مائارىپشۇناسلار ،جەميەتشۇناس،پىسخولوگلارنىڭ بىردەك ئىسپاتلىشىچە ،ئادەملەرنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە مۇھىتنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن .يەنى ئىناق ،بىر -بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئەئقلدە ئۆسۈپ - يېتىلگەن بالىلار بىر- بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ،ھەمكارلىق روھى كۈچلۈك ، چىقىشقاق كېلىدىكەن ،ھەدېسلا جىدەل ئۆسىمەيدىغان ئائىلەدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلار ئۇرۇشقاق ، جېدەلخور ،ئۆكتەم ، كىشلەردىن قۇسۇر ئىزدەپ ماجرا تېرىشقا ئامراق ياكى بولمىسا قورقۇنچاق كېلىدىكەن ... دېمەككى ،بىز بۇنىڭ ئۆزىدىلا ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ خاراكتېرى يېتىلىشىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ، ئاتا- ئانىلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتىگە دىققەت قىلىشنىڭ لازىملىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز . ئىز تورى بەك ياخشى
بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئەدەپ -ھايا بىلەن يۈرۈڭ . بالىلىرىڭىز كىچىك بولسا كۈندىن -كۈنگە چوڭ بولىدۇ ، ئىش ئاڭقىرىدۇ ، مەسىلىلەرنىڭ ياخشى - يامىنىنى بىلىش - چۈشىنىشكە باشلايدۇ . يەنە كېلىپ بالىلار كۆپىنچە نەرسىنى ئاتا-ئانىسىدىن ياكى ئەتراپتىكى مۇھىتتىن تەقلىد قىلىش ،دوراش ئارقىلىق تاشقى مۇھىتتىن پىششىقلاپ ئۆگىنىدۇ .دىققەت قىلىڭ ،بالىلىرىڭىز سىزنىڭ يامان ،ناچار -تەرەپلىرىڭىزدىن ئۆگىنىپ قالمىسۇن.
1- ئۆي ئىچىدە ھاياسىز چاخچاق،سەت قوپال ،گەپ -سۆزلەرنى قىلماڭ، بولۇپمۇ ،بالىلىرىڭىز بار يەردە بالىڭىز كچىك بولسا سىزنىڭ بىزەپ ،بەدۋىي سۆزلىرىڭىزنى دەرھاللا ئۆگىنىپ ھەممىلا يەردە ۋاتىلداپ سۆزلەپ يۈرۈپ سىزنىڭ يامان تەرپىڭىڭىزنى ئاشكارلايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى چۈشىنىپ كەتمەيدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
نىمە داۋەتقان ،قىلۋاتقىنىنى چۈشىندىغان سىزدەك چونەلار ئېغىزنى چايقىمىسا ،كىچىكلەرنىڭ ئېغزىدىن بىزاپ ،ھاياسىز گەپلەرنى تۆكمە قلىشنى ھار ئالمىساقمۇ بولىدۇ . بالىڭىز چوڭ بولسا ھاياسىزگەپلەر بىلەن ئۇنى خېجىل قىلىپ قويىمىز .ئەگەر بۇ ھال تەكرارلىنىۋارسە ئۇ بارا - بارا بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاش ،دېيىشتىن ئۇيالمايدىغان ،قېلىن ئىزا تارتمايدىغان ، ئەدەپسىز ئادەتلىنىپ قالىدۇ.
2. ئۆي ئىچىدە تار ،نېپىز ئىچ كىيىملەر بىلەن مېڭىپ يۈرمەڭ.
3. ئۆيدە بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ھاراق ئىچمەڭ ،تاماكا چەكمەڭ . ئۆيگە مەست كېلىپ بالىلارغا ھەيۋە كۆرسىتىپ ، ئۇلارنى قورقاتماڭ ياكى ئۆزىڭىزنىڭ يىرگىنىشلىك ھالىتىڭىزنى بالىلىرىڭىزغا كۆرسەتمەڭ . ئۇلار سىزدىن نەپرەتلەنمىسۇن . دادىنىڭ بالا ئالدىدىكى ئۇياتسىزلىقى ئۇنى بالىسىنىڭ نەزىرىدىن تېزلا چۈشۈرۈۋېتىدۇ ۋە بالا دادىسىدىن ئەيمەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
4. بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئايالىڭىزغا ھەر قانداق شەكىلدە يىقىنچىلىق قىلماڭ . ھاياسىز ،ياپتا گەپلەر بىلەن چاخچاقلاشماڭ .
5. ئامالنىڭ بارىچە بالىلىرىڭىز بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرمەڭ . شارائىتىڭىز يار بەرسە بالىلىرىڭىز ئايرىم ئولتۇرۇپ ئۆسمۈرلەر پروگراممىسى كۆرسۇن .لىكىن مۇنداق قىلىش بالىلار بىلەن چوڭلارنىڭ بىرگە بولۇش ۋاقتى ۋە ئاردىكى يېقىن ھېس -مېھىرنى بۇزۇۋېتىدۇ. بىرگە كۆرمەكچى بولسىڭىز قولىڭىزغا تىزگەنەكنى ئېلىپ ئولتۇرۇپ »ھاياسىز ئات-ئېشەك» لەر خۇدىنى بىلەلمەي قالسا «تىزگىن»تارتىپ قانال ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ . بولمىسا بالىلىرىڭىز ئالدىدا خىجالەتتە قالىسىز . قېشىڭىزدا بالىلىرىڭىز ئولتۇرسا ، بىھايا كۆرۈنۈشلەرگە كۆزىڭىزنى پاقىرتىپ ئولتۇرۇۋەرسىڭىز ، بالىلىرىڭىز بىلەن ئارىڭىزدىكى نومۇس پەردىلىرى يىرتىلىپ كېتىشى مۇمكىن.