پالەك
تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق؛
خۇسۇسىيىتى: يۈرەك ئاغرىقى ۋە ئىچكى ئەزالارنىڭ ئاغرىقى، ئىسسىقتىن پەيدا بولغان تەپلەرنى پەسەيتىش،سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، يەل ھەيدەش، ئاشقازان كۆپۈشنى ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
تۇرۇپ
تەبىئىتى: ئۇرۇقىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق،كۆكى ھۆل ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: ماددىلارنى يۇمشىتىش ۋە تارقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش، ئۆپكىنى تازىلاش ، يەل ھەيدەش، قان تومۇرنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
يۇمغاقسۈت
تەبىئىتى: قۇرۇق سۇغۇق.
خۇسۇسىيىتى: ئاغرىق قالدۇرۇش، خۇش قىلىش، ئىشتىھانى ئېچىش، تاماق سىڭدۈرۈش، يەل ھەيدەش، كېكىرىشنى يوقىتىش ، ئۇسسۇزلۇقنى ۋە قەي قىلىشنى پەسەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
پىننە
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: كۆڭۈلنى ئېچىش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش، يەل ھەيدەش، ئاغرىق پەسەيتىش، باھنى، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە
سامساق
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: بەدەننى قۇۋۋەتلەش، يەل ھەيدەش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قان تازىلاش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، تەم پەيدا قىلىش، مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
كەرەپشە(چىڭسەي)
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: يەل تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، مېڭە-نىرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى ياخشىلاپ ، يۆتەل پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
قىزىلمۇچ
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: ئورگانىزىمدىكى قۇيۇق يەللەرنى تارقىتىش، بەلغەم بوشىتىش ۋە چىقىرىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، تەرلىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى
يەلدىن بولغان كېسەللىكلەرنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ناملىق كىتابتىن.