2.غەيرىي پۇراقلارنى يوقىتىش. سۇ ئاستى يول ئېغىزىغا پىچەكگۈل سۈيى قۇيۇپ بەرسە، گۈل تەشتىكىگە ئازراق يېڭى ئاپېلسىن(جۇزە) پوستى، تام ئىشكاپ، تارتمىلارغا ئازراقتىن قۇرۇتۇلغان چاي يوپۇرمىقى سېلىپ قويسا ياكى ئۆيدە ئاچچىقسۇ قاينىتىپ بەرسە، غەيرىي پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
3.دېرىزە پەردىسىنى توغرا تاللاش. ئۆسۈملۈك تىۋىتىدىن ئىشلەنگەن پەردە قېلىنراق بولۇپ، ئاۋاز سۈمۈرۈش، كۈن نۇرىنى توسۇش رولىغا ئىگە. قىزىل، قارا رەڭ ماسلاشتۇرۇلغان پەردىنى تاللاپ ئىشلەتكەندە، ئۇيقۇغا پايدىلىق بولۇپ، تېز ئۇخلىغىلى بولىدىكەن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
4. ئۆي جاھازىلىرىدا قۇرۇت پەيدا بولسا، كاۋاۋىچىن سېپىپ قويۇڭ. ياغاچتىن ياسالغان ئۆي جاھازىلىرىدا قۇرۇت پەيدا بولسا، ئۇچلۇق قىزىلمۇچ ياكى كاۋاۋىچىننى ئۇندەك سوقۇپ، قۇرۇت چۈشكەن جايغا كىرگۈزۈپ ئاندىن پارافىن مېيىدىن سۈرتۈپ، ئون كۈن شۇ ھالەتتە داۋاملاشتۇرغاندا قۇرۇتنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
مۇھەممەتجان توختى تەييارلىغان