app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

بېدە كۆكى، يالپۇز، پالەك، كۆك چامغۇر ۋە باشقا كۆكلەردىن تاماق تەييارلاش ئۇسۇلى

ۋاقتى:2014-06-21 17:38مەنبە: يوللىغۇچى:گۈلخۇمار چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئادەتتە بېدىنىڭ پەقەت ئۈچ تاللا يوپۇرمىقى بار بولۇپ، يۈرەك شەكىلدە بولىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، 100 مىڭ تۈپ بېدە ئىچىدىن پەقەت بىر تاللا «تۆتقۇلاق» (تۆت يوپۇرماق) لىق بېدىنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. «تۆتقۇلاق» خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنىدىغان «تەلەينىڭ سىمۋولى» بولۇپ، چىملىقلاردا ئۆستۈرۈلگەن «تۆتقۇلاق»نىڭ ئىلمىي نامىمۇ «بېدە» دىيىلىدىكەن. بېدە كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تۈرىگە كىرىدىغان بولۇپ، ئەتىياز پەسلىدە بېدە كۆكىدىن ھوزۇرلىنىشتىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ئەجداتلىرىمىز بېدە كۆكى، يالپۇز، پالەك، جۇسەي قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل تاماق تەييارلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

(1) بېدە چۆچۈرىسى تەييارلاش ئۇسۇلى:
باھاردا يېڭى بىخ سۈرگەن بېدىنىڭ ئۇچىنى يىغىپ، قايتا-قايتا يۇيۇپ چانايمىز ياكى ئۇششاق قىلىپ توغرايمىز. ئاندىن بېدىنىڭ سۈيىنى سىقىۋېتىپ، بېدىنىڭ ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېپىپ، ئۇنى نۇقۇتچىلىك چوڭلۇقتا توغرالغان قۇيرۇق مايغا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ بېدە قىيمىسى قىلىمىز. ۋە چىڭراق خېمىر (خېمىر بەكلا چىڭ بۇلۇپ كەتسە تۈگكەندە خېمىر چاپلاشمايدۇ) يۇغۇرۇپ، ئۇنى كۋادرات شەكلىدە نىپىز يېيىپ جىلىت كىسىپ، ھەر بىر جىلىتقا 25 گىرام ئەتراپىدا بېدە قىيمىسى سېلىپ تۈگىمىز (جىلتىغا قىيمىنى بەك جىق سېلىۋەتسە خېمىرى تىشىلىپ كىتىدۇ). چۆچۈرىنى تۈگۈپ بولغاندىن كېيىن قايناۋاتقان سۇغا ياكى قايناۋاتقان ئاق شورپىغا بىر-بىرلەپ سالىمىز، قازان قاينىغاندىن كېيىن ئوتنى بىرئاز پەسەيتىپ 10 مىنۇتتەك قاينىتىپ پىشقاندىن كېيىن چىنىگە نورمال سۈيى بىلەن بىللە ئېلىپ ئىستىمال قىلىمىز. قىيمىغا كېتىدىغان خۇرۇچلار: 500 گىرام ئەتراپىدىكى بېدە كۆكىگە 200-250 گىرام ئەتراپىدىكى قۇيرۇق ماينى نۇقۇتچىلىك چوڭلۇقتا توغرايمىز. ئەگەر قىيما قىلىشقا قۇيرۇق ماي ئاز بولغان ئەھۋالدا، شۇ قۇيرۇق ماينى مايلىق گۆش بىلەن بىللە توغراپ، ۋە ياكى مايلىق گۆشنىڭ قارا گۆشىنى ئايرىۋېتىپ ئايرىۋېتىلگەن گۆشنىڭ مېيىنى ئەشۇ قۇيرۇق ماي بىلەن بىللە نۇقۇتچىلىك چوڭلۇقتا توغراپ، چانالغان ياكى ئۇششاق توغرالغان بېدە بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قىيما قىلىمىز. بېدە چۆچۈرىسىگە تەييارلانغان قىيمىنى چۆچۈرىگىلا ئەمەس، جۇۋاۋىغا ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


(2) بېدە چۆچۈرىسى تەييارلاشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى:
تۇخۇمنى چېقىپ، شاكالنىڭ ئىچىدىكى سۇيۇق ھالەتتىكى تۇخۇمنى چۈچۈگەن ياغدا قورۇۋېتىپ، سوۋۇتۇپ توغراپ، ئۇنى چانالغان ياكى ئۇششاق توغرالغان بېدە بىلەن مۇۋاپىق تۇز قۇشۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ قىيما قىلىپ چۆچۈرە تۈگىمىز. بۇ خىل قىيمىنى چۆچۈرىگىلا ئەمەس، جۇۋاۋىغا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. ياغدا قۇرۇغان تۇخۇم كۆپرەك بولسا جۇۋاۋىنىڭ تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

copyright by www.iz.la


(3) يالپۇز چۆچۈرىسى:
ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ يېزا-قىشلاقلاردا ئىستىمال قىلىنىدىغان دورىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە تائاملارنىڭ بىرى ـــ يالپۇز چۆچۈرىسى تەبىئىتى موتىدىلگە تەۋە ئىسسىق بولۇپ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، سۇغۇقنى ھەيدەيدۇ ۋە ئاغرىق كېشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ. بولۇپمۇ، ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى، ئۆت ياللۇغى ۋە قۇرسىغى كۆپۈش، سېسىق كېكىرىش، ئاشقازان مەنبەلىك ئېغىز پۇراش، ئاياللاردىكى ئادەت قالايمىقانلىشىپ مىزاجى ئۆزگىرىش قاتارلىق كېسەللەرگە ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. بىراق يالپۇز چۆچۈرىسى سەپرا مىزاج كىشىلەرگە ماس كەلمەيدۇ. يالپۇز چۆچۈرىسىگە قىيما تەييارلاش ئۇسۇلى مۇشۇ تىمىدىكى قىيما تەييارلاش ئۇسۇللىرىغا ئوخشايدۇ. ھەمدە يالپۇز چۆچۈرىسىگە تەييارلانغان قىيمىنى چۆچۈرىگىلا ئەمەس، جۇۋاۋا تۈگۈشكە ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
(4) كۆك (ياكى پالەك) چۆچۈرىسى:
ئەتىياز پەسلىدىكى كۆكنى قايتا-قايتا يۇيۇپ سۈيىنى سىقىۋېتىپ، ئۇنى ئۇششاق توغراپ، چۈچۈتۈتۈلگەن ياغدا چالا قورۇيمىز. ئاندىن قۇيرۇق ياغنى نۇقۇتچىلىك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا تەييارلانغان كۆكنى، سۇ يېغى ۋە كاۋاۋېچىننى سېلىپ  قىيما قىلىمىز. قۇيرۇق ياغنىڭ ئورنىغا قازاندا قورۇۋېتىلگەن تۇخۇم ئارلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ. خېمىرغا تۇزنى تېتىغۇدەك سېلىپ يۇغۇرۇپ، خېمىرنى تىندۇرۇپ بولۇپ ئۇنى كۋادرات شەكلىدە نىپىز يېيىپ جىلىت كىسىپ، ھەر بىر جىلىتنىڭ ئىچىگە قىيما سېلىپ چۆچۈرە تۈگىمىز. تۈگۈلگەن چۆچۈرىلەرنى سۈيى قاينىغان قازانغا بىر-بىرلەپ سېلىپ، قايناپ چىققاندا ئوتنى بىرئاز پەسەيتىپ، ئون مىنۇتتەك قاينىتىپ تۇزىنى تەڭشەپ، چىنىگە نورمال سۈيى بىلەن بىللە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرىمىز. چۆچۈرىگە ئاچچىقسۇ، لازا سالسىمۇ بولىدۇ. كۆك چۆچۈرىسىگە تەييارلانغان قىيمىنى چۆچۈرىگىلا ئەمەس، جۇۋاۋىغا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
كۆك (ياكى پالەك) چۆچۈرىسىنىڭ ئالاھىدىلىگى:
كۆك چۆچۈرىسى سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپ، مىجەزنى تەڭشەپ يېڭى قان پەيدا قىلىدۇ.
(5) جۇسەي ۋە پالەكتە جۇۋاۋا تەييارلاش ئۇسۇلى: www.iz.la
جۇسەي ياكى پالەكنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغراپ سۈيىنى سىقىۋېتىپ، ئۇنى نۇقۇتچىلىك چوڭلۇقتا توغرالغان مۇۋاپىق مىقداردىكى مايلىق گۆش بىلەن، ۋە ياكى ياغدا قۇرۇپ توغرالغان تۇخۇمنى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ قىيما قىلىمىز.

copyright by www.iz.la


بۇ تىمىدا دىيىۋاتقان ھەر خىل قىيمىنى ئارلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن ـــ قىيمىغا تۇز سېلىشنى، قىيما قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۇندەك يۇمشاق كاۋاۋىچىن ياكى يۇمشاق زىرە سېلىشنى ئۇنتۇماڭ ۋە ئۇلارنى مۇۋاپىق مىقداردا سېلىڭ، ھەم بۇ قىيمىلارنى ئىشلىتىپ، خېمىرتۇرۇچ سېلىپ بولدۇرغان خېمىردا مانتا ئىتىپ سىناپ بېقىڭ. بۇ خىل مانتىدىمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق ياخشى تەم بولىدۇ، دەپ قارايمەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
(6) بېدە كۆكى ياكى باشقا خۇرۇچلارنى كۆممە قوناق خېمىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ، قوناق نان، كۆمەچ، سوقتا كۆمەچ، قوناق قۇيمىقى، قوناق پۆرىسى، قوناق سامسىسى قاتارلىق تونۇر ياكى ئوچاققا يېقىپ پىشۇرىدىغان نان تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى تەييارلاشتىن باشقا يەنە، بېدە كۆكى، سەۋزە، كاۋا، گۆش قاتارلىقلارنى قىيما قىلىپ قوناق خېمىرىدا ئىتىلىدىغان چۇرا ئېشى، قېتىق سۈزمىسى ياكى خېمىرتۇرۇچ بىلەن قوناق يامىسىدا ئېتىلىدىغان ياما قايناتما ئېشى، قۇناق يامىسى، ئۇماچ، زاڭ، يومدان، مۇنەك قاتارلىق تائاملارنى قازاندا ئېتىپ تەييارلىغىلى بولىدۇ.

copyright by www.iz.la

دېنى قاتمىغان قۇناقتا كۆكۋاش (كۆك چامغۇر) ئېشى تەييارلاش

ئىز تورى بەك ياخشى

خۇرۇچ تەييارلاش ئۇسۇلى: ئىز تورى www.iz.la

پىياز بىر باش، گۆش 150-200 گىرام ئەتراپىدا، كۆكۋاش(يېڭى كۆك چامغۇر) ئىككى باش، ياغ 30-50 گىرام ئەتراپىدا، چاقما كاۋا 150 گىرام، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە سامساق. ئىز تورى www.iz.la

ئېتىش ئۇسۇلى:

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

(1) قۇناقنىڭ سىرتىنى سۇيۇپ ساقىلىنى پاكىز ئېلىۋېتىپ، قۇناقنى ئۇچىدىن تۈۋەنگە قارىتىپ پىچاق بىلەن قىرىپ قاچىغا ئېلىۋالىمىز، ئاندىن قۇناق مەدىكىدە چالا قالغان قۇناق شىرنىسىنى پاكىز قىرىپ، ئۇنى ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئەلگەكتىن ئۆتكەن شىرنىسىنى ئايرىم بىر قاچىغا ئېلىۋالىمىز. ئاندىن گۆشنى جىگدىچىلىك چوڭلۇقتا، پىيازنى ئۆزىنىڭ يۈرۈشى بويىچە نىپىز توغراپ، كاۋىنى چاقماق قەندەك، كۆك چامغۇرنى تۆت چاسا، پەمىدۇرنى نىپىز ياپىلاق توغراپ تەييارلايمىز ۋە سامساقنى قىرغاندەك نىپىز توغرايمىز.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

(2) قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىغاندىن كىيىن گۆشنى سېلىپ سارغايغىچە قورۇپ، ئۈستىگە پىياز بىلەن پەمىدۇر سېلىپ قىزارتىمىز. ئاندىن ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ، سۇ قاينىغاندا قىرىۋالغان قوناقنى ۋە كاۋىنى سېلىپ، خۇرۇچلار پىشقاندا كۆك چامغۇر بىلەن سامساقنى سالىمىز ۋە قۇناق شىرنىسىنى تۈكۈپ، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سالىمىز، ھەمدە خۇرۇچلار قايناۋاتقان قازانغا كىسىۋالغان چۆپنى سېلىپ نورمال ئوتتا 10مىنۇتتەك قايناتساق تاماق تەييار بولىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ئالاھىدىلىگى: تەمى مېزىلىك، بەدەنگە سېڭىشلىك بولۇپ، يۇقۇرىدىكى بۇ تاماقلار ئۇيغۇر ئەقدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي تاماقلىرىدۇر.

ئىز تورى www.iz.la


ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس