لەۋ سۇرۇخ ۋە كېسەللىك
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
لەۋ سۇرۇخ قوي يۇڭى مېيى ، موم ۋە بۇ ياق ماتېرىياللىرى قاتارلىق 20 خىلدىن ئاتۇق تەركىبنىڭ ئارلاشمىسىدىن ياسىلىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدىكى قوي يۇڭى مېيىنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپلا قالماستىن ، ئاسانلا رېئاكسىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىلدۇ . ئۇ بىر قەدەر كۈچلۈك قوبۇل قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ ، ھاۋادىكى چاڭ - تۇزان ، ۋروس، باكتېرىيە قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئىنتايىن كىچىك دانچىللىرىنى لەۋگە يېپىشتۈرىۋالىدۇ . بۇ زىيانلىق ماددىلار تاماق يېگەندە ، تاماق بىلەن بىللە بىۋاستە ئادەم ئورگانىزىمىغا كىرىپ كىتىدۇ . ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا لەۋ سۇرۇخ كۆپ سۈرۈلسە ، سەپكۈن ، داغ پەيدا قىلىدۇ . چۈنكى لەۋ ئادەم بەدىنىدىكى بىرقەدەر چىداملىق قىسىم ، يۈز بىرقەدەر يۇمران قىسىم بولۇپ ، لەۋ سۇرۇخنىڭ غىدىقلىشىغا چىدىيالمايدۇ . بولۇپمۇ ياش قىزلار دائىم لەۋ سۇرۇخ سۈركىسە زىيانلىق . چۈنكى ياش قىزلارنىڭ ئەزالىرى بىر قەدەر يۇمران بولۇپ ، خىمىيىلىك ماددىلارغا بەك سەزگۈر كېلىدۇ . شۇڭا ، لەۋ سۇرۇخ ئىشلەتكەندە تۆەندىكى بىرنەچچە نوقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك . ( 1) لەۋ سۇرۇخنى سۇس سۈرتىش ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۇيۇۋېتىش كىرەك . ( 2 ) تاماق يېيىشتىن ئىلگىرى لەۋسۇرۇخنى سۈرتىۋېتىش كېرەك . ( 3 ) كىچىك قىزلار لەۋ سۇرۇخ سۈرگەندە ، ئاغرىش ، قىچىشىش ئالامەتلىرى كۈرۈلسە ، دەرھال يۇيۇۋېتىش ، ئىشلىتىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش كىرەك . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!