بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بالا تەربىيىسىدە مۇنداق دېگەن:<<ئىنسان بالىسىنىڭ ھەممىسى ئەسلى بۈيۈك،تەربىيىلىنىش ئارقىلىق تېخىمۇ تۈزۈك بولىدۇ.ھېچقانداق بالا تۇغۇلۇپلا بىلىملىك،پەزىلەتلىك بولۇپ قالمايدۇ،ئۇ ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىم ۋە پەزىلەت تۆرىگە چىقىدۇ.پەقەت ئەقىللا تەبىئىي بولىدۇ،قالغىنىنى يۈرۈپ ئۆگىنىدۇ>>.مۇتەخەسىسلەر،پىسخىلوگلار ۋە پىداگوگلار بالىلار تەربىيىسىدىكى نامۇۋاپىق بولغان تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپلەرنى يەكۈنلەپ چىققان:
بىرىنجى:بالىلارنى ئۇرۇپ،تىللاپ،ھاقارەتلەپ باشقۇرۇش ئەڭ ناچار ئۇسۇل.بۇ جەھەتتە ئىزوپ مۇنداق دېگەن:<<قوپال كۈچ ئىشلەتكەنگە قارىغاندا،ياخشى گەپ بىلەن ھەر دائىم ياخشى نەتىجىگە ئىگە بولىسەن>>.پىفاگور مۇنداق دېگەن:<<قەبرىڭىز ئۈستىدە يىغلاشلىرى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كۆز يېشىنى تۆكمەڭ>>.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىككىنجى:ھەددىدىن ئارتۇق ئەركە قىلىپ قوۇيش بالىلارنى كېرەكتىن چىقىردۇ.بۇ جەھەتتە يۈسۈيپ خاس ھاجىپ مۇنداق دېگەن:<<قىز-ئوغلۇڭنى ئەركە ئۆگىتىپ قويدۇڭمۇ،بولدى.ئۇنىڭدىن كۆڭلۈڭنى ئۈز>>.گېگىل يەنە مۇنداق دېگەن:<<ئومۇمەن،ھەممە ئەخلاقسىز مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە بالىلارغا قۇللارچە مۇئامىلىدە بولۇش ئەڭ زور ئەخلاقسىزلىق>>.ئۇنداقتا،بالىلارنى ئەركە ئۆگىتىپ قويۇشنىڭ ئىپادىلىرى قايسى؟
1.بالىلارغا ھەددىدىن ئارتۇق چوقۇنۇش.
2.ھەممە ئىشتا بالىلارنىڭ رايىغا بېقىش.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
3.ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈلچەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش.
4.ئورۇنسىز تەلەپلەرگە يول قويۇش.
5.بالىلارنى ئاسرايمەن دەپ،ئىشقا سالماسلىق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
6.زىيادە ماختاش ۋە ئەركىلىتىش. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەركە تەربىيىلەش بالىلارغا قانداق زىيان ئېلىپ كېلىدۇ؟
1.بالىلار ھەممىدە ئاتا-ئانىغا تايىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
2.بالىنى تىزگىنلەش ئىختىيارىڭىزنى قولىڭىزدىن بېرىپ قويۇپ،بالىڭىز سىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
3.بالىلار پىشىپ-يېتىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قېلىپ،ھۇرۇن بولۇپ قالىدۇ،ئازراق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەممىدىن ۋاز كېچىدۇ.مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى بولمايدۇ،قىلغان كىچىككىنە ئىشقا مىننەت قىلىدۇ.
4.تەرسا،جىلىخور بولۇپ قالىدۇ.
5.تەمەخور،شەخسىيەتچى،ئۆز بېشىمچى بولۇپ قالىدۇ.
ئۈچىنجى:بالىنى ئىككى ئارلىق قىلىپ قويۇش يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك قىلىپ قويىدۇ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:<<بالىلىق بولساڭ،ئۇنىڭ تەربىيىچىسى ئۆزۈڭ بول>>.
ئۇنداقتا مۇۋاپىق ۋە پايدىلىق ئۇسۇل قايسى؟
1.نورمال،ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.
2.ئاددى،كىچىك سەۋەنلىكلەرگە سەل قارىماسلىق.
3.ئالدىراڭغۇ قىلماسلىق،سەۋرچان بولۇش.
4.ئۇلنى دەسلەپكى تەربىيە مەزگىلىدە چىڭىتىپ مېڭىش.
5.بالىغا كۆيىنىدىغانلىقىڭىزنى ھەقىقى ھېس قىلدۇرۇش.
6.ئارتۇقچە چېچىلىش ۋە غەزەپلىنىشتىن ساقلىنىش. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تۆتىنجى:بالىلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ ئارلىشىۋىلىش بالىنى مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
بەشىنجى:ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەر دائىم ئەيىبلىگۈچى بولۇشى كۇپايە بولمايدۇ،ئەڭ مۇھىمى ئۇلاردا پەرزەنتلەرگە نېمىنى قىلىش،نېمىنى قىلماسلىق لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلىگۈدەك ساپا بولۇشى كېرەك. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مەنبە:<<ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى>>ناملىق كىتابتىن ئېلىندى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!