گېزىتىمىز بېيجىڭ 6-يانۋار تېلېگراممىسى يېقىندا ئېچىلغان 2010-يىللىق جۇڭگو خەلق بانكىسى خىزمەت يىغىنىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2010-يىلى پۇل سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى ۋە تۇراقلىقلىقىنى ساقلاپ، مۇۋاپىق قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز يۈرگۈزۈپ، سىياسەتنىڭ قار
گېزىتىمىز بېيجىڭ 6-يانۋار تېلېگراممىسى يېقىندا ئېچىلغان 2010-يىللىق جۇڭگو خەلق بانكىسى خىزمەت يىغىنىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2010-يىلى پۇل سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى ۋە تۇراقلىقلىقىنى ساقلاپ، مۇۋاپىق قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز يۈرگۈزۈپ، سىياسەتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە جانلىقلىقىنى زور كۈچ بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تەڭشىلىشنى قۇللايمىز. پۇل كرېدىتى ئومۇمىي مىقتدارىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ساقلاشتا يېتەرلىك سىياسەت سالمىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزراق تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپلا قالماي، يەنە باھا سەۋىيىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرىمىز. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ۋە بازارنىڭ ھەرىكەتچانلىق ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشقا يېقىندىن ئەگىشىپ دەل ۋاقتىدا مۇۋاپىق تەڭشەيمىز. (مۇخبىر تيەن جۈنرۇڭ خەۋىرى)
مەنبە: خەلق گېزىتى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!