ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
جۇڭگو تېبابىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئاچچىق تەملىك يېمەكلىكلەر ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنى تۈگىتىپلار قالماستىن، يەنە يۈرەكنى ئاسىرايدىكەن. ھازىرقى زامان پەن تەتقىقاتى ئاچچىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى بىيولوگىيەلىك تۇز، ئاممونىي ئاساس، ئاماروئىد (ئاچچىق ماددا)، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددا قاتارلىقلار ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ماددىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ باكتېرىيەگە تاقابىل تۇرۇپ ياللۇغ قايتۇرۇش، مېڭىنى سەگىتىپ، ئىشتەينى ئېچىشتەك ئۈنۈمى بار دەپ قارىماقتا. بىراق ئاچچىق تەملىك يېمەكلىكلەرنى يېيىش ھەر بىر ئادەمنىڭ تەن ساپاسىغا قاراپ بولۇشى كېرەك.
ئاچچىق تەملىك يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا، تال ۋە ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەر ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك. بالىلارنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچىيىنىڭ ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، ئاچچىق تەملىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يىگەندە، ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللار فىزىيولوگىيەلىك دەۋرىدە ئەڭ ياخشىسى ئاچچىق تەملىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك. بولۇپمۇ سوغۇقچان كىشىلەر تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاچچىق تەملىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە قان سوۋۇپ، ھېيىزنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ساغلام كىشىلەرمۇ ئاچچىق تەملىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەۋالسا، كۆڭلى ئېلىشىش ۋە ياندۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئاچچىق تەملىك كۆكتاتلارنى سوغۇق سەي قىلىپ يېيىش ۋە شورپا قىلىپ يېيىش كېرەك. تۇرۇپ، غولپىياز بېشى، زەنجىۋىل، سامساق قاتارلىقلار سوغۇقنى چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. ئاچچىقسۇ ۋە سامساق قاتارلىقلار باكتېرىيەلەرنى چەكلەيدىغان تەڭشىگۈچلەر، شۇڭا ئاچچىق تەملىك كۆكتاتلارنى سوغۇق سەي ۋە شورپا قىلىپ يېگەندە، يۇقارقىلار بىلەن بىللە تەييارلىسا يېيىشلىك ھەم سىڭىشلىك بولىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى، مەنبە .تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
