ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
خۇرۇچى ئاق ئۇن 175 گرام، سۇ يېغى ئىككى يېرىم كىلوگرام ، سۇ يېغى چۈچۈك 200 گرام ، پىياز ئىككى باش ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
سېلىش ئۇسۇلى 1 .پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ، كاۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ، پىياز بىلەن كاۋاۋىچىنىنى سۈزۈۋېتىپ، سۇيى سوۋۇتۇلىدۇ كاۋاۋىچىن بىلەن پىيازنى قايناتقان سۇ ساڭزىنى چېچەكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. 175 گرام ياغ داغلاپ ئۇنىمۇ سوۋۇىتىلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
2 .سوۋۇتۇلغان پىياز، كاۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز، داغلاپ سوۋۇتۇلغان ياغنى قۇيۇپ، ئۇن سېلىپ قاتتىقىراق قىلىپ خىېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. خىېمىرنى ياخشى چەيلەپ پىشۇرۇپ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېىيىن 35 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، ئازراق ياغلاپ قۇرۇق داسقا ياكى لېگەنگە ئۈستى _ئۈستىلەپ تىزىپ، ئۈستىنى تەكشى ياغلاپ 20 _15 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ تىندۇرۇش ۋاقتى ھاۋا كىلماتى، تۇزنىڭ مىقدارى ۋە خىېمرنىڭ قاتتىق _يۇمشاقلىق دەرىجسىگە باغلىق. www.iz.la
3 .تىنىغان زوۋۇلىنىڭ ئوتتۇرىسدىن چوڭ بارماق قول بىلەن تۆشۈك ئېچىپ، خىېمرنى ئىككى قولىنىڭ ئالىقىنى بىلەن ئېشىپ ھالقىسمان پىلتە ياساپ ئۇنى يەنە ئېشىپ ئىنىچىكە چوكىنىڭ توملۇقىدەك بولغاندا، ئۇزۇنلۇقى 25 سانتىمىېتر قىلىپ كالۋىلاپ، ئىككى تال ئىنىچىكە تاياقچىغا ئېلىپ، 6 دەرىجە قىزىتىلىغان ياغقا سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ. ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقىلىنىش ئۈچۈن، خىېمىرنىڭ چوكىغا ئېلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شوڭغۇتۇپ سەل قاتۇرۇۋېلىپ، ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا، بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭىغىر قاتلاپ ياغقا سېلىۋېتىپ، چوكىنى تارتىۋالىدۇ. ساڭزا سەل سارغايغاندىلا ئالسا بولىدۇ. پىشقان ساڭزىنى ئىسىق ۋاقىتىدىلا لېگەنگە بىر_بىرىگە يېرىم چىشىلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك. ساڭزا سېلىشىتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم. ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولۇپ قالسا، ساڭزا چېچەكلىمەي سىدام بولۇپ قالىدۇ، يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ساڭزىنىڭ ئىچى خام، تېشى كۆيۈك چىقىدۇ ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خىېمىرىدىن بىر _ئىككى پوشكال سېلىپ كۆرۈش لازىم. ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا، پوشكال چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئالاھىدىلىكى شەكلى كۆركەم، چۈرۈك ھەم مەززىلىك، ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى گېزەكلىرىدىن بىر خىلى بولۇپ، كۆپرەك ھېىيت_بايراملاردا داستىخانغا قويۇلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە.ئۇيغۇر تائاملىرى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
