ئاتا- ئانىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھىس قىلدىڭىزمۇ
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئەگەر سىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانىڭىزنىڭ ئاشخانا ئۆيىنىڭ بۇرۇنقىدەك پاكىز تازىلانمىغانلىقىنى: قاچا-قۇچىلارنىڭ پاكىز يۇيۇلمىغانلىقىنى: ئائىلە جابدۇقلىرىنى چاڭ-توزان بېسىپ قالغانلىقىنى: ئانىڭىز ئەتكەن تاماقلارنىڭمۇ بۇرۇنقىدەك ئوخشىماي قېلىۋاتقانلىقىنى؛ دادىڭىزنىڭ چاچ-ساقاللىرىنى بۇرۇنقىدەك پات-پات ئېلىپ تۇرمايۋاتقانلىقىنى؛ قۇۋۋەتسىز تاماقلارغا ئامراق بولۇپ قالغانلىقىنى؛ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سىرتلارغا ناھايىتى ئاز چىقىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز بۇ ھال ئۇلارغا قېرىلىق يەتكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ سىزنىڭ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
سىز ئاتا-ئانىڭىزدىكى يۇقىرىقى ئالامەتلەرنى بايقىغان ھامان دەرھال ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋاقتىڭىز يار بەرمىسە، باشقىلارنى ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇڭ. ھەرگىز ئۇلارنى يالغۇز قويماڭ. ھەممە ئادەم قېرىيدۇ، لېكىن شۇ سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ئاتا-ئانىڭىز سىزدىن ئاۋۋال قېرىيدۇ. شۇڭا سىز ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشىڭىز كېرەك. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئېلىش ئىمكانىيىتى قالمىغاندا پەرزەنت بولغۇچى چوقۇم ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزۈشى كېرەك. چۈنكى قېرىغاندا ئۇلارنىڭ پۇت-قولى ئاغرىيدۇ، كۆپ ئىشلاردا قىينىلىدۇ، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا قۇربى يەتمەيدۇ، ھەمىشە ئىشىككە تەلمۈرۈپ پەرزەنتلىرىنىڭ يولىغا قارايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي تازىلىقىغا تازا ئەھمىيەت بېرەلمەيدۇ. بۇنداق چاغدا بىز پەرزەنت بولغۇچىلار پات-پات ئۇلارنى يوقلاپ تۇرۇشىمىز، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك.
بىز «ئىڭە» دەپ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن باشلاپ، ئاتا-ئانىمىز بىزنىڭ زاكىمىزنى يۇيۇپ، ئاستىمىزنى قۇرۇقداپ، ئۆزلىرى يېمەي-ئىچمەي بىزنى بېقىپ قاتارغا قوشىتى. بىز پەرزەنتلەرنىڭ ئۇلار ئالدىدىكى قەرزىمىز بەكمۇ كۆپ، ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ قەرزلەرنى قايتۇرۇپ بولالمايمىز. شۇڭا ئۇلارغا كۆيۈنۈش، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش بىز پەرزەنتلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز.
ئىز تورى بەك ياخشى
تەرجىمە مەنبەسى: «ئەدەبىي ئەسەرلەردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق7-سانى