ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى كۆكتات يىسىۋىلەك

ۋاقتى:2011-10-12 10:39مەنبە: يوللىغۇچى:ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
       يېسىۋىلەك ئەزەلدىن تارتىپلا كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، قەدىمىي تېبابەت كىتابلىرىدا ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقى قەيىت قىلىنغان .
   يېسىۋىلەكنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ، ياغ ، كاربون سۇ بىرىكمىسى ، كالتسىي ، فوسفور ، ماگنىي قاتارلىق ئېلېمېنىتلار شۇنداقلا كۆپ خىل ۋىتامىنلار ئىنتايىن مول . ئۇنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ۋېتامىن C بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ، ھەر 100 گىرام يېسىۋىلەك تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىدارى 30- 60 مىللىيگىرامغا يېتىدىكەن . ئەمما نورمال ئەھۋالدا قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ ۋىتامىن C غا بولغان ئېھتىياجى ھەر كۈنى 50- 100 مىللىيگىرام ، كىچىك بالىلارنىڭ 30- 50 مىللىيگىرامغىچە بولىدىكەن . ۋىتامىن C ئادەم بەدىنىدە توپلانمايدىغان بولغاچقا ، ھەر كۈنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ تۇرمىسا بولمايدىكەن . قىش پەسلىدە يېسىۋىلەك باھاسى ئەرزان ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى قۇۋەت يېمەكلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن . 

www.iz.la


   يېسىۋىلەك يەنە دورىلىق قىممەتكە ئىگە بولۇپ ،  ئاشقازان- ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇش ، يۈرەك سىقىلىشنى تۈگىتىش ، مەسلىكنى يېشىش رولىغا ئىگە . يېسىۋىلەكنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە قەۋزىيەتنى داۋالاپ ، قورساق كۆپۈشكە داۋا بولىدۇ . يېسىۋىلەكنىڭ يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچسە زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ . يېسىۋىلەك ، زەنجىۋىل ، غولپىيازنى ئۇششاق چاناپ قازاندا قورۇپ مەيدىگە ياقسا ئاشقازان كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ . يېسىۋىلەككە ئازراق ناۋات قوشۇپ سۇ بىلەن قاينىتىپ ئىچسە كۆكيۆتەلگە ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ ، زىيادە سەزگۈرلۈك تېرە ياللۇغىنى داۋالاشتا ‹‹ دورا ئۆسۈملۈكلىرى قامۇسى ›› دىكى رېتسىپتا ‹‹ يېسىۋىلەكنى ئۇششاق چاناپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركەش كېرەك ›› دەپ كۆرسىتىلگەن . بۇنىڭدىن باشقا يېسىۋىلىك تەركىبىدە تالا ماددىسى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


 پولات ئامانيار تەرجىمىسى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • يىمەكلىك ۋەسىمىزلىك

    ...

  • سۇ ماينى مۇۋاپىق ئىشىلىتىڭ

    1. كەڭ تارلىقى مۇۋاپىق بولغان بالوننى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. بالون بەك كەڭ بولسا قارشىلىق كۈچى چوڭ بولۇپ، ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ. 2. يېپىشقاقلىقى ئەڭ تۆۋەن ئاپتولنى ئىشلىتىش كېرەك. ئاپتولنىڭ يېپىشقاقلىقى قانچە تۆۋەن بولسا، موتور ئۇچرايدىغان قارشىلىق ش...

  • يېسىۋىلەكىنىڭ شىپالىق رولى

    1. يېسسىۋېلەك ( بەسەي ) يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچسە، زۇكامنى داۋالىغىلى بولىدۇ. 2. يېسسىۋېلەكنى قىزىلمۇچ بىلەن قاينىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن پۇتنى يۇيۇپ بەرسە، ئۈششۈك يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. 3. يېسسىۋېلەك، غولپىياز ۋە زەنجىۋىلنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە، زۇكام ۋە ك...

  • كۆكتاتلارنى ئىسىسىق سۇدا يۇماسلىق كېرەك

    بەزىلەر زىيادە چېچەن، پاكىزلىق قىلىپ سەي قورۇشتىن ئىلىگىرى يېڭى، يۇمران سەي-كۆكتاتلارنى ئىسىسىق سۇغا بىر ئاز چىلاپ ئالىدۇ، ھەتتا كۈچەپ سىقىۋېتىدۇ، بۇنداق قىلىش كۆكتات تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، تەجرىبىلەر ئىسىپاتلىدىكى، كەرەپشە...

  • ياڭيونىڭ شىپالىق رولى

    داۋالاش رىسپى 1. ياڭيۇ بىلەن تۇخۇمنى بىرلا ۋاقىتتا قورۇپ يىسە باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ. 2. ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا جىنسىي ئاجىزلىق ۋە دىۋەڭلىكنى پەيدا قىلىدۇ. 3. ئاچ قورساق يۈگۈرۈش مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ھەرخىل يۈرەك كې...

  • توخۇ گۆشى سېمىزلىكىنى يوقتىدۇ

    شاڭخەي يۆمۈر يول مەركىزى دوختۇرخانسنىڭ ۋراچى ۋاڭ فىيىچىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دىگەن ؛( توخۇ گۆشىدە پۇراقلىق جۇڭيى دورسى ۋە ئادەم گىياھ قاتارلىق تۇلۇقلۇغچى ماددىلار بار . ئورۇقلىماقچى بولغانلا توخۇ گۆشنى چۇقۇم كەچتە تاماق ئورۇندا ئىستىمال قىلىشى لازىم مىقىدار...

  • بىرگە يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر

    1. راك+ۋىتامىن C= زەھەرلىنىش 2. زۇكام دورىسى +كولا = زەھەرلىنىش 3. توخۇ تۇخۇمى بىلەن ساخارىن - بىرگە يېسە زەھەرلىنىدۇ، ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىيدۇ. 4. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى(دۇفۇ) بىلەن ھەسەل بىرگە يېسە قۇلاق گاس بولىدۇ. 5. بەرەڭگە بىلەن بانان - بىرگە يېسە يۈزگە د...

  • ئۈجمنىڭ شىپالىق رولى

    تەركىبى :قەنت، تاننىن، ئالما كىسلاتاسى، كەھرىۋا كىسلاتاسى، كاروتىن، كالتسىي، نىكوتىن كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن A،B،C،D قاتارلىقلار بار. تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق. شىپالىق رولى :قان تولۇقلايدۇ، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ، ساپ قان پەيدا قىلىدۇ، باھ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇ...

  • ياڭاق ۋە بېلىق يۈرەك كېسلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

    ياڭاق ۋە بېلىق يۈرەك كېسلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ...

  • ناشتىدا بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار

    ناشتىدا بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار ئاچ قۇساق ئىچىڭ. ئەتىگەندە سۇنى چۇقۇم ئاچ قۇساققا ناشتىدىن بۇرۇن ئېچىڭ ، بولمىسا قاننىڭ ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ،ئاشقازان -ئۈچەينى تازلاش ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. ئالدىرماي ئىچىڭ. ئىلاجى بار ئالدىرماي بىر يۇتۇمدىن ئىچىڭ .چۈن...