بايلار كېسىلى ۋە كەمبەغەللەر كېسىلى

ۋاقتى:2010-04-25 10:40مەنبە: يوللىغۇچى:ياشلىقىم چېكىلىشى:قىتىم
  

بايلار كېسىلى ۋە كەمبەغەللەر كېسىلى بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

    بەزى كىشىلەر ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان رايون، دۆلەتلەردە ۋە ياكى ئىقتىسادى ياخشى كىشىلەر ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بەزى كېسەللەرنى بايلار كېسىلى دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، بۇ كېسەللەر تاجىسىمان يۇرەك قان-تومۇر كېسىلى (冠心病)، يۇقىرى قان بېسىمى (高血压)، قىزىل قان تومۇر قېتىۋېلىش كېسىلى (动脉硬化) قاتارلىق يۇرەك قان تومۇر كېسىلى (心血管疾病)، مىڭە قانسىزلىنىپ ئۆلۈش كېسىلى (脑梗死)، مېڭىگە قان چۈشۈش كېسىلى (脑出血)، مىڭە قان تومۇرى قېتىشىۋېلىش كېسىلى (脑血管硬化)
قاتارلىق مىڭە قان تومۇر كېسىلى (脑血管疾病) ۋە دىئابىت كېسىلى (糖尿病)قاتارلىق كېسەللەرنى ئوز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ كېسەللەر ئاساسەن كىشىلەرنىڭ گوش، ماي ۋە تاتلىق يىمەكلىكلەر قاتارلىق يۇقىرى ئىنىرگىيەلىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشى بىلەن بىۋاستەمۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەركەتنى ئاز قىلىدىغان سېمىز كىشىلەر ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ كىسەل ئادەتتە ئىقتىسادى تەرەققى قىلمىغان كەمبەغەل رايونلاردىكى كەمبەغەل كىشىلەر ئارىسىدا بەك كۆپ ئۇچرىمايدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىكى ھەقىقى باي كىشىلەر ۋە مەدەنىيەت سەۋىيسى يۇقىرى كىشىلەر گوش ماينى ۋە تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يەتكەنلىكى، يىمەك ئىچمەكتە ئۆزىنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقى ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە ئادەتلەنگەنلىگى ئۇچۇن، ھازىر بۇ ئاتالمىش "بايلار كېسىلى" ھەقىقى باي كىشىلەر ئارىسىدا كۈنسايىن ئازلاپ، تەرەققى قىلغان مەملىكەتلەردىكى كەمبەغەللەر ئارىسىدىلا كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. ئەگەر سىز
ئامېرىكىدا ئالاھىدە سېمىز ئادەمنى ئۇچراتسىڭىز، سىز ئۇ كىشىنى ئىقتىسادى كىرىمى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ۋە ياكى ھۆكۈمەتتىن قۇتقۇزۇش پۇلى ئىلىپ، بىكار يەپ بىكار ئىچىدىغان كىشى دەپ پەرەز قىلسىڭىز، پەرىزىڭىزنىڭ توغرا بولۇش ئېھتىماللىقى 90% دىن ئارتۇق بولىدۇ.

ئىز تورى www.iz.la

كەمبەغەللەر كېسىلى دېگەن قانداق كىسەل؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بەزى كىشىلەر ئىقتىسادى تەرەققى قىلمىغان رايون، دۆلەتلەردە ۋە ياكى كەمبەغەل كىشىلەر ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بەزى كېسەللەرنى كەمبەغەللەر كېسىلى دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، بۇ كېسەللەر ھەر خىل تېبىركىلوز كېسىلى (结核病)، جىگەر ياللۇغى (肝炎)، بەزگەك (疟疾)، كېزىك (伤寒)، ئىچى سۈرۈك (痢疾),قاپلىق قۇرۇت كېسىلى (包虫病)، ھەر خىل مەددە قۇرۇت كېسىلى (寄生虫病) قاتارلىق ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللەرنى ئوز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ كېسەللەر ئاساسەن كىشىلەرنىڭ يىمەك ئىچمەكلىرىنىڭ ناچار بولۇشى، يەنى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، يىمەك ئىچمەك تازلىقىنىڭ ناچار بولۇشى، كىشىلەرنىڭ تازلىق ۋە ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. بۇ كېسەللەر ئادەتتە ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تەرەققى تاپمىغان دۆلەتلەر بىلەن بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ، بىراق تەرەققى قىلغان غەرب مەملىكەتلەردە ۋە ئىقتىسادى ياخشى بولغان باي كىشىلەر ئارىسىدا ئاساسەن بەك كۆپ ئۇچۇرمايدۇ. ئىز تورى www.iz.la

ئۇيغۇر ئىلى ئادەتتە ئىقتىسادى تەرەققى قىلمىغان رايون ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، يۇقىردا دەپ ئۆتكەن "كەمبىغەللەر كېسىلى" كۆپ ئۇچرىغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ گوش ماينى كۆپ ئىستىمال قىلىش، ھاراق تاماكىغا كۆپ بېرىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكتەك بەزى ناچارتۇرمۇش ئادەتلىرى سەۋەبىدىن يۇقىردا دەپ ئۆتكەن "بايلار كېسىلى"مۇ كۆپ
ئۇچرايدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۇيغۇر ئىلىنىڭ كەڭ يېزا قىشلاقلىرىدا كىشىلەرنىڭ كەمبەغەللىكى، ياشاش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى، تازلىق ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى، يىمەك ئىچمىكىنىڭ بولۇپمۇ ئىچىملىك سۈيىنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ياكى بۇلغانغان سۇلارنى ئىستىمال قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى، ۋە ياكى ئۆلچەمگە توشىدىغان پاكىز سۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، بەزىلەرنىڭ ھەتتا يوقسۇزلۇق تۈپەيلىدىن يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەسلىكى قاتارلىق سەۋەبلەردىن يۇقىردا دەپ ئۆتكەن "كەمبەغەللەر كېسىلى" كۆپ ئۇچۇرسا، ئۇرۇمچى، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە، كىشىلەر تۈگىمەس ئولتۇرۇش ۋە
قاتار چايلاردا چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ، ھەددىدىن زىيادە كۆپ ھاراق ۋە تاماكىلارغا بېرىلگەنلىكى سەۋەبىدىن يۇقىردا دەپ ئۆتكەن "بايلار كېسىلى"دىنمۇ تەڭ "بەھرىمان" بولماقتا.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(5)
71.4%
ئالقىشلايمەن
(2)
28.6%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • باللاردىكى كۆك يۆتەلنى داۋالاش

    1. 15گىرام خاسىڭ مېغىزى ، 1.5 گىرام قىزىل گۈل ، 15گىرام سۇقۇلغان تاۋۇز ئۇرقى ،30گىرام ناۋاتنى قۇشۇپ سۇدا قاينىتىپ سۇ ئورۇندا ئىچىكۈزۈش لازىم . 2. بىر دانە ئۆردەك تۇخۇمىغا 30گىرام ناۋات ،بىلەن ئازراق سۇ قۇشۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ يىگۈزۈش لازىم . 3.ئىككى دانە...

  • قانداق قىلغاندا ئۆزدىكى يۈرەك كىسلنى بايقغىلى بۇلىدۇ

    1.دۆڭگە ياكى پەلەمپەيگە چىققاندا ھاسىراش نەپەس قىيىنلىشش قاتارلىقلارنىڭ بار يوقلققىغا دىققەت قىلىندۇ . 2.تۇمۇر سوقۇش سانىنڭ بىر مىنۇتتا 100دىن ئاشقان- ئاشمىغانلىقىغا دىققەت قىلىندۇ . 3.تۇمۇر سوقۇشنىڭ توختاپ قېلىش ئەھۋالى بار -يوقلىقىغا دىققەت قىلىنىدۇ . 4...

  • قىزىتما قايتۇرغۇچ دۇرىلارنى قانداق ئىشلىتش كىرەك

    قىزىتما ئادەم بەدىنىدىكى مۇداپىيە خاراكتىرلىك رېئاكسيەسى بۇلۇپ بۇ كىسەلىك پەيدا قىلىدىغان باكىترىيەلەرىگە پايدسىز ، چۈنكى قىزىغاندا بەدەندىكى ئانتېتلار ( قارشى تەنچە ) كۆپيىپ ، ئاق قان ھۈجەيلىرنىڭ كىسەلىك پەيدا قىلىدىغان باكتىرىيەلەرنى يۇتۇش رولى ۋە زەھەر...

  • تۇخۇم شاكلىنىڭ شىپالىق رولى

    12بارماق ئۈچەي يارسىغا گىرىپتار بولغان كىشى ئاشقازانىڭ داۋاملىق ئاغرىپ تۇردىغانلقنى ھېس قىلىدۇ. بۇ ئاشقازاندىن ئاجرىلىپ چىققان زور مىقىتداردىكى ئاشقازان كىسلتاسنىڭ يارىغا ۋە نىرۋا ئۇچسىغا تەسىر قىلىپ ئاشقازان بولجىڭ گۆشلىرنىڭ تارتىشىپ قىلشنى كەلتۈرۈپ چىقا...

  • ياستۇقنى ئېگىز قۇيۇپ يېتىش چىش ئاغرىقىغا پايدىلىق

    ياستۇقنى ئېگىز قۇيۇپ يېتىش چىش ئاغرىقىغا پايدىلىق چىش كۈندۈزى ئاغرىسا ئانچە بىلىنىمەيدۇ،لېكىن كىچىسى ئاغرىسا چىدىغىلى بولمايدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ئادەم ياتقان چاغدا بەدەن گورزىنتال تەكشىلىك ھالىتىدە تۇرغاچقا ،باش قىسمىغا ئېقىپ بارغان قاننىڭ مىقد...

  • چوڭ مېڭە نېمىدىن قورقىدۇ....؟

    1 . ئۇزۇن مۇددەت زىيادە تويۇنۇشتىن قورقىدۇ ؛ دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەلدىكى كۆپلىگەن ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ تەتقىق قىلش ئارقىلىق تاماقنى زىيادە تويۇنۇپ يىگەندە، چوڭ مىڭىدىكى تالا بىخ ھۈجەيىرسىنى ئۆستۈرگۈچدەپ ئاتىلىدىغان ماددىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىشپ كىتدىغانلىقىنى باي...

  • مىڭىگە قان يېتىشمەسلىكىنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى

    مىڭىگە قان يىتىشمەسلىك كىسەللىكىنىڭ ئالامىتى بولسا بىمار چۈشكۈرىدۇ، ئاندىن كىيىن كۆڭلى ئىلىشقاندەك بولۇپ ، پۈتۈن بەدىنى بىئارام بولىدۇ، يۈرىكى ئاغرىيدۇ،كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ،تورلىشىپ، خۇدىنى يوقىتىپ يىقىلىدۇ. جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى-- 1- بىمارنىڭ بىشىنى...

  • نىمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ قاپىقى تارتىدۇ؟

    ئادەمنىڭ قاپىقى بەش قەۋەتتىن تەركىب تاپىدۇ. سىرتتىن ئىچىگە قارپ بىرىنچى قەۋىتى تىرە، ئىككىنچى قەۋىتى تىرە ئاسىتى توقۇلمىسى، ئۈچىنچى قەۋىتى پۈرمە مۈسكۇل، تۆتىنچى قەۋىتى قاپاق پلاستىنكىسى، بەشىنچى قەۋىتى قاپاق بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى دەپ ئاتىلىدۇ. پۈرمە مۇسكۇل...

  • دورىسىز قان بېسىم چۈشۈرۈشنىڭ ئەپچىل چارىسى

    بۇندىن 30 يىل ئىلگىرى يۇقىرى قان بېسىمى ھاياتلىقتىكى قېرىلىق كېسەلىكى دەپ قارىلاتتى ،لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى يۇقىرى قان بېسمىغا گىرىپتار بۇلدىغانلار بارغانسىرى ياشلىشىۋاتىدۇ،ھازىر تۆت ئادەمنىڭ بىردە بۇ كىسەل بار.ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسمىن...

  • تاماكا خۇمارىنى تۈگىتىشنىڭ ئەپچىل چارىسى

    تاماكا چېكىش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق . شۇڭا ھازىر تاماكا تاشلاشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە . بېيرۇتتا نەشىر قىلىنىدىغان ئەرەب تىببىي ئىلمىنىڭ سىرى ناملىق كىتابتا تونۇشتۇرۇلىشىچە ، تاۋۇزغا ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ يېس...