ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئىقتىساد>

مەركەز مالىيەسى 659 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى

2010-يىلى01-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:خەلق تورى يوللىغۇچى: ھەبىبە(پراكتىكانت)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 26-نويابىر تېلېگراممىسى مۇخبىرنىڭ 26-چېسلا مەملىكەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، نازارەت قىلىش خىزمەت يىغىنىدىن ئىگەللىشىچە، نۆۋەتتە مەركەز مالىيەسى غەيرىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە 659 مىل
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 26-نويابىر تېلېگراممىسى مۇخبىرنىڭ 26-چېسلا مەملىكەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، نازارەت قىلىش خىزمەت يىغىنىدىن ئىگەللىشىچە، نۆۋەتتە مەركەز مالىيەسى غەيرىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە 659 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان. بۇنىڭ ئىچىدە 2009-يىللىق مەركەز مالىيەسى غەيرىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قوغدىلىدىغان جايلارغا يۆتكەپ چىقىم قىلغان مەخسۇس خىراجەت تۈرى 213 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار غەيرىي ماددىي - مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا سېلىنىدىغان سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغان. 2005-يىلدىن 2009-يىلغىچە بولغان تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، جايلارنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە سېلىنمىسىمۇ تەخمىنەن 1 مىليارد 130 مىليون يۈەن بولغان. (مۇخبىر جوۋ ۋېي)

  مەنبە: خەلق گېزىتى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!