‹سىزگە گەپ كە...

  • بالىغا ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرگەندە نېمىلەرگە دىقەت قىلىش كېرەك ؟

        1. بالىغا بىر نەچچە ئويۇنچۇقنى تەڭلا ئېلىپ بەرمەي ، ئالدى بىلەن بىر ئويۇنچۇقنى بېرىپ، بالا بۇ ئويۇنچۇقنى بىر مەزگىل ئوينىغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا ئويۇنچۇقنى بەرسە ،بالىنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.      2. نوقۇل ئالىي دەرىجىل...

  • بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە ھېكىمەتلەر

        بالىلارنى بەك ئەركىلىتىپ ۋە ئۇنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈۋالسىڭىز ھەم بېشىڭىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئائىلىڭىزنىڭ پادىشاھى قىلىۋالسىڭىز، تەبىئىيكى  بالىڭىز چوڭ بولغاندا سىز ئۇنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قالىسىز، چۈنكى پادىشاھتىن  ۋاپا تىلەش قۇرۇق خىيالدۇر.     بالىڭىز...

  • قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى

     پاتىمە ھۈسەن    بىزدە ‹‹ئەخلاقلىق قىز چېچەككە ئوخشايدۇ، ئەخلاقسىز قىز پېتەككە›› دېگەن سۆز بار. دېمەك، قىزلار ئۆزىدە ياخشى ئەخلاق دىيانەت ۋە قىزلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ قەدىرلەشكە ئېرىشەلەيدۇ ۋە ك...