تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىنىشچە ، ئالقات تەركىبىدىكى ئالقات مېيى ئورگانىزمنىڭ چارچاشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئالقات تەركىبىدىكى فتور ، مانگان ، خىرۇم ، ماگنىي ، سىنىك ، مىس ، سېلىن ، كالتسىي ، فوسفور ، لىتىي ، ناترىي ، تۆمۈر ، سىلتسىي ، كالىي قاتارلىق مىكرو ئېلېمنتلار بەدەندە فېرمېنت ، ھورمۇن ، ۋە ۋىتامىنلار بىلەن بىللە ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئالقات يوپۇرمىقىدا قىزىلچا ئىشقارى ، سۇزاپ گىلۇكوزىسى ، ۋىتامىن ، ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ھەرخىل مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار بولۇپ ، دائىم چاي دەملەپ ئىچسە ، چارچاشنى تۈگىتىدۇ .
ئالقات مېۋىسىنى بىۋاستە يېيىشكىمۇ ، دەملەپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ . ئۇنىڭ تەركىبىدە كاروتىن ، ۋىتامىن B1 ، ۋىتامىن B2 ، نىكوتىن كىسلاتاسىلىنۇل كىسلاتاسى ، ۋىتامىن C ، قىزىلچا ئىشقارى ، كالتسىي ، فوسفور ، تۆمۈر قاتارلىق ماددىلار مول بولۇپ ، دائىم ئىستېمال قىلسا ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ، ئۆپكىنى ياشارتىدۇ ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ . ئالقات يىلتىزى ئادەتتە دورا ماتېرىيالى بولۇپ ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ، يۆتەل توختىتىش رولىغا ئىگە . ئالقاتنىڭ يوپۇرمىقى ياكى مېۋىسىدىن ھەر كۈنى 15-20 گىرامنى قايناق سۇدا دەملەپ ئىچسە بولىدۇ . ئۇنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولغاچقا، مىجەزى ئىسسىقچان كىشلەر ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك .