1. بالىغا بىر نەچچە ئويۇنچۇقنى تەڭلا ئېلىپ بەرمەي ، ئالدى بىلەن بىر ئويۇنچۇقنى بېرىپ، بالا بۇ ئويۇنچۇقنى بىر مەزگىل ئوينىغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا ئويۇنچۇقنى بەرسە ،بالىنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. www.iz.la
2. نوقۇل ئالىي دەرىجىلىك ئويۇنچۇقلارنىلا ئېلىپ بەرمەسلىك كېرەك.ئالىي دەرىجىلىك ئويۇنچۇقلارنىڭ مەشغۇلاتى ئاددىي ، ئاپتوماتلاشقان بولۇپ ، بالىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىسىمۇ ، لېكىن بالا بۇ ئويۇنچۇقلارنى مەلۇم مەزگىل ئوينىغاندىن كېيىن زېرىكىپ،باشقىسىنى ئالماشتۇرغۇسى كېلىدۇ، نەتىجىدە بالىدا ئويۇنچۇقنى تولا يەڭگۈشلەش ئادىتى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، بالىغا نوقۇل ئالىي دەرىجىلىك ئويۇنچۇقلارنىلا ئېلىپ بەرمەي ،ئاددىي ، ئاسان قۇراشتۇرغىلى بولىدىغان ، بالىنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ، بالىغا مەلۇم مەشغۇلات ئۇسۇلىنى ئۆگىتىشكە ياردەم بېرىدىغان ئويۇنچۇقلارنى تاللاپ ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
3. ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرگەندەئويۇنچۇقلار ئارىسىدىن بىر نەچچىنى تاللاپ ، ئاندىن ئۇلارنى بالىلارغا تاللاتقۇزۇش كېرەك. بولمىسا ،بالىدا ماگىزىندا كۆرگەنلا نەرسىنى ئېلىپ بېرىسەن دەيدىغان ئادەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
4. بالا ئويۇنچۇق ئوينىغاندا مۇۋاپىق يىتەكلەش كېرەك. بۇنداق قىلسا ئويۇنچۇق ئارقىلىق بالىنىڭ كۆڭلىنى ئاچقىلى بولۇپلا قالماستىن ، يەنە بالىنىڭ پىكىر قىلىش ئاكتىپلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىسى بولىدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
5. بالىنى تەڭتۇشلىرى بىلەن بىللە ئويۇنچۇق ئويناشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتكىلى ۋە كوللېكتىۋىزىملىق روھىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
تۇرسۇنگۈل ئەمەت تەرجىمىسى