شىپالىق مېۋە ئۈجمە

ۋاقتى:2011-10-09 11:28مەنبە: يوللىغۇچى:ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

ئۈجمە مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C، B، A، PP، گلۇكوزا، پىراكتوزا، ئالما كىسلاتاسى، ئاقسىل، تاننىن، كالتىسىي ۋە ئانئورگانىك تۇز قاتارلىقلار بار، ئۇلار جىگەر كېسەللىكى، بەدەن ئاجىزلىقى، قان ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى، تال كىسەللىكى ۋە ئورۇقلاپ كەتكەنلەرنى سەمرىتىشنىڭ شىپالىق دورىسى ھىساپلىنىدۇ.
ئۈجمە مىۋىسى قۇرۇق ئىسسىق، زەھەرسىز، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ، جىگەر ھەم بۆرەكنى كۈچەيتىدۇ، ئىچكى ئەزانى قۇۋۋەتلەيدۇ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، ئىچ قېتىشنى داۋالايدۇ، كەم قانلىق، قۇلاق غۇڭۇلداش، كۆز قاراڭغۇلىشىش كېسىلىگە ئالاھىدە پايدا قىلىدۇ. ئۈجمىنىڭ يوپۇرمىقىدا گلۇكوزا ۋە ئورگانىك كىسلاتا بار. ئۇنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق دەپ قارىلىدۇ. ئۇ يەل تارقىتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش، كۆزنى روشەن قىلى، ئىسسقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقى، كۆزنىڭ قىزىللىقىنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك دورا ھىساپلىنىدۇ. ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىدا ئامرىن، گلۇكوزا، رىزىنناتنتول قاتارلىق ماددىلار بار. ئۇنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق دەپ قارىلىدۇ، ئۇ دەم سىقىلىشنى، قورساق كۆپۈشنى، سۇلۇق ئىششىقنى، قان تۈكۈرۈشنى داۋالاش رولىغا ئىگە. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستى ئۇزاق مۇددەت قاينىتىلىپ ئىچىپ بېرىلسە ئۆپكىنى ياشارتىدۇ. ئۈجمىنىڭ نوتا شېخىدا مول مىقداردىكى تاننىن ماددىلىرى بار، ئۇنىڭ يېڭى چىققان، چاتالمىغان، يوپۇرماقسىز نوتا شاخلىرى ئۇششاقلىنىپ، قاينىتىلىپ قويۇقلاشتۇرۇلۇپ ئىچىلسە، سوغۇق يەلنى يوقىتىپ، بوغۇملارنى ياخشىلايدۇ، رېماتىزىم، پىللاگرا، پۇت- قول قولىشىشلارنى داۋالايدۇ، قاندىكى يەلنى تۈگىتىپ، بەش ئەزانى ياخشىلايدۇ.
قارا ئۈجمە شىنىجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالغان مېۋىلىك دەرەخ. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى بىلەن پىلە قۇرتى بېقىلىپ يىپەك ئىشلەپچىقىرىلغاندىن باشقا، مېۋىسى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن دورىلىق رول ئوينايدۇ. قارا ئۈجمە راسا مەي بولۇپ پىشقاندا ئۇنى ئوبدان قاينىتىپ، شىرنە قىلىپ ئىچىپ بەرگەندە، قان كەملىك كېسەلىكى شىپا تاپىدۇ. قارا ئۈجمە شىرنىسى يەنە بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلايدۇ، مىجەزنى تەڭشەيدۇ، بەدەندىكى ھەرخىل توسالغۇلارنى ئېچىپ، قان تومۇرنى تازىلايدۇ، تال، جىگەرنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ، تەرەتنى يۇمشىتىپ راۋانلاشتۇرىدۇ. بۆرەككە ياغ پەيدا قىلىدۇ، يۆتەلنى توختىتىپ ئۆپكىنى ياشارتىدۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەردىن بولغان قان تۈكۈرۈشلەرگە شىپا بولىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
75%
ئالقىشلايمەن
(1)
25%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • يىمەكلىك ۋەسىمىزلىك

    ...

  • سۇ ماينى مۇۋاپىق ئىشىلىتىڭ

    1. كەڭ تارلىقى مۇۋاپىق بولغان بالوننى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. بالون بەك كەڭ بولسا قارشىلىق كۈچى چوڭ بولۇپ، ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ. 2. يېپىشقاقلىقى ئەڭ تۆۋەن ئاپتولنى ئىشلىتىش كېرەك. ئاپتولنىڭ يېپىشقاقلىقى قانچە تۆۋەن بولسا، موتور ئۇچرايدىغان قارشىلىق ش...

  • يېسىۋىلەكىنىڭ شىپالىق رولى

    1. يېسسىۋېلەك ( بەسەي ) يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچسە، زۇكامنى داۋالىغىلى بولىدۇ. 2. يېسسىۋېلەكنى قىزىلمۇچ بىلەن قاينىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن پۇتنى يۇيۇپ بەرسە، ئۈششۈك يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. 3. يېسسىۋېلەك، غولپىياز ۋە زەنجىۋىلنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە، زۇكام ۋە ك...

  • كۆكتاتلارنى ئىسىسىق سۇدا يۇماسلىق كېرەك

    بەزىلەر زىيادە چېچەن، پاكىزلىق قىلىپ سەي قورۇشتىن ئىلىگىرى يېڭى، يۇمران سەي-كۆكتاتلارنى ئىسىسىق سۇغا بىر ئاز چىلاپ ئالىدۇ، ھەتتا كۈچەپ سىقىۋېتىدۇ، بۇنداق قىلىش كۆكتات تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، تەجرىبىلەر ئىسىپاتلىدىكى، كەرەپشە...

  • ياڭيونىڭ شىپالىق رولى

    داۋالاش رىسپى 1. ياڭيۇ بىلەن تۇخۇمنى بىرلا ۋاقىتتا قورۇپ يىسە باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ. 2. ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا جىنسىي ئاجىزلىق ۋە دىۋەڭلىكنى پەيدا قىلىدۇ. 3. ئاچ قورساق يۈگۈرۈش مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ھەرخىل يۈرەك كې...

  • توخۇ گۆشى سېمىزلىكىنى يوقتىدۇ

    شاڭخەي يۆمۈر يول مەركىزى دوختۇرخانسنىڭ ۋراچى ۋاڭ فىيىچىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دىگەن ؛( توخۇ گۆشىدە پۇراقلىق جۇڭيى دورسى ۋە ئادەم گىياھ قاتارلىق تۇلۇقلۇغچى ماددىلار بار . ئورۇقلىماقچى بولغانلا توخۇ گۆشنى چۇقۇم كەچتە تاماق ئورۇندا ئىستىمال قىلىشى لازىم مىقىدار...

  • بىرگە يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر

    1. راك+ۋىتامىن C= زەھەرلىنىش 2. زۇكام دورىسى +كولا = زەھەرلىنىش 3. توخۇ تۇخۇمى بىلەن ساخارىن - بىرگە يېسە زەھەرلىنىدۇ، ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىيدۇ. 4. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى(دۇفۇ) بىلەن ھەسەل بىرگە يېسە قۇلاق گاس بولىدۇ. 5. بەرەڭگە بىلەن بانان - بىرگە يېسە يۈزگە د...

  • ئۈجمنىڭ شىپالىق رولى

    تەركىبى :قەنت، تاننىن، ئالما كىسلاتاسى، كەھرىۋا كىسلاتاسى، كاروتىن، كالتسىي، نىكوتىن كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن A،B،C،D قاتارلىقلار بار. تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق. شىپالىق رولى :قان تولۇقلايدۇ، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ، ساپ قان پەيدا قىلىدۇ، باھ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇ...

  • ياڭاق ۋە بېلىق يۈرەك كېسلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

    ياڭاق ۋە بېلىق يۈرەك كېسلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ...

  • ناشتىدا بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار

    ناشتىدا بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار ئاچ قۇساق ئىچىڭ. ئەتىگەندە سۇنى چۇقۇم ئاچ قۇساققا ناشتىدىن بۇرۇن ئېچىڭ ، بولمىسا قاننىڭ ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ،ئاشقازان -ئۈچەينى تازلاش ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. ئالدىرماي ئىچىڭ. ئىلاجى بار ئالدىرماي بىر يۇتۇمدىن ئىچىڭ .چۈن...