قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى

ۋاقتى:2009-10-02 16:04مەنبە: يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
  

 پاتىمە ھۈسەن ئىز تورى www.iz.la

   بىزدە ‹‹ئەخلاقلىق قىز چېچەككە ئوخشايدۇ، ئەخلاقسىز قىز پېتەككە›› دېگەن سۆز بار. دېمەك، قىزلار ئۆزىدە ياخشى ئەخلاق دىيانەت ۋە قىزلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ قەدىرلەشكە ئېرىشەلەيدۇ ۋە كىشى قەلبىنى مەھلىيا قىلالايدىغان گۈزەل چېچەككە ئايلىنىپ، كىشىلىك دۇنياسىغا خۇش پۇراق چاچالايدۇ. قىزلار ئەزەلدىنلا ئەخلاقىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرۈپ كەلگەن، چۈنكى قىز دېمەك  مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئانىسى دېمەك؛ قىز – ئاياللارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتى، كىشىلىك ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ساپاسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچى قىزلار ئۆزىدە قانداق ئەخلاق قاراش ۋە قىزلىق پەزىلەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؟

www.iz.la

   مېنىڭچە، ھازىرقى زامان قىزلىرى تۆۋەندىكىدەك قىزلىق پەزىلەتلىرىنى ساقلاش كېرەك: ئىز تورى www.iz.la

   1. گەپ – سۆزدە ھايالىق بولۇش. قىزلار مەيلى ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ساۋاقداشلىرى ۋە ياكى جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە بولسۇن، گەپ – سۆزدە سىلىق – سىپايە بولۇشى ۋە ئورۇنلۇق سۆزلىشى لازىم. بۇ قىزلار ئۈچۈن بىر خىل پەزىلەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر خىل ئىقتىدار ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئىقتىدارنىڭ قىزلارنىڭ كەلگۈسى ئائىلە تۇرمۇشى ۋە پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتە مۇھىم رولى بار.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

   2. يۈرۇش – تۇرۇش ۋە ھەرىكەت – قىلىقتا ھايالىق بولۇش. قىزلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇش ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرى ھايالىق بولغاندىلا، سېھرىي كۈچكە ۋە جەلبكارلىققا ئىگە بولىدۇ، بۇ جەلبكارلىق قىزلىق نازاكىتىنى جۇلالاندۇرۇپ، قىزلارنىڭ ئۆزىگە خاس قىياپەت، ئالاھىدىلىكلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. قىزلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشى ۋە ھەر بىر ئىش – ھەرىكىتىدىن شۇ قىزنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، قىزلار بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، يۈرۈش – تۇرۇشتا دىققەت قىلىپ، سىلىق ۋە يارىشىملىق قىلىقلىرى ئارقىلىق باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرەلەيدىغان بولۇشى لازىم. ئىز تورى بەك ياخشى

   3. كىيىنىش جەھەتتە ھايالىق بولۇش. ئادەتتە قىز – ئاياللار ئۆزىگە خاس كىيىم – كېچىكى ئارقىلىق تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە ئەرلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك ئۆزىگە خاس كىيىم – كېچىكى ئارقىلىق ھەر قايسى مىللەتلەر بىر – بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. دېمەك، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كىيىم – كېچەك بىرىنچىدىن، ئوخشاش بولمىغان جىنىسلىقلارنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان؛ ئىككىنچىدىن، مىللەتلەرنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان مۇھىم تاشقى ئامىل. قىزلارنىڭ كىيىم – كېچەك ئارقىلىق گەۋدىلەنگەن تاشقى كۆرۈنۈشى باشقىلارنىڭ شۇ قىزغا بولغان بىرىنچى باھاسىىغا سەۋەپچى بولىدۇ. شۇڭا، قىزلار كىيىم – كېچەك جەھەتتىن ھايالىق بولۇشى، كىيىنىشى ئوغۇللاردىن پەرقلىق بولۇشى، مىللىي كىيىنىش ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم. مېھىر – مۇھەببەتلىك بولسا ئائىلىسىدە ئىللىقلىق بولىدۇ، قىزلار بىلىملىك، ئىقتىدارلىق بولۇشى كېرەك، چۈنكى بۈگۈنكى دەۋر قىز – ئاياللاردىن بىلىم ئىگىلەپ جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىنى تىكلەپ، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى، ئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتە بىر قەدەر چوڭقۇر نەزەرىيىۋى بىلىم ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، قىزلار ئۆزىنىڭ ئالتۇندەك ياشلىق باھارىنى قەدىرلەپ بىلىم ۋە ئىقتىدار ئىگىلىشى لازىم.

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(20)
95.2%
ئالقىشلايمەن
(1)
4.8%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئانىڭىزنىڭ ئايىقىغا قاراپ باقتىڭىزمۇ؟

    ھەر قېتىم ئانامغا يېڭى ئاياغ ئېلىپ بەرگەندە ئۈچ يىل ئاۋۋالقى مۇنداق بىر ئىش كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. شۇ كۈنى سەھەردىلا ئاخشامدىن توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي يۇرتتىن كۆزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئاچامغا ھەمراھ بولۇپ بۇلاقبېشىدىكى«ھەدىيە كۆز كېسەللىكل...

  • قىزىم ساڭا ئېيتمەن

    قىزىم ساڭا ئېيتمەن ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن قىزىم ساڭا ئېيتىمەن مۇسۇلمان ئايالغا كىم قاچان تەربىيە بىرىدۇ ئۇنى كىم ۋە قاچان يەنى ئەقىللىق پاكىزە قەلىبى گۈزەل ھالغا يەتكۈزىدۇ؟ خوش ئەگەر بىزھەم ئاشۇ مۇنىسە ئاياللارغا ئو...

  • ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق توغىرىسدا

    ئىنسانغادۈشىمەن بولىدىغان يات قىلىقلاردىن بىر ۋەدىگە ۋاپ قلىماسلىقتۇر. بۇ بىر خىل ناچا ئىللەت بولۇپ، ئۆزىنىڭئابريى ،ئىززەت- ھۆرمىتىنى تۆكۈشتىن باشقا، يالغان ۋەدىگە ئىشەنگەن ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، دىلىنى ئاغرىتىدۇ. ئۇ كىشىدە ۋەدىگە ۋاپ قىلمىغان كى...

  • بالىلار يالغان سۆزلىسە قانداق قىلىش كىرەك...

    بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ سەۋەبى كۆپ بولسىمۇ ئومۇملاشتۇرغاندا، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرىشىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش؛ ئۆزىنى يلغان سۆزلەشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ ئۇنداقتا، بالىلار يلغان سۆزلىسە ئاتا- ئانىلار قانداق قى...

  • بالىلار يېتىلدۈرۈشكە تېگشلىك ساپا

        مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى يىقىندا بالىلار تۆۋەندىكى ساپالارغا ئىگە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى:     ئۆز –ئۆزىگە ئىشىنىش . ئۆز – ئۆزىگە ئىشىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا باراۋەر.     قىزغىنلىق . قىزغىنلىق بولغاندا ئالغا بېسىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بو...

  • ئاكتىپ روھى ھالەت سىزنى مۇۋاپىقىيەتكە باشلايدۇ

    (مۇلاھىزە ماقالە) مۇساجان تۇردى       ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا بىر قىسىم تىجارەتچىلەرنىڭ ‹‹سودىنىڭ تايىنى يوق ، باشقا ئىش قىلىپ باقسام بولامدىكىن ؟ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئۆتكۈزۈۋېتەيمىكىن ؟ تاپقان پۇل ئۆي ئىجارىسىگە چىقىشمايۋاتىدۇ . ھازىر ئالارمەندىن ساتارمە...

  • چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى

       ئامېرىكىدا : بالىنى ماختاش ئادەت    ئامېرىكىدا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى دائىم ماختاپ تۇرىدۇ . مەسىلەن: ‹‹بالام سىز بەك زېرەك!›› ،‹‹بەك ياخشى قىپسىز!›› ،‹‹ كاتتا ئىش قىلىپسىز!›› ، ‹‹سىز ئەڭ ياخشى!›› ، ‹‹سىز ئادەتتىكى بالا ئەمەس جۇمۇ!›› ، ‹‹سىزگە گەپ كە...

  • بالىغا ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرگەندە نېمىلەرگە دىقەت قىلىش كېرەك ؟

        1. بالىغا بىر نەچچە ئويۇنچۇقنى تەڭلا ئېلىپ بەرمەي ، ئالدى بىلەن بىر ئويۇنچۇقنى بېرىپ، بالا بۇ ئويۇنچۇقنى بىر مەزگىل ئوينىغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا ئويۇنچۇقنى بەرسە ،بالىنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.      2. نوقۇل ئالىي دەرىجىل...

  • بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە ھېكىمەتلەر

        بالىلارنى بەك ئەركىلىتىپ ۋە ئۇنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈۋالسىڭىز ھەم بېشىڭىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئائىلىڭىزنىڭ پادىشاھى قىلىۋالسىڭىز، تەبىئىيكى  بالىڭىز چوڭ بولغاندا سىز ئۇنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قالىسىز، چۈنكى پادىشاھتىن  ۋاپا تىلەش قۇرۇق خىيالدۇر.     بالىڭىز...

  • قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى

     پاتىمە ھۈسەن    بىزدە ‹‹ئەخلاقلىق قىز چېچەككە ئوخشايدۇ، ئەخلاقسىز قىز پېتەككە›› دېگەن سۆز بار. دېمەك، قىزلار ئۆزىدە ياخشى ئەخلاق دىيانەت ۋە قىزلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ قەدىرلەشكە ئېرىشەلەيدۇ ۋە ك...