كىشىلەر ئىزچىل ھالدا تاتلىق، نازۇك، پۇراقلىق بولغان يېمەكلىكلەرگە ئامراق بولۇپ، ئاچچىق-چۈچۈك ، يىرىك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياقتۇرمايدۇ.نەچچە مىلىيون يىللار ئىلگىرى ، ھەتتا 40-50 يىل ئىلگىرىلا كىشىلەر كېپەك ۋە سەي يەيتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا كىشىلەرنىڭ ئاساسىي ئەندىشە قىلىدىغىنى دىئابىت كېسىلى، سېمىزلىك كېسىلى ، يۈرەك كېسىلى بولماستىن بەلكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى.بىراق ھازىر بىزنىڭ يېمەكلىك قۇرۇلمىمىز ئەجدادلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىك قۇرۇلمىسىغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، كىشىلەرنىڭ ھازىر ئەندىشە قىلىدىغىنى بولسا قانداق قىلىپ سېمىزلىكتىن ساقلىنىش، قاندان قىلىپ قاندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، قانداق قىلىپ راك كېسىلىنىڭ خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلار بولۇپ قالدى.
1. قىرتاق تەملىك يېمەكلىكلەر
پىشمىغان ئەبنۇس،سۆسۈن رەڭلىك ئۈزۈم قاتارلىقلار قىرتاق تەملىك يېمەكلىكلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قىرتاقلىقى تەركىبىدە تاننىن ، فىتىك كىسلاتا ۋە ئوكسالىك كىسلاتا بولغانلىقىدىندۇر.بۇ ماددىلارنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك بولغان ئوكسىدلىنىش ماددىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، دىئابىت كېسىلى ۋە قاندا ماي مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتكەنلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!