دورا-ئۇكۇلنىڭ زىينى بارمۇ؟

ۋاقتى:2010-04-25 10:43مەنبە: يوللىغۇچى:ياشلىقىم چېكىلىشى:قىتىم
    

دوكتۇر مۇھەممەتئىمىن بىلەن سوئال جاۋاپ1

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

1-سۇئال: ئادەتتىكى ئۇششاق كېسەللەرگە، مەسىلەن، يېنىك زۇكام دىگەندەك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا بەزىلەر "ئامال بار دورا-ئوكۇلسىز ھالدا ئۆزلىگىدىن ئەسلىگە كەلگەن ياخشى، بولمىسا كېيىن دورا-ئوكۇل تەسىر قىلمايدۇ" دېيىشىدۇ، سىزچە بۇ گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

جاۋاپ: مېنىڭچە بۇ گەپنىڭ مەلۇم ئاساسى بار. ئىز تورى بەك ياخشى

ئادەم بەدىنىدە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ناھايىتى كوپ بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنى بىئولوگىيىلىك ئامىللار، خىمىيىلىك ئامىللار، فىزىكىلىق ئامىللار، يىمەك-ئىچمەك ئامىللىرى ۋە ئىرسىي ئامىللار دىگەندەك 5 خىل تۈرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كوپ ئۇچرايدىغان ئامىل بىئولوگىيىلىك ئامىل بولۇپ، ئۇ ھەر خىل ۋىرۇس، باكتېرىيە ۋە پارازىت قۇرتلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.
   ئادەتتە كېسەلنى داۋالىغاندا، ئالدى بىلەن ئۇ كېسەلنىڭ نىمە كىسەل ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپلا قالماستىن بەلكى ئۇ كېسەلنىڭ نىمە سەۋەپتىن كېلىپ چىققانلىغىغىمۇ قاراش كېرەك.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

يۇقىردا سىز سورىغان ئادەتتىكى زۇكامنى زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر زۇكامنى ئوز ئىچىگە ئالغان ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان بارلىق كېسەلگە نىسبەتەن ئۈنۈملۈك دورا ناھايىتى ئاز. ھازىر زۇكامنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىۋاتقان دورىلار ئاساسەن زۇكام كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يەڭگىللىتىش ۋە بەدەننىڭ ئىمونتت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىنلا ئىبارەت. شۇڭا زۇكامنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەلدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بەدەننىڭ ئىمونت كۈچىنى ئاشۇرۇش، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ۋاكسىنا ئۇردۇرۇشتىن ئىبارەت. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
   زۇكامنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك دورا بولمىغانلىقى ئۇچۇن، زۇكامنى داۋالاشتا زۇكامنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى زۇكام كەلتۈرۈپ چىقارغان ئالامەتنى كونترول قىلىپ، بىمارنىڭ بىئاراملىقىنى ئازلىتىش ئاساس قىلىنىدۇ. يەنى زۇكام سەۋەبىدىن باش ياكى گىلى ئاغرىغان بولسا ئاغرىقنى توختىتىدىغان دورا ئىشلەتسە بولىدۇ. قىزىتمىسى ئېشىپ كەتكەن بولسا قىزىتمىسىنى ياندۇرىدىغان دورا ئىشلەتسە بولىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى

   نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئادەتتىكى زۇكام كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە يېشىغا ئاساسەن 3 كۈندىن 7 كۇن ئىچىدە ساقىيىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئەگەر بىئاراملىققا چىداپ كېتەلىسە ياكى قىزىتمىسى يۇقىرى بولمىسا، ياخشى ئارام ئىلىش، سۇنى كوپ ئىچىش ئارقىلىقمۇ ساقىيىپ كەتكىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا بەزى يەرلىك ياكى مىللىچە ئۇسۇلدا، ۋە ياكى بەزى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش ئىلىپ بارسىمۇ بولىدۇ.
   بىراق مەسىلە بەزى كېسەللەرنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ئادەتتىكى زۇكام بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇنى چوقۇم ئادەتتىكى زۇكامدىن پەرىقلەندۇرۇش كېرەك.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


بولۇپمۇ ياش چوڭايغاندا بەدەندە كۆرۈلگەن ھەرقانداق ئالامەتكە سەل قارىماي، دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىش كېرەك. بولمىسا بەزى كېسەللەرگە بالدۇر دىئاگنۇز قويۇپ، بالدۇر داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدىغان گەپ.
   ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك مەسىلە، ھازىر مەيلى ئۇيغۇر ئىلىدە بولسۇن ۋە ياكى جۇڭگۇنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە بولسۇن، كىشىلەر زۇكام بولۇپ دوختۇرغا كۆرۈنگەندە، بىمارغا كۆپلەپ باكتىريەگە قارشى دورا ئىشلىتىدىغان بولۇپ كەتتى، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل توغرا بولمىغان داۋالاش ئۇسۇلى.
   مېنىڭچە ھەرقانداق كېسەلگە نىسبەتەن مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىش ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى دورا خىمىيىلىك ماددا بولغىنى ئۇچۇن، ئۇ بىر تەرەپتىن كىسەل داۋالىغىنى بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن بەدەنگە مەلۇم ئەكىس تەسىرنى ئىلىپ كېلىدۇ. ئۇندىن باشقا دورىلارنى بولۇپ باكتىريەگە قارشى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتكەندە، بەدەندىكى ۋە ياكى ئەتىراپتىكى مۇھىتتىكى باكتىريەلەر شۇ خىلدىكى دورىغا قارشىلىق كۇچ پەيدا قىلىپ، كىيىن دورا پايدا قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
   شۇڭا مىنىڭ قارىشىمچە دورا ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئامال بار دورا ئىشلەتمەسلىك، ياكى ئاز دورا بىلەن ساقىيىدىغان كېسەلگە ئىمكان بار قالايمىقان دورىلارنى كوپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بۇنداق دېگەنلىك كىسەل بولساڭ دورا يىمە دېگەنلىك ئەمەس. ئېھتىياج بولغاندا يەنىلا مۇۋاپىق دورا يىيىش، يىگەندىمۇ ۋاقتىدا يىيىش كېرەك
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(11)
78.6%
ئالقىشلايمەن
(3)
21.4%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • چىرىگەن چىشنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا ، راك كېسىلى پەيدا بولىدۇ

       ناچار غىزالىنىش ئادىتى ئاسانلا چىشنى چىرىتىدۇ . كۆپلىگەن كىشلەر چىش چىرىش ئەھۋالىغا پىسەنت قىلىپ كەتمەيدۇ . ئەمما بۇنداق پوزىتسىيە ئىنتايىن خەتەرلىك . چۈنكى چىرىگەن چىشنى ئۇزاق ۋاقىت داۋالىمىغاندا ، راك كېسىلىنى پەيدا بولىدۇ . چىرىگەن چىش قانداق قىلىپ...

  • قاداقنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى

       قاداق — پۇت–قوللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل تېرە كېسەللىكى بولۇپ ، مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن داۋالىغاندا تېز ساقايتقىلى بولىدۇ .    1. پىياز پوستى ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ . يەنى يېڭى پىيازنىڭ يىلتىزىغا يېقىن قىسىمىدىكى قاسىراقلىق جاينىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتى...

  • باللاردىكى كۆك يۆتەلنى داۋالاش

    1. 15گىرام خاسىڭ مېغىزى ، 1.5 گىرام قىزىل گۈل ، 15گىرام سۇقۇلغان تاۋۇز ئۇرقى ،30گىرام ناۋاتنى قۇشۇپ سۇدا قاينىتىپ سۇ ئورۇندا ئىچىكۈزۈش لازىم . 2. بىر دانە ئۆردەك تۇخۇمىغا 30گىرام ناۋات ،بىلەن ئازراق سۇ قۇشۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ يىگۈزۈش لازىم . 3.ئىككى دانە...

  • قانداق قىلغاندا ئۆزدىكى يۈرەك كىسلنى بايقغىلى بۇلىدۇ

    1.دۆڭگە ياكى پەلەمپەيگە چىققاندا ھاسىراش نەپەس قىيىنلىشش قاتارلىقلارنىڭ بار يوقلققىغا دىققەت قىلىندۇ . 2.تۇمۇر سوقۇش سانىنڭ بىر مىنۇتتا 100دىن ئاشقان- ئاشمىغانلىقىغا دىققەت قىلىندۇ . 3.تۇمۇر سوقۇشنىڭ توختاپ قېلىش ئەھۋالى بار -يوقلىقىغا دىققەت قىلىنىدۇ . 4...

  • قىزىتما قايتۇرغۇچ دۇرىلارنى قانداق ئىشلىتش كىرەك

    قىزىتما ئادەم بەدىنىدىكى مۇداپىيە خاراكتىرلىك رېئاكسيەسى بۇلۇپ بۇ كىسەلىك پەيدا قىلىدىغان باكىترىيەلەرىگە پايدسىز ، چۈنكى قىزىغاندا بەدەندىكى ئانتېتلار ( قارشى تەنچە ) كۆپيىپ ، ئاق قان ھۈجەيلىرنىڭ كىسەلىك پەيدا قىلىدىغان باكتىرىيەلەرنى يۇتۇش رولى ۋە زەھەر...

  • تۇخۇم شاكلىنىڭ شىپالىق رولى

    12بارماق ئۈچەي يارسىغا گىرىپتار بولغان كىشى ئاشقازانىڭ داۋاملىق ئاغرىپ تۇردىغانلقنى ھېس قىلىدۇ. بۇ ئاشقازاندىن ئاجرىلىپ چىققان زور مىقىتداردىكى ئاشقازان كىسلتاسنىڭ يارىغا ۋە نىرۋا ئۇچسىغا تەسىر قىلىپ ئاشقازان بولجىڭ گۆشلىرنىڭ تارتىشىپ قىلشنى كەلتۈرۈپ چىقا...

  • ياستۇقنى ئېگىز قۇيۇپ يېتىش چىش ئاغرىقىغا پايدىلىق

    ياستۇقنى ئېگىز قۇيۇپ يېتىش چىش ئاغرىقىغا پايدىلىق چىش كۈندۈزى ئاغرىسا ئانچە بىلىنىمەيدۇ،لېكىن كىچىسى ئاغرىسا چىدىغىلى بولمايدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ئادەم ياتقان چاغدا بەدەن گورزىنتال تەكشىلىك ھالىتىدە تۇرغاچقا ،باش قىسمىغا ئېقىپ بارغان قاننىڭ مىقد...

  • چوڭ مېڭە نېمىدىن قورقىدۇ....؟

    1 . ئۇزۇن مۇددەت زىيادە تويۇنۇشتىن قورقىدۇ ؛ دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەلدىكى كۆپلىگەن ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ تەتقىق قىلش ئارقىلىق تاماقنى زىيادە تويۇنۇپ يىگەندە، چوڭ مىڭىدىكى تالا بىخ ھۈجەيىرسىنى ئۆستۈرگۈچدەپ ئاتىلىدىغان ماددىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىشپ كىتدىغانلىقىنى باي...

  • مىڭىگە قان يېتىشمەسلىكىنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى

    مىڭىگە قان يىتىشمەسلىك كىسەللىكىنىڭ ئالامىتى بولسا بىمار چۈشكۈرىدۇ، ئاندىن كىيىن كۆڭلى ئىلىشقاندەك بولۇپ ، پۈتۈن بەدىنى بىئارام بولىدۇ، يۈرىكى ئاغرىيدۇ،كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ،تورلىشىپ، خۇدىنى يوقىتىپ يىقىلىدۇ. جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى-- 1- بىمارنىڭ بىشىنى...

  • نىمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ قاپىقى تارتىدۇ؟

    ئادەمنىڭ قاپىقى بەش قەۋەتتىن تەركىب تاپىدۇ. سىرتتىن ئىچىگە قارپ بىرىنچى قەۋىتى تىرە، ئىككىنچى قەۋىتى تىرە ئاسىتى توقۇلمىسى، ئۈچىنچى قەۋىتى پۈرمە مۈسكۇل، تۆتىنچى قەۋىتى قاپاق پلاستىنكىسى، بەشىنچى قەۋىتى قاپاق بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى دەپ ئاتىلىدۇ. پۈرمە مۇسكۇل...