كۈندە بىر خام دورا تۇرۇپ

ۋاقتى:2011-09-11 10:44مەنبە: يوللىغۇچى:مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
   بۈگۈن تۇرۇپ ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمىز.
بۇ بىر ياكى ئىككى يىللىق ، تىك ئۆسىدىغان سامان غوللۇق، ئادەتتە سەي – كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ ، مۇشۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ھۆل باشلانغان  يىلتىزى تۇرۇپ ياكى پەجەل نامىدا ، ئۇرۇقى تۇرۇپ ئۇرۇقى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇنىڭ يىلتىزى يوغان، رەڭگى ۋە شەكلى ھەر خىل ، گۆشلۈك، سۇلۇق ، تاتلىق ئەمما سەل پۇرىقى بار. بۇنىڭ قىزىلىدىن كۆكى ياخشى ھېسابلىنىدۇ.
خېمىيەلىك تەركىبى:
يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە گلۇكوزا، قۇمۇش شېكىرى ۋە شېكەر بار. باشقا تەركىبلىرىدە كومارىك كىسلاتا فرولىك كىسلاتا، كوففىك كىسلاتا، فېنلىپروۋىك كىسلاتا قاتارلىق كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالار بار. ھۆل يىتىزىنىڭ تەركىبىدە مېتىل مىركاپتان، ۋېتامىن س بار. چۆپ كىسلاتاسى تۇتمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ كالتىينىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسىدۇر. يەنە ماگنىي، بورالار ھەم راپانۇسىنمۇ بار.

ئىز تورى www.iz.la


دورىلىق تەسىرى:
تۇرۇپنىڭ ئىسپىرت بىلەن ئېلىنغان سۇيۇقلۇقى باكتىرىيەگە قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە. بولۇپمۇ گرام مۇسپىي باكتىرىيەگە نىسبەتەن تۇرمۇزلاش كۈچى ئارتۇق ، قان زەردابى كېسىلى بولغاندا ھاياتلىق كۈچىنىڭ يېرىمى تۆۋەنلەيدۇ. يەنە زەمبۇرۇغقا قارشى تەسىرىمۇ بار.
مەلۇماتلاردىن قارىغاندا يىلتىزىنى يانجىپ چىقىرىلغان سۈيى ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا، ئۆت تېشى كېسەللىكىگە ئۈنۈم بېرىدۇ.
تەبىئىتى:
 بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى :
ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، ئاشقازان ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، بەلغەم بوشىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:
ئىشتىھاسىزلىقم، ھەزىمنىڭ ناچارلىقى، قۇلاق ئاغرىقى، كونا يۆتەل، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، ئىستىسقا، سېرىقلىق چۈشۈش كېسەللىكى، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
تۇرۇپ تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ:
1. تۇرۇپ سۈيىگە تۆت ھەسسە كۈنجۈت يېغىنى قۇشۇپ، سۇست ئوت بىلەن قاينىتىپ، سۈيى تۈگەپ يېغى قالغاندا ، سۈزۈپ ئېلىپ پاكىزلاپ، قۇلاققا تېمىتسا ، قۇلاق ئاغرىقى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ.
2. تۇرۇپنىڭ يۇپۇرمىقىنى سىقىپ، ئۇنىڭ سۈيىنى قارا شېكەر بىلەن ئىچىپ بەرسە يەرقان كېسىلى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ.
3. تۇرۇپنىڭ ئۆزىنى داۋاملىق يېسە ۋە سۈيىنى چىقىرىپ كۈندە بىر ئىستاكان ئىچىپ بەرسە ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ، دوۋساقتىكى تاشلارنى چۈشۈرىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
4. تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئۇيۇپ ئېلىۋېتىپ، ئىچىگە گۈل يېغىنى قۇيۇپ ، قوقاستا قويۇپ ، ئىچىدىكى ياغ قاينىغاندا ئېلىپ، ئىلمان ھالەتتە قۇلاققا تېمىتسا قۇلاقتىكى يەللەرنى تارقىتىپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
5. تۇرۇپنى قاينىتىپ ، سۈيىنى ئىچسە كونا يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ.
6. تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئۇيۇپ، چامغۇر سۈيىنى تولدۇرۇپ، ، ئاغزىنى ئىتىپ خېمىرنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ ، ھەسەل بىلەن قوشۇپ يېسە، سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى پارچىلاپ چۈشۈرىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 40-60گرام.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : كۆڭۈلنى ئېلەشتۈرىدۇ، باش ، گال ۋە چىشلارغا زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: تۇز، ھەسەل، سىركىگە چىلانغان زىرە. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئورۇنباسارى : چامغۇر.
خام دورىلار ئىلمىدىن.
پىششىق دورا ياسالمىسى : تۇرۇپ قاينىتىلمىسى.
كېيىنكى مەزمۇن ھەرە كۆنىكى ھەققىدە بولىدۇ.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • يىمەكلىك ۋەسىمىزلىك

    ...

  • سۇ ماينى مۇۋاپىق ئىشىلىتىڭ

    1. كەڭ تارلىقى مۇۋاپىق بولغان بالوننى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. بالون بەك كەڭ بولسا قارشىلىق كۈچى چوڭ بولۇپ، ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ. 2. يېپىشقاقلىقى ئەڭ تۆۋەن ئاپتولنى ئىشلىتىش كېرەك. ئاپتولنىڭ يېپىشقاقلىقى قانچە تۆۋەن بولسا، موتور ئۇچرايدىغان قارشىلىق ش...

  • يېسىۋىلەكىنىڭ شىپالىق رولى

    1. يېسسىۋېلەك ( بەسەي ) يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچسە، زۇكامنى داۋالىغىلى بولىدۇ. 2. يېسسىۋېلەكنى قىزىلمۇچ بىلەن قاينىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن پۇتنى يۇيۇپ بەرسە، ئۈششۈك يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. 3. يېسسىۋېلەك، غولپىياز ۋە زەنجىۋىلنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە، زۇكام ۋە ك...

  • كۆكتاتلارنى ئىسىسىق سۇدا يۇماسلىق كېرەك

    بەزىلەر زىيادە چېچەن، پاكىزلىق قىلىپ سەي قورۇشتىن ئىلىگىرى يېڭى، يۇمران سەي-كۆكتاتلارنى ئىسىسىق سۇغا بىر ئاز چىلاپ ئالىدۇ، ھەتتا كۈچەپ سىقىۋېتىدۇ، بۇنداق قىلىش كۆكتات تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، تەجرىبىلەر ئىسىپاتلىدىكى، كەرەپشە...

  • ياڭيونىڭ شىپالىق رولى

    داۋالاش رىسپى 1. ياڭيۇ بىلەن تۇخۇمنى بىرلا ۋاقىتتا قورۇپ يىسە باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ. 2. ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا جىنسىي ئاجىزلىق ۋە دىۋەڭلىكنى پەيدا قىلىدۇ. 3. ئاچ قورساق يۈگۈرۈش مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ھەرخىل يۈرەك كې...

  • توخۇ گۆشى سېمىزلىكىنى يوقتىدۇ

    شاڭخەي يۆمۈر يول مەركىزى دوختۇرخانسنىڭ ۋراچى ۋاڭ فىيىچىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دىگەن ؛( توخۇ گۆشىدە پۇراقلىق جۇڭيى دورسى ۋە ئادەم گىياھ قاتارلىق تۇلۇقلۇغچى ماددىلار بار . ئورۇقلىماقچى بولغانلا توخۇ گۆشنى چۇقۇم كەچتە تاماق ئورۇندا ئىستىمال قىلىشى لازىم مىقىدار...

  • بىرگە يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر

    1. راك+ۋىتامىن C= زەھەرلىنىش 2. زۇكام دورىسى +كولا = زەھەرلىنىش 3. توخۇ تۇخۇمى بىلەن ساخارىن - بىرگە يېسە زەھەرلىنىدۇ، ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىيدۇ. 4. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى(دۇفۇ) بىلەن ھەسەل بىرگە يېسە قۇلاق گاس بولىدۇ. 5. بەرەڭگە بىلەن بانان - بىرگە يېسە يۈزگە د...

  • ئۈجمنىڭ شىپالىق رولى

    تەركىبى :قەنت، تاننىن، ئالما كىسلاتاسى، كەھرىۋا كىسلاتاسى، كاروتىن، كالتسىي، نىكوتىن كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن A،B،C،D قاتارلىقلار بار. تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق. شىپالىق رولى :قان تولۇقلايدۇ، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ، ساپ قان پەيدا قىلىدۇ، باھ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇ...

  • ياڭاق ۋە بېلىق يۈرەك كېسلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

    ياڭاق ۋە بېلىق يۈرەك كېسلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ...

  • ناشتىدا بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار

    ناشتىدا بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار ئاچ قۇساق ئىچىڭ. ئەتىگەندە سۇنى چۇقۇم ئاچ قۇساققا ناشتىدىن بۇرۇن ئېچىڭ ، بولمىسا قاننىڭ ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ،ئاشقازان -ئۈچەينى تازلاش ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. ئالدىرماي ئىچىڭ. ئىلاجى بار ئالدىرماي بىر يۇتۇمدىن ئىچىڭ .چۈن...