
نەشپۈت شەربىتىنىڭ ئۆپكىنى ياشارتىش، يۆتەلنى توختىتىش رولى بار بولۇپ، گال قۇرغاقلىشىش، قىچىشىش، ئاغرىش، ئۈنى پۈتۈپ قېلىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.
نەشپۈت شەربىتى تەركىبىدە تالالىق ماددىلار مول بولۇپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ تازىلىغۇچىسى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تاماقتىن كېيىن نەشپۈت شەربىتى ئىچىپ بەرگەندە، ئاشقازان -ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
نەشپۈت تەركىبىدە قەنت ماددىسى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تۈرلۈك ۋىتامىنلار مول بولۇپ، ئىچكى ئەزالارنى ئاسراش رولى بار. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تاماكا چېكىدىغان كىشلەر نەشپۈت شەربىتىنى ئىچىپ بەرسە، تاماكا تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ يۇتقۇنچاق ھەمدە نەپەس يولىغا يىغىلىپ ، غىدىقلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
‹‹ قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن
ئىز تورى www.iz.la