ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قىسمەن باققاللار پايدىنى كۆزلەپ، شاپتۇلنى تېخىمۇ چىرايلىق رەڭگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، پىشمىغان شاپتۇللارنى سوپۇن پاراشوكىدا يۇيۇپ پوستىدىكى تۈكلەرنى يوقىتىۋېتىدۇ. سوپۇن پاراشوكى تەركىبىدە فوسفات قاتارلىق بەدەنگە زىيانلىق ماددىلار بار. شاپتۇلنىڭ چىلانغان ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بەدەنگە بولغان ئەكىس تەسىرىمۇ زور بولىدۇ. بۇنداق شاپتۇلنى يېگەندە، قورساق كۆپۈش، گال ئاغرىش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، كۆپ يېگەندە، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا شاپتۇل سېتىۋالغان «تۇرقى»غىلا ئەھمىيەت بەرمەسلىك كېرەك. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىز تورى www.iz.la
