1.ھەي ئوغلۇم بىلگىنكى ھەر قاچان بىر نادان بىلەن سۆزگە كىلىپ مۇنازىرە قىلىشساڭ ئۇنڭغا ئاچچىقلىنىپ جاۋابەن بەرمىگىن بەلكى يۇمشاق تىل بىلەن جاۋاپ بەر چۈنكى ئۇ نادان ئىھتىمال نادانلىق خۇمارىدىن سالامەت بولۇر. نادان_ئەخمەققە قاتتىق سۆز بىلەن جاۋاپ بەرسەڭ ،ئۆپكىسى كۆيىدۇ. ھەقىقى سۆز مۇلاقەت بىلەن پەھىم قىلماي ساڭا زۇلۇم بۇيرۇيدۇ ئۇ نادانغا چىرايلىق سۆز بىلەن بەرگەن جاۋابىڭ ئاڭا پايدا {تەسىر}بەرمىسە سۆزۇڭنى ئىككىنچى مەرتىبە يەنە دەپ ئولتۇرما چۇنكى سەن ئۆزۈڭنى تەكرارلىغانسىرى ئۇنىڭ نادانلىقى ئارتىدۇ . شۇڭا ئۇنىڭغا گەپ كىلماي جىم ئولتۇرۇش لازىمدۇر
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2.ئەي ئوغلۇم،ئەگەر سەن قانداق يول بىلەن بولسۇن بەدىنىڭنى ئۆزۈڭگە بويسۇندۇىرالىساڭ،باشقا ئادەملەرنىمۇ بويسۇندۇرالايسەن.ھەر قاچان ئۆز بەدىنىڭنى ئۆزۈڭگە بويسۇندۇرالىساڭ ۋە ھۈنەر { ئىلىم-كەسىپ } ئۆگەنسەڭ جەزمەن بىلىشىڭ لازىمكى ئىككىلا جاھاندا خاتىرجەم بولىسەن شۇنداقكەن ئىلىم-ھۈنەر ئۈگىنىشنى ۋە بەسىنىڭنى ئۆزۈڭگە بويسۇندۇرۇشنى دۇنيا ئامانلىق ئۈچۈن غەنىمەت بىل . ئادەم ۋاقىتتىنڭ ئوغلى بولىشى كىرەك . يەنى ھەر دائىم ئۆزى ياشىغان ۋاقتىغا قاراپ ئىش قىلىشى كىرەك. بىر ئىشنى قىلىش بىلەن زىيان كىلىدىغان بولسا،ئۇ ئىشنى قىلمىغان ياخشى .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
3.ئەي ئوغول ، بەك ياۋاش ۋە بەك جىددىي {ئالدىراغۇ} بولما ، ئارتۇقچە ياۋاش بولساڭ ، سىنى باسىدۇ. زىيادە جىددىي ئالدىراڭغۇ بولساڭ باشقىلار سەندىن قاچىدۇ، <<ياۋاش بولساڭ باسارلار ، يامان بولساڭ ئاسارلار،>> ياۋاشلىق ۋە ئۆتكۈنلۈك نىڭ ئارسىدا مۆتىدىل بول، شۇنداقلا خەلققە دوس بولساڭ ھاجەتلىرىڭ راۋان بولىدۇ . خەلىق سىنى يامان ئىشلارغا باشلىمايدۇ ئەگەر سەن نادانلىقتىن خالاس بولاي دىسەڭ قانچىلىك ھۈنەر - پەزىلەت ئىگىلىرگە بىلمەيمەن دىگەن دىن ئۇلۇغ پەزىلەت يوق . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق