ئاياللارغا 100 نەسىھەت 03

ۋاقتى:2010-08-02 17:55مەنبە: يوللىغۇچى:مۇجاھد چېكىلىشى:قىتىم
  

ئون بىرىنجى نەسىھەت

ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر كۈلۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ ،
چۇنكى ئۇلار باشقىلارغا ئەخمەقتەك كۆرۈنۈپ قېلىشتىن قورقىدۇ ، ئۇلار ئۆز ھىسىياتىنى ئاشكارلاشقا جۇرئەت قىلالمايدۇ ،
چۇنكى ھەقىقىي قىياپىتىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقىدۇ . ئۇلار باشقىلارغا ياردەم قۇلىنى سۇنۇشقا جۇرئەت قىلالمايدۇ ،

ئىز تورى بەك ياخشى


چۇنكى باشقىلارغا چېتىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ . ئۇلار باشقىلارنى سۆيۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ ،
چۇنكى باشقىلار تەرىپىدىن سۆيۈلمەي قېلىشىدىن قورقىدۇ . ئۇلار ئۈمۈد قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ ،
چۇنكى ئۈمۈدسىزلىككە ئۇچۇراپ قېلىشتىن قورقىدۇ . ئۇلار يېڭىلىقنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ ،
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

چۇنكى مەغلۇپ بۇلۇپ كىتىشىدىن قورقىدۇ .

ئون ئىككىنچى نەسىھەت

ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەگەر مال - مۈلكىڭدىن ئايرىلساڭ ئازراقلا نەرسەڭدىن ئايرىلغان بولىسەن . ئەر شان - شەرەپتىن ئايرىلساڭ خېلى كۆپ نەرسىدىن ئايرىلغان بۇلىسەن . ئەگەر باتۇرلۇقتىن ئايرىلساڭ ھەممە نەرسەڭدىن ئايرىلغان بۇلىسەن . سۈكۈت ھەرگىزمۇ گۆشۈيۈپ ئولتۇرۋېلىش بولماستىن ، بەلكى قۇرساقتا پىلان تۈزىگەچ تەمكىن قىياپەتنى ساقلاپ تۇرۇش ، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ، تەدبىرلىك قۇماندانلارغا خاس سالماق روھىي ھالەت بىلەن قارشى تەرەپنى تېرىكتۈرۈپ ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر . ناۋادا سەن ئىزىلىپ كەتكەن پەمىدۇردەك سۇلغۇن قىياپەتتە تۇرساڭ ، زىياننىڭ چوڭىنى تارتقىنىڭ تارتقان . سۈكۈت كىشىلەرنىڭ ئۆز كۈچى - قۇدۇرىتىنى ئىپادىلەشتىكى بىر خىل ئەپچىل ئۇسۇل .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئون ئۈچۈنچى نەسىھەت

ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، سەن ناۋادا ئۆزەڭنىڭ قايسى جەھەتتە كۈچلۈك ، قايسى جەھەتتە ئاجىز ئىكەنلىكىڭنى ، باشقىلارنىڭمۇ قايسى جەھەتتە كۈچلۈك ، قايسى جەھەتتە ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلەلىسەڭ ھەمدە ئاجىز تەرىپىڭ بىلەن روبىرو كېلىپ قېلىشتىن ئەپچىللىك بىلەن ساقلىنىپ ، كۈچلۈك تەرىپىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ ئاجىز تەرىپىگە زەربە بېرەلىسەڭ ، مۆرىتى كەلگەندە ئۈچۈنچى تەرەپنىڭ قارشى تەرەپ بىلەن بولغان كۈچلۈك - ئاجىزلىق پەرقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزەڭنىڭ «ئاجىز» لىقىڭنى تۇلۇقلىۋالالساڭ ياكى باشقىلارنىڭ «كۈچلۈك» ھۇجۇمىدىن ئۆزەڭنى ساقلىيالىساڭ ، ئۇ چاغدا سەن «ئاجىز» ئەمەس ، بەلكى «كۈچلۈك » ھېساپلىنىسەن !

www.iz.la



ئون تۆتىنچى نەسىھەت

ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئىپپەتنىڭ نەقەدەر بۈيۈك پەزىلەت ئىكەنلىكىنى بىلمەك ئۈچۈن ، ئۇنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان ۋە ئاجىرالماس بىر بۆلىكى بولغان خىسلەتلەر بىلەن تونۇشماق زۆرۆردۇر . ھېكىملەرنىڭ يېزىشلىرىچە ، ئىپپەتتە ئون بۆلەك بار : ھايا ، سەۋىر ، تىزگىنلەش ، پاكلىق ، قانائەت ، ئېغىر بېسىقلىق ، ئۇچۇق يۈزلۈكلۈك ، ئىخلاس ، تەرتىپ ، ساخاۋەت . سەن ئۆزەڭنىڭ قايسى جەھەتلەردە ئاجىز ئىكەنلىكىڭنى بىلىۋال ، چۇنكى سىنىڭ مۇداپىئە كۈچۈڭمۇ شۇ جەھەتلەردە ئاجىز بۇلىدۇ . ناۋادا سەن بۇ ئاجىزلىقلىرىڭنى تۈزىتەلمىسەڭ ، ئەڭ بولمىغاندا ئۇنى باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن يۇشۇرۇپ قالالمىساڭ ، ئۇ چاغدا رەقىبىڭ ئىككىلەنمەيلا ساڭا قول سالىدۇ . copyright by www.iz.la

ئون بەشىنچى نەسىھەت

ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەمىلىيەتتە ، تۇرمۇشتىكى ھەر بىر سائەت ، ھەر بىر مىنۇت پۇرسەت بىلەن تولغان . مەكتەپتىكى ھەر بىر سائەتلىك دەرىسنىڭ ئۆزى بىر پۇرسەت . ھەر بىر قېتىملىق ئىمتىھاننىڭ ئۆزى بىر پۇرسەت . گېزىتتە خەۋەر قىلىنغان ھەر بىر خەۋەر ، ھەر بىر قېتىملىق سودا - سېتىقنىڭ ئۆزىمۇ بىر پۇرسەت . ئۇلارنىڭ ھەممىسى  سىنىڭ نازاكىتىڭ ۋە ئەدەپ - دىيانىتىڭنى ، كەسكىنلىكىڭ ۋە جاسارىتىڭنى نامايەن قىلىدىغان ، شۇنداقلا ئۆزەڭنىڭ سەمىمي خارەكتىرىڭنى ئىپادىلەيدىغان پۇرسەتلەردۇر . ئادەمدە ئىرادىلا بۇلىدىكەن ، ھەر قانداق مۇشكىلاتنى يېڭىپ كىتەلەيدۇ ، غەلبىگە ئېرىشەلەيدۇ ، كىشىلەرمۇ ئۇنداق ئادەمنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئون ئالتىنچى نەسىھەت

ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئادەم خىيال قىلىپ قالماستىن ، بەلكى خىيالغا ئىشەنچ باغلىشى ، ئۆزىنى خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك . ئادەم چىكىنىش يولى قويماسلىققا ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا ئىلگىرلەشكە ئىرادە باغلىسىلا ، نى - نى قىيىنچىلقلارغا يولۇققان تەغدىردىمۇ ھەرگىز چىكىنمەيدۇ .  ئەگەر مەخسەتكە يەتمىگۈچە ھەرگىز توختىمايمەن دەيدىغان نىيەتكە كەلسە ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ غەلبە قىلالايدۇ . ئىككىلىنىش ، قورقۇنچاقلىق دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى قوغلىۋىتەلەيدۇ . قەتئى ئىرادىگە كەلگەن ئەھۋالدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ كۈندەشلىرى يۇشۇرنۇشقا جان تاپالماي قالىدۇ . دەرھال ھۆكۈم چىقىرالايدىغان ئادەم بىرەر ئىشقا يولۇققاندا شۇ ھامان تەدبىر كۆرەلەيدۇ .

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


ئون يەتتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئادەم ئۆزىگە تايىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرەلەيدىغان بولغاندا ئاندىن مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ داغدام يولىغا مېڭىشقا باشلىغان بۇلىدۇ . ئادەمنىڭ باشقىلارغا تايىنۋىلىشتىن ۋاز كەچكەن ۋاختى ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئىقدىدارىنى ئۇرغۇتقان ۋاختى بۇلىدۇ . ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقدىدارىنى نامايەن قىلالمىسا ،  ئۆزىنىڭ پىكىرىنى بايان قىلالمىسا ، ئەمىلىيەتتە بۇ كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ چوڭ بەخىتسىزلىكتۇر . ئۆزىنىڭ ئوي - پىكىرى بۇيىچە ئىش كۆرۈپ ، ئىشەنچ ئاشۇرۇپ ، تىرىشىپ ئىشلەش ، ئادەمنى تەبىئى يوسوندا مۇكەممەل نەتىنجىگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ . نامىراتلىق قورقۇنۇشلۇق ئەمەس ، ئەڭ قورقۇنۇچلىقى ئىدىيىدىكى نامىراتلىق ، جۈملىدىن ئۆزىنى تۇغۇلۇشىدىنلا نامىرات يارالغان دەپ قاراشتىن ئىبارەت . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئون سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئادەم يۈكسەك شىجائەتلىك ، ئىرادىلىك ، چىداملىق بولغاندا ، دۇنيا ئۇنىڭغا چىقىش يولى ئاتا قىلىدۇ . ئىرادىسى ۋە چىدامچانلىقى ئاجىز كىشىلەر بولسا ھەممىشە باشقىلارنىڭ كەمسىتىشى ۋە بوزەك قىلىشىغا ئۇچىراپ ، ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . ئادەم ئۆزى بىلەنلا  بۇلۇپ كەتسە ياكى ئۆزى ئۈچۈنلا چوت سوقسا ، بۇنداق ئادەمنىڭ ھېچقانداق خەلىپكارلىقى بولمايدۇ ھەمدە باشقىلار ئۇنىڭدىن زېرىكىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ ، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ بىلەن بېرىش - كىلىش قىلىشىنى خالىمايدۇ . مۇۋەپپەقىيەت يولىدا ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن سەمىمىيەت ۋە ئىناۋەتتىن تاپقان ئابروي ئەڭ ياخشى ئېلاندۇر . گۈزەللىكتىن ھوزورلىنالمىسا ، ئادەمدە ئېسىل پەزىلەتنى يىتىلدۈرىدىغان بىر چوڭ ئامىل كەم بولغان بۇلىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئون توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، سەمىڭىزدە بولسۇنكى ، ھەقىقىي كۈلۈشنى بىلىڭ ، بىراق يىغلاشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ ،  كەلگۈسىڭىزگە كۆز تىكىڭ ، بىراق ئۆتمىشىڭىزگىمۇ سەل قارىماڭ . باشقىلارغا ئېغىر  بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ ، بىراق ھەددىدىن زىيادە سۈرلۈك قىياپەتكە كىرىۋالماي ، خۇشپېئىل ۋە كەمتەر بۇلۇڭ . بۇلار سىزگە ھەقىقىي ئۇلۇغلۇقنىڭ تۈز كۆڭۈللۈكتە ، ھەقىقى ئەقىل - پاراسەتنىڭ كەمتەرلىكتە، ھەقىقىي قۇدۇرەتنىڭ سىپايىلىكتە ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىدۇ . بۇ ئۇقۇملار ئىرادىڭىزگە كۈچ - قۇۋۋەت ، تەسسەۋۇرۇڭىزغا ھەقىقىي قىممەت ، ھېس - تۇيغۇلىرىڭىزغا ھاياتى كۈچ بېغىشلايدۇ . غالىبلارنىڭ مەغلۇبىيەتچىلەردىن ئارتۇق يېرى شۇكى ، ئۇلار نىمە ئىش بىلەن شوغۇللانمىسۇن ، خىزمىتىنى ئويلىغىنىدىنمۇ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىدۇ .
ئىز تورى بەك ياخشى

يىگىرمىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، نىكاھتا كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىدىكى بەركەت بار ! خىراجەت ئازىيىپ ، مال - مۈلۈك كۆپىيىدۇ . ئەر - خوتۇن ئۆزى قىلالايدىغان ئەركىن كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىپ ھالال تۇرمۇش كەچۈرۈش كويىدا بۇلىدۇ ، باياشاتلىققا ئېرىشىدۇ . ۋاپادارلىق ساداقىتى كۈچىيىپ ، ئىپپەت نۇمۇسى ساقلىنىدۇ . ئىسسىقلىق ، مىھرى - مۇھەببەت پەيدا بۇلۇپ ، كۆڭۈللۈك ، ھوزورلۇق تۇرمۇش باشلىنىدۇ . كىشىلەرگە ياخشى نىيەتتە نەپ يەتكۈزەلەيدۇ . كىشىلەر يەتكۈزگەن نەپنى پاك ھالدا سەمىمىي قۇبۇل قىلالايدۇ . ھارامدىن ، تەمادىن يىراق تۇرالايدۇ . نىكاھتىن كىيىن بىر - بىرىگە ۋاپادار بولغان ئەر - ئايال ئۆزلىرىنى يالغۇز ، بىچارە ئەمەس ، بەلكى ئۆم ، كۈچلۈك ، قابىل ساناپ بىخەتەر ياشايدۇ . ھايات يولىدا قىيىنچىلىقنى بىرگە يېڭىپ ، توسقۇنلۇقنى يوق قىلالايدۇ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

داۋامى بار..... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئانىڭىزنىڭ ئايىقىغا قاراپ باقتىڭىزمۇ؟

    ھەر قېتىم ئانامغا يېڭى ئاياغ ئېلىپ بەرگەندە ئۈچ يىل ئاۋۋالقى مۇنداق بىر ئىش كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. شۇ كۈنى سەھەردىلا ئاخشامدىن توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي يۇرتتىن كۆزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئاچامغا ھەمراھ بولۇپ بۇلاقبېشىدىكى«ھەدىيە كۆز كېسەللىكل...

  • قىزىم ساڭا ئېيتمەن

    قىزىم ساڭا ئېيتمەن ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن قىزىم ساڭا ئېيتىمەن مۇسۇلمان ئايالغا كىم قاچان تەربىيە بىرىدۇ ئۇنى كىم ۋە قاچان يەنى ئەقىللىق پاكىزە قەلىبى گۈزەل ھالغا يەتكۈزىدۇ؟ خوش ئەگەر بىزھەم ئاشۇ مۇنىسە ئاياللارغا ئو...

  • ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق توغىرىسدا

    ئىنسانغادۈشىمەن بولىدىغان يات قىلىقلاردىن بىر ۋەدىگە ۋاپ قلىماسلىقتۇر. بۇ بىر خىل ناچا ئىللەت بولۇپ، ئۆزىنىڭئابريى ،ئىززەت- ھۆرمىتىنى تۆكۈشتىن باشقا، يالغان ۋەدىگە ئىشەنگەن ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، دىلىنى ئاغرىتىدۇ. ئۇ كىشىدە ۋەدىگە ۋاپ قىلمىغان كى...

  • بالىلار يالغان سۆزلىسە قانداق قىلىش كىرەك...

    بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ سەۋەبى كۆپ بولسىمۇ ئومۇملاشتۇرغاندا، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرىشىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش؛ ئۆزىنى يلغان سۆزلەشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ ئۇنداقتا، بالىلار يلغان سۆزلىسە ئاتا- ئانىلار قانداق قى...

  • بالىلار يېتىلدۈرۈشكە تېگشلىك ساپا

        مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى يىقىندا بالىلار تۆۋەندىكى ساپالارغا ئىگە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى:     ئۆز –ئۆزىگە ئىشىنىش . ئۆز – ئۆزىگە ئىشىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا باراۋەر.     قىزغىنلىق . قىزغىنلىق بولغاندا ئالغا بېسىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بو...

  • ئاكتىپ روھى ھالەت سىزنى مۇۋاپىقىيەتكە باشلايدۇ

    (مۇلاھىزە ماقالە) مۇساجان تۇردى       ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا بىر قىسىم تىجارەتچىلەرنىڭ ‹‹سودىنىڭ تايىنى يوق ، باشقا ئىش قىلىپ باقسام بولامدىكىن ؟ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئۆتكۈزۈۋېتەيمىكىن ؟ تاپقان پۇل ئۆي ئىجارىسىگە چىقىشمايۋاتىدۇ . ھازىر ئالارمەندىن ساتارمە...

  • چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى

       ئامېرىكىدا : بالىنى ماختاش ئادەت    ئامېرىكىدا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى دائىم ماختاپ تۇرىدۇ . مەسىلەن: ‹‹بالام سىز بەك زېرەك!›› ،‹‹بەك ياخشى قىپسىز!›› ،‹‹ كاتتا ئىش قىلىپسىز!›› ، ‹‹سىز ئەڭ ياخشى!›› ، ‹‹سىز ئادەتتىكى بالا ئەمەس جۇمۇ!›› ، ‹‹سىزگە گەپ كە...

  • بالىغا ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرگەندە نېمىلەرگە دىقەت قىلىش كېرەك ؟

        1. بالىغا بىر نەچچە ئويۇنچۇقنى تەڭلا ئېلىپ بەرمەي ، ئالدى بىلەن بىر ئويۇنچۇقنى بېرىپ، بالا بۇ ئويۇنچۇقنى بىر مەزگىل ئوينىغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا ئويۇنچۇقنى بەرسە ،بالىنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.      2. نوقۇل ئالىي دەرىجىل...

  • بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە ھېكىمەتلەر

        بالىلارنى بەك ئەركىلىتىپ ۋە ئۇنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈۋالسىڭىز ھەم بېشىڭىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئائىلىڭىزنىڭ پادىشاھى قىلىۋالسىڭىز، تەبىئىيكى  بالىڭىز چوڭ بولغاندا سىز ئۇنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قالىسىز، چۈنكى پادىشاھتىن  ۋاپا تىلەش قۇرۇق خىيالدۇر.     بالىڭىز...

  • قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى

     پاتىمە ھۈسەن    بىزدە ‹‹ئەخلاقلىق قىز چېچەككە ئوخشايدۇ، ئەخلاقسىز قىز پېتەككە›› دېگەن سۆز بار. دېمەك، قىزلار ئۆزىدە ياخشى ئەخلاق دىيانەت ۋە قىزلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ قەدىرلەشكە ئېرىشەلەيدۇ ۋە ك...