كۈز تىنجىقى ئادەم بەدىنىدىكى خىلىتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەدەننى قىزىتىپ بىئارام قىلىدۇ-دە، تېرە قۇرغاقلىشىپ يىرىكلىشىش -يېرىلىش، كۆز قۇرغاقلىشىش، چاچ قۇرغاقلىشىش، سۈيدۈك سېرىق كېلىش، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش، ئېغىز-بۇرۇنلار قۇرۇش، كۆكرەك ئاغرىپ قۇرۇق يۆتۈلۈش، بەلغەم ئازلاپ كېتىشتەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، سالامەتلىككە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ماش شورپىسىنىڭ تەمى قۇرغاق، تەبىئىيتى سوغۇق، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش رولى بار . ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ،يەنە سۇ تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئورگانىك تۇزنى تولۇقلاپ، تەن سويۇقلۇقى بىلەن ئېلېكتىرولىتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ . www.iz.la
‹‹ ياشانغانلار گېزىتى›› دىن