ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
‹‹دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى›› دا: تەرخەمەكنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى سوغۇق ئىكەنلىكى، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇشتا ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن. تەرخەمەك ئەتىيازدا دائىم كۆرۈلىدىغان ئىچى تىتىلداش، كېكىردەك ئاغرىش قاتارلىق كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھازىرقى زامان مېدىتسىناسى تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدە تالا ماددىسى مول بولۇپ، ئۆچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى ھەيدەشتە مەلۇم رولى بار، دەپ قارايدۇ. تەرخەمەك تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، زەھەرنى ھەيدەيدۇ. تەرخەمەكنىڭ سۈيدۈك ۋە سۈيدۈك يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، بۆرەك ئارقىلىق سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى زەھەرنى ھەيدەشكە ياردەم بېرىدۇ، يېڭى تەرخەمەك تەركىبىدە يەنە پروپانول دى ئاتسىد بولۇپ، شېكەر تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ مايغا ئايلىنىشىنى چەكلەيدۇ. بىراق تەرخەمەكنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا ئۇزاق مەزگىل يېسە تال ۋە ئاشقازاننى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. تال ۋە ئاشقازىنى سوغۇق كىشىلەر تەرخەمەكنى قورۇپ ياكى تەرخەمەكتە تۈگۈر قىلىپ يېسە بولىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
