ئۈمىدسىزلەر: ئالتۇن باھاسىنىڭ ئىزچىل ئۆرلىشى، ئاسانلا پاخاللىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشىغا، مەبلەغنىڭ كۆپ خىللىشىشىنىڭ كۈچەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، «ئالتۇن پاخاللىقى»مۇ پات ئارىدا كۆرۈلىدۇ.
گېزىتىمىز لوندون 3-دىكابىر تېلېگراممىسى 2-چېسلا خەلقئارادا بىر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 1200 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رىكورتنى ياراتتى. ئامېرىكىدىن ياۋروپا، ئاسىيا، ئاۋسترالىيە قىتئەسىگىچە بولغان ئالتۇن سودا بازارلىرىدا «ئالتۇن، يەنە ئۆسىدۇ!» دېگەن كىشىنى چۆچۈتىدىغان سادالار ئاڭلىنىدۇ.
2-چېسلا لوندون قىممەتلىك مېتاللار سودا بازىرىدا، ھەر ئۇنسيە ئالتۇن باھاسى ئۆرلەپ 1201.63 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى؛ نيۇيورك تاۋار ئالماشتۇرۇش بېرژىسىدا، ئالتۇن زاكازىنىڭ 2-ئايدىكى توختامدا ھەر ئۇنسىيەنىڭ باھاسى 16.7 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، 1216.90 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى؛ سىنگاپور ئالتۇن نەق مال باھاسى بىراقلا %1.6 ئېشىپ، ھەر ئۇنسيەنىڭ باھاسى 1215.85 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.
بۇ يىل خەلقئارادا ئالتۇن باھاسى %40 كە يېقىن ئۆستى. شۇڭا ئالتۇن باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆسىشى كىشىنى ئۇنچە ھەيران قالدۇرالمايدۇ، بىراق مۇشۇنداق يەر شارى خاراكتېرلىك باھا ئۆرلەش، شۇنداقلا باھانىڭ بىردەك 1200 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىشى ئەلۋەتتە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماي قالمايدۇ. تەھلىلچىلەر: نۆۋەتتە يەنە «ئالتۇن قىزغىنلىقى»نىڭ كۆرۈلۈشىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سەۋەبكە يىغىنچاقلىدى.
باھانىڭ يوشۇرۇن كۈچى
ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركەز بانكىلىرى زاپاس ساقلىدى ۋە مەبلەغ سودىگەرلىرى تۈرتكە بولدى. گەرچە بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، دۇنيا ئىقتىسادى جانلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەنىلا مۇستەھكەم ئەمەس، باشقا ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش نىسبەتەن يەنىلا خەۋپلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانىدا پۇل پاخاللىشىش، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈش ئېھتىماللىقى بار، شۇڭا ئالتۇن سېتىۋېلىش خەۋپكە تاقابىل تۇرالايدىغان ئەڭ ئىشەنچلىك تەدبىر. بۇ يىل ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركەز بانكىلىرى ئالتۇننىڭ زاپاس مىقدارىنى ئاشۇردى، «ئالتۇن سەرپىيات سودىگىرى»ھېسابلىنىدىغان ھىندىستانمۇ 11-ئايدا 200 توننا ئالتۇن سېتىۋالغانلىقىنى جاكارلاپ، ئالتۇننىڭ باھاسى بىردىنلا %13 ئۆرلەپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجى ئاز ئەمەس. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركەز بانكىلىرى ئالتۇن زاپىسىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، شەخسىي مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەبلەغ سودىگەرلىرىمۇ ئالتۇننىڭ كەلگۈسىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى بايقاپ قالغاندەك ئالتۇن سېتىۋالغۇچىلار سىپىگە قوشۇلدى.
ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باھاسى چۈشتى
ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ بىۋاستە سەۋەبچىسى. گەرچە ئامېرىكا ئىقتىسادى بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ كۆرۈنەرلىك ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇنداقلا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئېكىسپورتقا تەسىر كۆرسىتىش، ئۆز دۆلىتىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە قوللانغان « دەرمانسىزلاشقان ئامېرىكا دوللىرى» لىق سىياسىتى يەنىلا ئۆگەرمىدى. بۇ يىل ئامېرىكا دوللىرىنى ئالماشتۇرۇشتا غەربنىڭ بىر تالاي ئاساسلىق پۇلىغا ئالماشتۇرۇشتا پۇل قىممىتى %8.5 چۈشتى، نۆۋەتتە، ياۋرو، ياپونىيە يىنى، فوندستىرلىڭ بىلەن ئالماشتۇرۇش باھاسىمۇ داۋاملىق چۈشۈش ئېھتىمالى بار. خەلقئارادا ئالتۇن سودىسى ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئالتۇننىڭ باھاسىمۇ تەبىئىيلا تۆۋەنلەيدۇ. پايدىنى كۆزلەيدىغان مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىمۇ زېرەك بولۇشى كېرەك.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!