پەزىلەت غۇنچىسى چۈمبەر ئىچىدە ئەمەس ، قەلىب تۆرىدە ئېچىلسۇن
قىزىم ، سەن بىزنىڭ پەخرىمىز ، ئوماق غۇنچىمىز ، ئەمدى سەن ئەدەپلىك ، پەزىلەتلىك بول . قىز بالا دېگەننىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەل پەزىلىتى بولىدۇ . ئوغوللار قىلغان بەزى ئىشلارنى قىزلار قىلسا ئەدەپسىزلىك سانىلىدۇ . ئوغۇل بالىلار چازا قۇرۇپ ئولتۇرسا ئەدەپسىزلىك ھېسابلانمايدۇ ، لېكىن قىز بالا دېگەن ئىككى تىزىنى جۈپلەپ ئولتۇرسا ئەدەپ ھېساپلىنىدۇ . قىز بالا دېگەن ئىسسسق ، يېقىملىق ، خۇش چىراي بولغىنى ياخشى . سوغوق ، قوپال ، توڭ بولۇپ قالساڭ كىشىلەر پەزىلەتسىز ئىكەن دەيدۇ . ھەرقانداق كىشىنىڭ قېشىدا ئېغىزىڭدىن ئەسكى گەپ چىقىرىپ قالما ، سەت گەپ قىلىش باك نۇمۇسلۇق ئىش . باشقىلار ئەسكى گەپ قىلىۋاتقان بولسا دەرھال قېشىدىن كەتكىن ، ئۆيگە بىرەر ئادەم كىرسە ئەدەپ بىلەن < ياخشىمۇسىز ئاكا ، ياخشىمۇسىز ئاچا > دەپ ئىللىق مۇئامىلە قىل . گومۇشتەك تۇرساڭ بولمايدۇ ، قىزىم ، تاماق يېگەندە ئاز - ئاز ، ئالدىرماي يېيىشكە ئادەتلەنگىن ، قىز بالىغا نىسپەتەن ھەدىدىن ئارتۇق كۆپ يەۋېلىش ، ئالدىراپ يېيىش ، ئېغزىغا كۆپ نەرسىلەرنى سېلىۋېلىش ئەيىبلىك ھىسابلىنىدۇ . كوچا - كويلاردا بىرەر نەرسە يەپ مېڭىشمۇ ئەدەپسىزلىك بولىدۇ .
قىزلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن :
قىزىم ، مەكتەپكە كۆنۈشتۈڭمۇ ، ساۋاقداشلىرىڭ ياخشىمىكەن . ئەخلاقلىق ، پەزىلەتلىك بەلىلار كۆپمىكەن . قىزىم ، ئەمدى ئوقۇغۇچى بولۇپ قالدىڭ ، پەزىلىتىڭنى ساقلا ، پەزىلەتتە باشقىلارغا ئۈلگە بولغىن . جەمىئەتتىكى كىشىلەرمۇ سىلەرنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇيدىغاندۇ ، كىمنىڭ قىزىدۇ ، ئەجەب پەزىلەتلىك بالا ئىكەن ، دەپ قالسۇن . ھەرگىز سەندىن ئەدەپسىز قىلىقلار سادىر بولۇپ قالمىسۇن ، دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۇلارغا ئەدەب - ئەخلاقنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم .
قىزلار بويىغا يېتىپ قالغاندا :
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بالام ، ئۇ دېگەن غەرىبنىڭ تۇرمۇشى ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئۇنداق ئىشلار تولىمۇ ھاياسىزلىق ھىسابلىنىدۇ . قىزىم ، بىزدە قىز - ئوغوللار توي قىلىشتىن بۇرۇن ھەرگىزمۇ ھاياسىز ئشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ . قىزلارنىڭ ئەڭ چوڭ پەزىلىتى ئۆزىنىڭ قىزلىق ئىپپەت - نومۇسىنى تاكى توي كېچىسىگىچە پاك ساقلاش . ساڭا غەيرى تەلەپ قويغان ئادەم ھەرگىزمۇ ياخشى ئادەم ئەمەس ، ئۇ ھەققى مۇھەببەت ئىگىسىمۇ ئەمەس ، بەلكى شەھۋەتپەرەس بۇزۇق ئادەم ، سەن پەقەت ئۆزۈڭنىڭ ئىپپەت - نۇمۇسىنى چىڭ ساقلىيالىساڭلا ئۆزۈڭنىڭ ئىنسانىي قىمىتىڭنى قولۇڭدا تۇتالايسەن ، ئەڭگۈشتەر قولۇڭدا بولىدۇ ، ئەگەر ئەڭگۈشتەرنى قولۇڭدىن بېرىپ قويدۇڭمۇ ، ئۇ چاغدا < سەن ئۈچۈن جىنىم پىدا ، سەن مېنىڭ ھاياتىم > دەپ مەيدىسىگە ئۇرغان ئوغۇل بالىنىڭمۇ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىسەن ، قەدىر - قىمىتىڭنى يەرگە ئۇرىسەن ، ئەڭگۈشتەر قولۇڭدىكى چاغدا گۆھەردەك قىمەتلىكسەن ، ئۆزۈڭنى تۇتقۇزۇپ قويدۇڭمۇ خۇددى خىش پارچىسىدەك قىمىتىڭنى يوقۇتۇپ قويىسەن . ئۇ چاغدا بېشىڭنى تاشقا ئۇرغىنىڭ بىلەنمۇ پاكلىقىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسەن . جەمى.ەتكە نەزەر سالغىن ، نۇرغۇن قىزلار بالدۇر ئۆزىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ ، بىردەملىك ھېسىياتنىڭ ۋە كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ، ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالمىدىمۇ ، ھەتتا بەزىلەر نۇمۇسقا چىدىماي ئېسىلىپ ئۆلىۋالدى ، بۇنىڭ تېگىدە نىمە ئىش بارلىقىنى ئوبدان ئويلا . ئۇلار ساختا مۇھەببەتنىڭ قۇربانلىرى ، سەن ئوقۇشۇڭنى تاماملىغانغا قەدەر < مۇھەببەت > دېگەن ئىشلارنى خىيالىڭغا كەلتۈرمە ، قىزىم . سېنىڭ ھازىرقى كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭ ئوقۇش . مۇھەببەت ئىشىنى ئاددى چاغلىمىغايسەن . بۇ ئىش ئۆزۈڭنىڭ ئار - نۇمۇسىڭ بىلەن ، ئىستىقبالىڭ بىلەن ، كېيىنكى تۇرمۇشۇڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش . بەزىلەر بىردەملىك ھېسىياتنىڭ تەقەزاسىدىن خاتا يول تۇتۇپ قالدى - دەيلى ، شۇ بىر قېتىملىق سەۋەنلىك دەردىنى ، شۇنىڭ ئار - نۇمۇسىنى بىر ئۆمۈر كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىپ قالىدۇ ، قەلبىدە ئۇيۇپ قالغان بۇ قارا داغ مەڭگۈ يۇيۇلمايدۇ ، قىزىم . مەن سېنىڭ ئاناڭ ، شۇڭا بەزى گەپلەرنى ئوچۇق ئەسكەرتىپ قويمىسام ، ساڭا بۇلارنى كىم دەيدۇ . سەن جەمىئەتنىڭ يامان تەسىرىنى ھەرگىز يۇقتۇرىۋالما ، ئۆزۈڭنى يەرگە قارىتىدىغان ، ئائىلىمىزنىڭ شان - شەرپىگە داغ چۈشۈرىدىغان ئىش سادىر بولۇپ قالمىسۇن .