چىشنى كۆزىتىش ئارقىلىق سالامەتلىككە باھا بىرىش

ۋاقتى:2011-08-21 10:32مەنبە: يوللىغۇچى:گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
   چىشنى كۆزىتىش ئارقىلىقمۇ ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا باھا بەرگىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنى بالدۇرراق بايقاش چىشنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشقا پايدىلىق.
  چىشنىڭ قىزىرىپ، سارغىيىپ قېلىشى
  چىشنىڭ قىزىرىپ قېلىشى، ئادەتتە، چىش مىلىكى قانىغانلىقتىن بولىدۇ، ئەمما ئاساسلىق سەۋەب ۋىتامىن C نىڭ يېتىشمىگەنلىكىدىندۇر. مەسىلەن: بەدەندە ۋىتامىن Cكەمچىل بولسا ئاسانلا چىش مىلىكى يەللىكلىنىپ، چىش مىلىكى قاناش ۋە چىش مىلىكى ئىششىش قاتارلىق كېسەللەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق چاغدا چىش مىلىكى يوغىناپ ۋە ئۇزىراپ، يۇمشاق ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ، سەللا بېسىلسا قانايدۇ. ئىششىغان چىش مىلىكى چىش تاجىنى قاپلىۋېلىپ، سىرتقى يۈزى چىرىش، جاراھەتلىنىش ۋە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ چىش قاتتىق ئاغرىيدۇ ۋە ئېغىز پۇرايدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ۋىتامىن C نى تولۇقلاش ھەم داۋالىتىش كېرەك. ئىز تورى www.iz.la
  چىشنىڭ سارغىيىپ قېلىشىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. چىشنىڭ سارغىيىپ قېلىشى، ئاساسلىقى، فتورلۇق چىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن بولىدۇ. فتورلۇق چىش كېسىلى چىشنىڭ يېتىلىپ كالتسىيلىشىش دەۋرىدە ئادەم بەدىنى فتورنى زىيادە قوبۇل قىلغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئېلىمىزنىڭ بەزى رايونلىرىدىكى تەبىئىي سۇلارنىڭ تەركىبىدە فتورنىڭ مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولۇپ، بۇ ئاسانلا شۇ رايونلاردىكى كىشىلەردە فتورلۇق چىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، چىشنىڭ سارغىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەنە باشقا سەۋەبلەرمۇ بار. مەسىلەن: تاماكا چېكىش، قېنىق چاي ئىچىش، قەھۋە ئىچىش، شۇنىڭدەك بەزى جۇڭيى دورىلىرىنى ئىچىش قاتارلىقلار. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
  چىشنىڭ قارىداپ، قوڭۇر رەڭگە كىرىپ قېلىشى
  چىش بەزىدە قوڭۇر ياكى قارا رەڭگە كىرىپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋال قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئارىسىدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قۇرت يېگەن چىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتۇر.
  قۇرت يېگەن چىش تېيىز قۇرت يېگەن، ئوتتۇرا ھال قۇرت يېگەن ۋە چوڭقۇر قۇرت يېگەن چىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. دەسلەپتە چىش ئېمالىدا قوڭۇر رەڭلىك ياكى قارا قوڭۇر رەڭلىك داغلار پەيدا بولىدۇ ۋە چىشنىڭ سىرتقى يۈزى يىرىكلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن چىشنىڭ سىرتقى يۈزى بۇزۇلىدۇ. چىشلارنىڭ قوشنا يۈزىنى قۇرت يېيىش دەسلەپتە چىشلارنىڭ تېگىشىش يۈزىنىڭ ئاستىنقى تەرىپىدىن باشلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇنى ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايدۇ. چىشنى ئوتتۇراھال قۇرت يېسە چىشنىڭ چىرىشى چىش ئاساسىي ماددىسىغا يەتكەن بولۇپ، چىش ئاساسىي ماددىسىدا تېيىز تۆشۈكچىلەر شەكىللىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئادەم سوغۇق، تاتلىق، چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى يېسە چىشى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ. لېكىن بۇنداق تەسىرلەر تۈگىتىلگەندىن كېيىن، ئاغرىش دەرھال يوقىلىدۇ. چىشنى چوڭقۇر قۇرت يېسە چىرىش چىش ئاساسىي ماددىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە يەتكەن، چىش يىلىكىگە يېقىنلاشقان ياكى چىش يىلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاغرىقنىڭ چىشى سوغۇق، ئىسسىق، چۈچۈمەل، تاتلىق يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇچراشقان ھامان ئاغرىيدۇ، بولۇپمۇ ئىسسىقنىڭ تەسىرىگە ئالاھىدە سەزگۈر بولىدۇ. چىشنى قۇرت يېيىش، ئاساسلىقى، باكتېرىيە، ئېغىز تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق ۋە يېمەك – ئىچمەك قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


  چىش ئاغرىقىنىڭ سەۋەبلىرى خىلمۇ خىل بولىدۇ. چىشنىڭ ئىسسىق، سوغۇق، چۈچۈمەل، تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەسىرىدىن ئاغرىشى، چىش مىلىكىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تۇرۇپ – تۇرۇپ ئاغرىشى، چىشنىڭ بوشاپ قېلىشى، چىش مىلىكىنىڭ ئىزچىل ئاغرىشى، چىشنىڭ قاتتىقراق نەرسىلەرنى چىشلىگەندە ئاغرىشى قاتارلىق ھەرخىل چىش ئاغرىقلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس سەۋەبلىرى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(5)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • كىر ئالغۇنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتىشنىڭ ئۇسۇللىرى

    1. كىر ئالغۇنى نەم ، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئورۇنغا قۇيماسلىق ، ئېلېكتىر زاپچاسلىرىنىڭ نەملىشىپ ، ئىزولىياتور ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن ، مېتال بۇيۇملىرىنىڭ نەملىكىتىن داتلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كىرەك. يەنە قۇياش نۇرى بىۋاستە چۈشىدىغان ئورۇنىغا قۇيۇپ رەڭگىنى...

  • بۇستارتقۇنى ئشىلىتىشتدىكى ئەپچىل چارىلەر

    ...

  • ئىىپپەت زار -زار يىغلايدۇ

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىشى، بازار رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، پۇل ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا سىڭىشىشى، ئەخلاق ئىكولوگىيىسىنىڭ زور دەرىجىدە بۇلغىنىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر ئ...

  • قايرىلىپ كەتكەن جايغا ئىسسىق ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك

    ...

  • ئۆيدىكى 10 خىل زەھەرلىك ماددا

         1 . قوش فېنول —A . ئۇ يالتىراق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل خىمىيەلىك ماددا بولۇپ، ئۇ سۇ ۋە سۈت بوتۇلكىلىرى، يالتىراق قەغەز، يېمەكلىك ئورالمىسى قاتارلىقلار تەركىبىدە بولىدىكەن، بۇنداق ماددا ھامىلە ۋە بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە تەسىر كۆ...

  • ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشنى بىلەمسىز؟

    ئاپتۇرى: ياسىنجان توخنىياز توغراق ئۆزىگە ئىشىنىش مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمى. ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ كەملىكى مەغلۇپ بولۇشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بىر قېتىم ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بىر دىرېكتور ئامېرىكىلىق مەشھۇر مۇۋەپپەقىيەتشۇناس ناپولېئون خېئولدىن ياردە...

  • پۇت پۇراشىنى داۋالاشتىكى بەش خىل ئۇسۇل

    1.تۇز : ئاياغنى يېشىپ ئىچىگە ئازراق تۇز سېلىپ، ھاۋائۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا قويۇپ قويسا، ئاياغدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىنباشقا، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، پۇتقا ئازراق تۇز سېپىپياتسا، پۇتتىكى سېسىق پۇراقنى يوقاتقىل...

  • قاتتىق كۈلۈشكە بولمايدىغان كىشىلەر

    كۈلكىنىڭ سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىسى كۆپ بولسىمۇ ، لېكىن سالامەتلىك ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك كىشىلەر قاتتىق كۈلۈشتىن ئېھتىيات قىلىشى كىرەك ....

  • گۈل ۋە سالامەتلىك

    گۈل كىشلەرگە ھۇزۇر بىغىشلاپلا قالماي ، مۇھتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ، بۇلغىنىشنى ئازايتىپ ، تۈرلۈك كېسەلىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . نېرۋا پائاليىتى بۇلغىنىشقا باشلىغان بەزى كېسەلكىلەرنى داۋالاشتا گۈل شىپالىق رول ئوينايدۇ .. شۇنداق بولغاچىقا بەزى مەملىكەتلەردە گۈل...

  • ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت

    ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت، - بىر كىشى ئەگەر ھازىرقى ۋاقىتنى قانداق چىڭ تۇتۇشنى بىلىسە، ھەمدە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانسا، ئۇ، ئەركىن ، مەنىلىك ، ھەقىقى بولغان تۇرمۇشنى تاللىغان بولىدۇ،...