-داۋامى›ئايالىم ماڭا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ‹ھىكايە ئىز تورى www.iz.la
ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ يەنەبىر بەندەڭنىڭ بىشغا كەلتۈرمىگەيسەن ،يىغلاپ بىشىم قاپاق ھىچنىمە ئويلىغۇچىلىكىم يوق ،بىرچاغدا ئىسىمنى يىغىپ بۈگۈن مىنىڭ تويۇم ئىكەنلىگىنى ئويلاپ ئايالىم ئسىمگە يەتتى..ئۇ ئۆي بۇئۆي كىرىپ ئۇنى زادىلا تاپالمىدىم،ئانامدىن سڭلىمدىن سوردۇم ئاينۇركۆرۈنمەيدىغۇ؟ئۇلارمۇ بىزمۇ بار يوقنىڭ ئارلىغىدا يۈرگەن تۇرساق بالام ئۇنڭغا قارغىدەك ۋاقىتمۇ بولمىدى،بىريەگە كەتمەيدۇ خوشنىلارنىڭكىگە چىقىپ باقامسەن بالام ....ھەراس بايام قۇدام كەلگەندەك قىلىۋىدى ئىلىپ كەت مىگەندۇ ھە.<....بىركۆزۈم ياش بىركۆزۈم قان....>بىشىمنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كەتتىم ،بىرچاغدا ئشك ئىچىلىپ قىيىن ئاپام كىرىپ كەلدى ،كەينىدە يىغلاپ كۆزلىرى قىزارغان ئايالم تۇراتتى،كەلسىلە ئاپا دەپ ئورۇن كۆرسەتتىم .قىيىن ئاپام ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ ناھايتى سالماقلىق بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى.<مەن گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدىم ئۇنداق دىسەممۇ بۇنداق دىسەممۇ ئوخشاشتەك قىپ تۇردۇ...دە ۋېرەي ئاللاھ بۇ ئىككى ياشنىڭ رىسقىنى قوشمىغان چىغى ..نەق توي كۈنىدە بۇئش يۈبەردى قىزىم ئۆزىنى بۇئۆيگە ئايقىم ياراشمىدى دەپ ئويلايدىكەن قىزىم ئەمەس باشقىلارمۇ شۇنداق ئويلىشى مۆمكىن ...شۇڭلاشقا مۆمكىن بولسا رۇخسەت قىلىشسىلا مەن قىزىمنى ئالغاچ كىتەي مىكىن دەۋاتىمەن..بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن بىر گەپ بولا.مەنمۇ نىم دىيشىم كىرەكلىكىن ئاللا بۇرۇن ئويلاپ قويغان...ئاپا م ئىغىز ئاچىقىچە مەنلا جاۋاپ بىرۋەتتىم ..ئاپا دادامنىڭ 5ئەزادىن چاتاق چىقىپ ئورۇن تۇتۇپ يىتىۋاتقانلىغىنى يۇرت جامائەتنىڭ ھەممىسى بۇرۇنلابىلەتتى.بۇ توغىرسىدا يەنمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلاپ باققانلىرى ياخشىراق بولامدىكىن .ئاللاھ جاننى قاچان ئالىمەن دىسە شۇچاغدا ئالىدۇ .دادام بىزنىڭ تويىمىزنى كۆرۈپ خاتىرجەم كۆزيۇمدى.بۇنى ئاينۇرقىزدىن كۆرسەك بىزنى ئادەم دىگىلى بولماس..قىيىن ئاپام بىردەم تۇرۋالغاندىن كىيىن بوپتۇ ئەمسە بالا قىپ قالسۇن..ئاينۇر بولسا كۆزۈمدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى .مەن ئۇنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ يىڭىدىن تارتىپ قويدۇم ئۇ ماڭا ئەگشىپ سىرتقا ماڭدى.باشقا ھىش نىمىنى ئويلىمىغىن بىرمەزگىل مىنى توغرا چۈشىنىشڭنى ئۈمۈت قىلىمەن .ئۇبىشىنى لڭىشتىپ ماقۇللىدى.مىنڭ يەنە باشقا گەپ قىلغۇدەك ھالىممۇ يوق ئىدى. شۇلارنى دەپ ئىشك ئالدىدا ئولتۇرسام خىلى ياشقا چوڭ بىرقانچە كىشى ساقاللىرىنى سىلىشىپ <ئەخلەت بىلەن ئوچاقنىڭ كۈلنى قوشۇپ ئالسا مۇشۇنداق بولىدۇ...........>دىگەن گىپى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى ،كۆزۈمگە ھچىنىمە كۆرۈنمىدى چاچراپ تۇردۇم دە ئىسىت سەنلەرنىڭ شۇ ياشقىچە ياشغىنىڭ ،پوق ئالغان كەتمەندە سۈئىچىپ ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغان نىمىلەركەن بۇ..ھەي ئەخلەت بىلەن كۈلنىڭ قولىدىن شۇنداق چوڭ ئش كەلسە سەنلەر نىمدەپ شۇ كۈل بىلەن ئەخلەتكە سەجىدە قىلىشمايسەن ...ساقىلڭغا لەنەت دەپ تىللاپلا كىتىپتىمەن....بىرچاغدا ئاكام كىلىپ ئىغىزىمنى تۇتۇتىۋالمىغان بولسا يەنە نىمىلەرنى دەپ تىللار ئىدىمكىن تاڭ.كورۋاتىمىز خەلىقمىزنىڭ نادانلىغىنى ....ئىسىت ...ئىسىت......تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ توىتۇر سىڭلىمنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ دىگەن گىپى بىلەن ئسىمنى يىغدىم ...چاچراپ تۇرۇپ دوختۇرنىڭ ئالدىغا باردىم.دوختۇر بىز ئامالىنى قىلىۋاتىمىز.....دىگەندىن كىيىن مىنى باشلاپ ئشخانىسگە كىردى دە يىگت بىز يەنە تىرشىمىز تىرشىۋاتىمىز لكىن ئىددىيەدە تەييارلىق بولسۇن ئانچە چوڭ ئۈمۈت كۈتۈپمۇ كەتمەڭ دىدى.مەن ئاران ئارن دەسسەپ سىرتقا چىقتىم .تامغا يۆلىنىپلا ئولتۇرۇپ قاپتىمەن...قىيىن ئىنىم مىنى يۆلەپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.ئاينۇر جىنىم ئاينۇر مىنى كەچۈر .....ئۇنىڭ بىلەن قىلىشقان تاتلىق سۆزلىرىمىز چۇ تىخى..<قاھاربالام تۇغۇلسا سىلىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالسامچۇ....قانداق قىلىسىلە...؟ئۇچاغدا بەك ياخشى بولدۇ...تىلفون قىلىپ ئاۋارە قىلمايسىلە...دوسلۇرۇم بىلەن خاتىرجەم ئوينۇمنى ئوينايمەن.. ...ئويدە كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغا كەلسەم ئاۋارە قىلمايسىلە...بالىمىزنى ئەركىلىتىپ ئوزۈڭلىنىڭ ئشلىرىڭلىنى قىلساڭلا نىم دىگەن ياخشى...>ئۇ خاپا بوپ كەتكەن ئىدى...<شۇنداقمۇ ئاخېر راس گەپ قىلدىڭلا ھە...بوپتۇ ئويناڭلا سىلىنى بولسا باللار باغچىسىغا ئاپىرىپ قويسام دوپپاڭلىنى كەمپۈتكە لىقلاپ شۇنداقمۇ ...ئسست ئىسست مەن سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاننىڭ يىرمىنى سىلگە بەرسچۇ ئاللاھ....مەن ئۇنىڭغا چاقچاق..قىپ قويدۇم خوتۇن>دەپ قۇتۇلغان ئىدىم...ئەپسۇس ...ھازىر چۇ ئۇنىڭ ئەشۇ يىقىملىق ئاۋازىنى ...قاھار قاچان قايتىپ كىلىسىلە بالاڭلىنىڭ كۆرگىسى كىلپ تىپىۋاتىدۇ..قاھار كەش قالماي كىلىڭلا...قورقىدىكەنمەن...قاھارنىم يىگۈڭلا با ئەتكەچ تۇراي...................شۇچاغدا ھەي ساراڭمۇ سەن يوق ئشلار غىمۇ تىلفون قىلىپ ئاۋارە قىلىدىكەنسەن ئادەمنى دەپ سىلكىۋىتىپتىكەنمەن...كۆزلىرىمدىن تاراملاپ چۈشىۋاتقان ياشلار كوينىكىمنىڭ تەڭ يىرىمنى يۆل قىپ بولغان ئىدى...ئاينۇر ئورنۇڭدىن تۇرۇپ مىنى ئۇرۇپ تىللا نىم قىلساڭ مەيلى ..ئاۋازىڭنى يەنە بىرئاڭلىۋالايچۇ....كۆزۈڭنى ئاچىقىن يىغام تىخمۇ كۈچەيمەكتە....
داۋامى بار.........>كەچۈرۈڭلا قىرىنداشلا...بىۋاستە كومپىيوتىرغىلا يىزىۋاتقاچقا ئىملاخاتالىقى ئىغىر بولشى مۆمكىن تۈزۈتۈپ ئوقۇيارسىزلە..بۇئشلارنىڭ ھىشقانداق ئويدۇرمىسى يوق ئۆزكەچۈرمۈشۈم....