ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئىقتىساد>

ئەڭ ئېتىبار بېرىلگەن سىياسەت جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئار

2010-يىلى01-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:خەلق تورى يوللىغۇچى: قەدىريە(پراكتىكانت)
2009-يىلى جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى مۇنبىرى يېقىندا ئۈرۈمچىدە يېپىلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئېگەللىشىچە؛ دۆلىتىمىز نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئەڭ ئېتىبار سىياسىتىنى جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خ
    2009-يىلى جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى مۇنبىرى يېقىندا ئۈرۈمچىدە يېپىلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئېگەللىشىچە؛ دۆلىتىمىز نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئەڭ ئېتىبار سىياسىتىنى جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە قوللىنىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئېگەللىنىشىچە، بۇ مەركەزنىڭ پەرىزىچە 2010-يىلى جۇڭگو ــ قازاقىستان ئىككى تەرەپ ماس قەسەمدە سودىغا كىرىشمەكچى بولغان.جۇڭگو ــ قازاقىستان قورغاس خەلقارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ــ سودا ھەمكارلىقى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈزىسىدىن ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلىدىغان دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك تۈرى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ تۇنجى دۆلەت ھالقىغان ئىقتىساد، سودا، مەبلەغ ھەمكارلىق مەركىزى. مەركەز رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5.28 كۋادرات كلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگونىڭ ئىگەللىگەن كۆلىمى 3.43 كۋادرات كلومېتىر، قازاقىستاننىڭ ئىگەللىگەن كۆلىمى 1.85 كۋادرات كىلومېتىر.ئىگەللىنىشىچە، ھەمكارلىق مەركىزى 2006-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلۇشنى باشلىغاندىن بۇيان، جۇڭگو ــ قازاقىستان ئىككى تەرەپ تىجارەت ترانسپورتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىپ، خېرىدار چاقىرىش باسقۇچىغا كىردى. نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ ئاساس ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، بۇ يىل يىل ئاخىرىدا تىجارەتنى توختىتىپ، 2010-يىلى كېيىنكى يېرىم يىلدىن باشلاپ، ئىككى تەرەپ رايونى ماس قەدەمدە تىجارەتنى توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەمىنلىگەن ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىمپورت ــ ئېكىسپورت سودا سوممىسى جەمئىي 43 مىليارد 8 يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %23.7 بولغان. قازاقىستان ئۇدا 16 يىل شىنجاڭنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ كەلگەن. قازاقىستاننىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلەغ تۈرى 186گە يېتىپ، توختام سوممىسى 2 يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ئەمەلىي سېلىنغان 40 مىليون 750 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ ئاساسەن شىنجاڭغا سېلىنغان. جۇڭگو قازاقىستاندا ھۆددىگە ئېلىپ تاماملىغان قۇرۇلۇش سوممىسى ئەمگەك ــ مۇلازىمەت ھەمكارلىقى تىجارەت سوممىسى 4 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. (دەي لەن خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق گېزىتى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!