باش ئاغرىقىنىڭ بىشارەتلىرى

ۋاقتى:2011-09-12 10:07مەنبە: يوللىغۇچى:ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
       باش ئاغرىش دائىم كۆرۈلىدىغان بىنورمال سېزىم. باش ئاغرىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ، ئادەتتە زىيادە چارچاشتىن باش ئاغرىيدۇ، يەنە كېسەل بىشارىتىدىنمۇ باش ئاغرىيدۇ. يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىنچە ماڭلاي، يۇلۇن قىسىملىرى ئاغرىپ، ئۇنىڭغا باش قېيىش، باش چىڭقىلىپ قوشۇلۇپ كېلىدۇ.يېقىن-يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئادەتتە چۈشتىن كېيىن ياكى كەچقۇرۇندا، بولۇپمۇ كۆزنى ئۇزاق ئىشلەتكەندىن كېيىن بېشى، كۆز ئالمىسى، قوشۇمىسى ئاغرىيدۇ. گلائوكوما كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا بولسا باش ئاغرىش بىلەن بىرگە يەنە قۇسۇش ئالامىتىمۇ كۆرۈلىدۇ.نېرۋا ئاجىزلىق سەۋەبىدىن باش ئاغرىغاندا ئاغرىق ئورىنى ۋە دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن باش ئاغرىقى يېنىكلەيدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا چىش ئاغرىقى، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، مېڭە زەخمىلىنىش، زۇكام ۋە يەللىك خارەكتېرلىك كېسەللىكلەرمۇ باش ئاغرىتىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
    باش ئاغرىشقا قىزىتما قوشۇلۇپ كەلسە كۆپىنچە يەللىك خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى بولىدۇ.مەسلەن: مېڭە پەردە يەللىكى، ئۆپكە يەللىكى، بادام تەنچە يەللىكى. باش ئاغرىغاندا قۇسۇش ئالامىتى كۆرۈلسە ماڭلاي ئىچكى قىسمىدىكى بېسىمدىن بولغان بولىدۇ.باش ئاغرىشقا باش قېيىش قوشۇلۇپ كەلسە مېڭە ئۆسمىسى، ئومۇرتقا غولىدا قان يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.باش ئاغرىشقا قىزىتما، كۆڭۈل ئاينىش، يۆتەل، دىماق پۈتۈش، چۈشكۈرۈش ۋە مۇسكۇل بوغۇملىرى ئاغرىش قوشۇلۇپ كەلسە كۆپىنچە زۇكامدىن بولغان بولىدۇ.
    باش ئاغرىغاندا قوللىنىدىغان ئۇسۇللار: جىددىيلىك، ھارغىنلىق، مەستلىكتىن بولغان باش ئاغرىش مۇۋاپىق ئارام ئالغاندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.بېشى ئاغرىيدىغانلار مۇۋاپىق ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىشى، يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىشى، روھىي جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، غەم-ئەندىشە ۋە زىيادە بېسىمدىن ساقلىنىش كېرەك.دورا كار قىلمايدىغان بولۇپ قېلىش ۋە ئاستا خاراكتېرلىك باش ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قالايمىقان دورا ئىچمەسلىك كېرەك.باش ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ئاغرىغاندا چوقۇم دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. ئىز تورى بەك ياخشى
    باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۇسۇللىرى:
    مۇز بىلەن سوغۇق ئۆتكۈزۈش. بۇباش ئاغرىقىنى پەسەيتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.مۇز مۇسكۇللارنىڭ تارىيىشىنى ئازايتىپ، نېرۋىلارنى بېسىۋالغان قان تومۇرلارنىڭ بېسىمىنى ئازايتىپ، ئاغرىش سىگنالىنىڭ چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈلۈشىنى تىزگىنلەپ، ماددا ئالمىشىشنى پەسەيتىش ئارقىلىق ئاغرىقنى توختىتىدۇ.تېرىنى ئاسراش ئۈچۈن مۇزنى لۆڭگە ياكى ياغلىققا ئوراش، ھەر قېتىملىق سوغۇق ئۆتكۈزۈش ۋاقتى 20 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
    باش ئاغرىقىنى بارماق بىلەن ئۇۋۇلاپ توختىتىش. بۇنىڭدا ئۈچ خىل ئۇسۇل قوللىنىشقا بولىدۇ.بىرىنچى ئۇسۇل: بىر قول بىلەن باشنىڭ ئارقا تەرىپىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، يەنە بىر قولنىڭ باش بارمىقى ۋە ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن باشنىڭ ئىككى چېككە پەللىسى ئۇۋۇلىنىپ، باش كەينىگە قايرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مېڭىگە قان يەتكۈزۈلۈپ، قان بېسىمى تەڭشىلىپ ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئىككىنچى ئۇسۇل: باش بارماق بىلەن قوشۇما پەللە تەكرار بېسىلىدۇ ۋە تەدرىجىي يۇقىرىغا قارىتىپ، تاكى باشنىڭ چوققا قىسمىغىچە بارماق بىلەن بېسىلىدۇ.ئاندىن ئىككى چېكە قايتا بېسىلىدۇ.ئۈچىنچى ئۇسۇل: باش بارماق بىلەن قول پەنجىسى تۇتاشقان پەللە ئۇۋۇلىنىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(4)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ..........

    ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ.............

  • مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق

    مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق نۇرغۇن كىشلەر ئارام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ،مەر كەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئادەتتىكى چاغلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇش يىتەرلىك بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بۇلىدۇ. لېكىن چېنىقش مۇتەخەسىسلىرى بۇنداق تۇيۇ...

  • چىراغ يورۇقىدا ئۇخلاش ئاسان راك پەيدا قىلىدۇ

    تىببىي ئالىملارنىڭ قارىشىچە ، ئادەم چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا بەدەننىڭ ئىمۇنىتېت ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ ، ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن . چۈنكى چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى مىلاتونىن دەيدىغان ئاجرالما توسالغۇغا ئۇچراپ ئىممۇنىتېت ئ...

  • تاماقتىن كېيىن تاماكا چەكمەڭ !

    تاماقتىن كېيىن ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىپ ، قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ . بۇ ۋاقىتتا چەككەن بىر تال تاماكىنىڭ زىيىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتا چەككەن ئون تال تاماكىنىڭ زىيىنىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ . تاماقتىن كېيىن تاماكا چەككەندە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چ...

  • ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇماڭ...!

    مەشھۇر ئەدىب روسسو ئېيتقان نورمال سەيلە ساياھەت جاپا مۇشەققەتنىڭ تەسەللىسى ، خىزمەتنىڭ تەييارلىقىدۇر دېگەن سۆزنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بەك كۈچلۈك . كبندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئەمەلىيتىدە بارلىقىنى خىزمەتكە بېغىشلاپ ، نورمال ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان كىشىلىر...

  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى

    ئورۇقلاش ناھايىتى جاپالىق جەريان، بۇ جەريان قىزلاردىن قاتتىق ئىرادە ۋە غەيرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئۆتكەلدىن قانداق قىلغاندا ئوڭۇشلۇق ئۆتكىلى بولىدۇ؟ ئورۇقلاۋاتقان ھەم ئورۇقلاشنى ئويلاۋاتغان قىزلار تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ باقسا بولىدۇ.......... 1. ھەر...

  • تىلنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنى ئاسرىغىلى بو

          ياپونىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تىلنى چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغاندا، مېڭە، يۈز نېرۋىلىرىنى ۋاسىتىلىك غىدىقلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ يىگىلىشىنى ئاستىلاتقىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يۈز نېرۋىسى، مۇسكۇللارنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقى...

  • ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش كېسەللىكى

         تومۇز ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىۋېتىلگەن جايدا ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت ياكى ئۆگىنىش قىلغاندا تەر بەزلىرى ئاسانلا ئېتىلىپ قالغاچقا، ماددا ئالماشتۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ. ئۇنداق شارائىتتا  ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇپ ھەرىك...

  • كولانى كۆپ ئىچسە مۇسكۇلنى زەخمىلەندۈرىدۇ

       ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە ، ئۇزۇن مۇددەت كولا قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچسە ، مۇسكۇلنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىكەن ، ھەتتا مۇسكۇلنى زەخمىلەندۈرىدىكەن . چۈنكى ، تەركىبىدە قەنت ۋە كوففېئىن بولغان ئىچىملىكل...

  • سېمىزلىك ۋە تاماكا چېكىش قېرىشنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ

    تاماكا چېكىش ۋە سېمىزلىكنىڭ ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ . ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشچە ، تاماكا چېكىش بىلەن سېمىزلىك خروموسوما تېلومېرىنى قىسقارتىپ ، ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قېرى...