دەپ ئاتىلىدىغان بىر كەسپى ئاتالغۇ بۇلۇپ ،«ئەخلەت كىرسە ،ئەخلەت چىقىدۇ » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .توغرا ، سۇبىكتىپ ئېڭىمىز نىمىنى قۇبۇل قىلسا ، ئۇنىڭدىن قايتىدىغان ئىنكاسمۇ شۇ بۇلىدۇ . كاللىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان «پروگرامما » لار بالىلىق چاغلىرىمىزدىن باشلاپلا ، يىغىلىپ قالغان ئەخلەتلەر بۇلىدۇ، ئۇلارنى مۇشۇنداق« ئەخلەت »دەپ ئاتىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پاسسىپ كۆز قاراشلار بۇلۇپ، ھەممىسى بىزنىڭ پاسسىپ بولغان ئومۇمىي كۆز قاراش سېستىمىمىز تەسىرىدە ، بىۋاستە شەكىللەنگەن بولىدۇ . ئىز تورى بەك ياخشى
ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق بولىدۇ : بىز تېخى كىچىك چاغلىرىمىزدا ، تەنقىدىي سەزگۈ سېستىمىمىز تېخى تولۇق تەرەققىي قىلمىغان بولىدۇ . شۇنداق بولغاچقا ، تەبئىي ھالدا ، سىرتقىي دۇنيادىن كەلگەن تەنقىدىي كۆز قاراشلار - ۋە تەكلىپلەرنى قارىقويۇق قۇبۇل قىلىۋېرىمىز . شۇڭا ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، بىزنىڭ بۇ پىروگراممىمىزنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئالدى بىلەن ئاتاـ ئانىمىز ، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ، ئاخبارات ۋاستىلىرى ، ۋە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر قۇرۇپ بىرىدۇ . ئۇلارنىڭ ھەر بىر سۆز ھەركىتى سەبىي قەلبىمىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ . ئۇ ۋاقىتلاردىكى مېڭىمىزنى خۇددى بىر پومزەك لايغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ ،بۇ بىر پومزەك لايدىن ھەرقانداق بىر شەكىلنى چىقىرىشقا بولىدۇ .شۇڭا ، بەزىدە پەقەت بىرەر ئېغىز گەپمۇ ئادەمنى بىر ئۆمۈر ئەجەللىك زەربىگە مۇپتىلا قىلىشى ، ۋە ياكى ھېچ بولمىغاندا ،خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ، كىشى قەلبىنى بىئارام قىلىشى مۇمكىن . گەرچە بۇ بىر ئېغىز سۆز دەسلەپتە ھېچقانداق بىر يامان غەرەزدە دېيىلمىسىمۇ ، ئەمما ئۇ بىرخىل قورقۇنۇچلۇق ، ۋە پاسسىپ ئىدىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا ، ئۇنداقتا شۇ كىشىگە نىسبەتەن ناھايىتى ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . مەسىلەن ئالايلۇق: ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىپ ، بۇدۇنيادا ياشاشتىنمۇ رايى قايتقان بىر ئانا ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ قالغاندا ، مەسىلىگە تولىمۇ يۈزەكە قاراپ ،ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ،بالىسىغا: « تولا خام خىيال قىلما ، ھەرگىزمۇ شېرىن خىياللار ئىچىدە ياشىما ، ئەجىبا سەن بىر قالتىس ئەربابمىدىڭ ؟» دېيىشى مۇمكىن ئۇنداقتا ،ئانىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قىلغان بۇ بىر ئېغىز سۆزىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىشى مۇمكىن ؟ ئۇنىڭ بۇ سۆزى سەبى بالىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كېتىدۇ .يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ،بۇ خىل تەسىر چوڭقۇرلىشىپ ، ئاخىرى روھىي «پىروگراممىسى »نىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ شۇنداق قىلىپ بۇ بالىنىڭ سۇبىكتىپ ئېڭىنىڭ ئېنىرگىيىسى چەكسىز بولسىمۇ ، بىراق ئۇ كاللىسىغا كىرگۈزۈلگەن بۇ پىروگرامما بۇيىچە ياشاۋېرىدۇ . شۇ سەۋەبلىك كېيىنكى ھايات يولىدا تەكرار – تەكرار مەغلۇبىيەتكە ئۇچراۋېرىدۇ . مۇشۇنداق مىساللار ئىچىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق بولىدىغان ئەھۋال شۇكى ، كىچىك ۋاقتىدا مۇشۇ خىل پاسسىپ ، ئۈمىدسىزلىككە تولغان مۇھىتتا ياشىغان كىشى ، ئوخشاشلا بىر ئۆمۈر ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشايدىغان بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلمايلا ، ھايات مۇساپىسىنى تاماملايدۇ . تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتقاندا ، ئۇلار مۇشۇ خىل پاسسىپ ، ئۈمىدسىزلىككە تولغان سۇبىكتىپ ئاڭ پىروگراممىسىنىڭ قۇربانىا ئايلىنىپ كېتىدۇ .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سۇبىكتىپ ئاڭ پىروگراممىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئىچىدە ،تىل ئالاھىدە ئۈنۈملۈك بولغان بىر ئامىلدۇر .مەيلى راست ياكى يالغان بولسۇن ، مېھىر مۇھەببەتكە تويۇنغان بىرەر ئېغىز سۆز ياكى بىرەر شۇم خەۋەر ۋەياكى قۇلاققا يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان تىلەكلەر بولسۇن ، ھەممىسىلا ئادەمنىڭ سۇبىيكتىپ ئېڭىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ .«ئەلالىرىنى ئىزدەش » ناملىق كىتابنىڭ ئىككى ئاپتۇرى توماس پېتىر ۋە روبېرت ۋاتېرمان مەزكۇر كىتابىدا مۇنداق بىر تەجرىبە جەريانىنى يېزىش ئارقىلىق تىلنىڭ مەيلى راست ياكى يالغان بولسۇن ،يوشۇرۇن ئاڭغا نىسبەتەن بىر قەدەر كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان :
« ھەقىقىي نەرسىلا ئەڭ ئىشەنچىلىك بولىدۇ » دەيدىغان بىر گەپ بار ، بۇ گەپ ئاڭلىماققا ناھايىتى ئىلمىي ئاساسى باردەك تۇيۇلسىمۇ ، بىراق، كىشىنىڭ ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ توغرىسىدىكى تەتقىقاتىمىزغا ئاساسلانغاندا ، كىشىلەرنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى ناھايىتى ياخشى قىلالىشىغا ئىشىنىشى ، ئۇلارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشەلىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب بولۇپ ، بۇ خىل ئۆز- ئۈزىگە ئىشىنىش ھېسسىياتىنىڭ رولى باشقا ھەرقانداق نەرسىنىڭ رولىدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن . مەيلى ئۇلار ئەمەلىيەتتە شۇنداق قىلالىغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن ، بۇنىسى ئانچە مۇھىم ئەمەس . مەسىلە ئۇلارنىڭ بىر ئىشنى ھەقىقەتەنمۇ توغرا قىلالىغان ، قىلالمىغانلىقىدا بولماستىن ، بەلكى ئۆزىنىڭ توغرا قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىدە . ئالىملار ياش قورامىغا يەتكەن ئىككى گۇرۇپپا كىشىلەرگە 10سۇئال چىقىرىپ ئىشلەتكەن ، ھەممە ئادەمگە بېرىلگەن 10سۇئال ئوخشاش بولۇپ ، ئۇلار بۇ سۇئاللارنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلەشكە كىرىشكەن ، ئىشلەپ بولغاندىن كىيىن ئالىملار يەنە ئۇلارغا بۇ سۇئاللارنىڭ توغرا جاۋابىنى ئېيتىپ بەرگەن ، بۇ يەردە ئېيتىلغان «توغرا جاۋاب» ئەمەلىيەتتە ئالىملار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان خاتا جاۋابلار ئىكەن .ئاندىن كىيىن ، ئالىملار تەجرىبىگە قاتناشقان بىر بۆلەك كىشىلەرگە ، بۇ سۇئاللارغا ناھايىتى ياخشى جاۋاب بەرگەنلىكى ، %70 جاۋابىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ئېيتقان . يەنە بىر بۆلەك كىشىلەرگە بولسا ئىپادىسىنىڭ تولىمۇ ناچار بولغانلىقىنى ، ھەتتاكى %70 سوئالغىمۇ توغرا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان . ئارقىدىنلا ھەربىر ئادەمگە يەنە 10سۇئال تارقىتىپ بېرىپ (ھەممە ئادەمنىڭ سۇئالى يەنىلا ئوخشاش بولغان )، ئىككىنچى قېتىملىق سىناقنى باشلىغان . بىرىنچى قېتىم نەتىجىسى ياخشى بولدى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئىپادىسىمۇ تېخىمۇ ياخشى بولغان . بىرىنچى قېتىم ئىپادىسى ناچار دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلەرنىڭ بولسا ، ئىپادىسى تېخىمۇ ناچار بولغان . دېمەك ، مانا مۇشۇنداق ئاكتىپ بولغان ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچ ۋە ياكى ۋەزىپىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇندىشىمىزغا تۈرتكە بولغان نەرسىلەر ، شەخىسنىڭ ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق شەكىللىنىدىغان ئۆز – ئۆزىگە ئىشىنىش ھېسسىياتىدىن ئىبارەت .
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بۇ تەجرىبىنىڭ نەتىجىسىنى ھەقىقەتەنمۇ چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرىشىمىزگە ئەرزىيدۇ . دېمەك، ھەركەت سۇبېيكتىنىڭ ئېڭى مەلۇم ساختا نەتىجىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ . ئوخشاش بولمىغان تۇيغۇ ، ئوخشاش بولمىغان نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . دەل مۇشۇ خىل تۇيغۇنىڭ تەسىرى تۈپەيلى يۇقۇرىقى بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ ئىپادىسى بارغانسېرى ياخشىلانغان . يەنە بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ نەتىجىسى بولسا تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەن .
بۇ ئىككى ئاپتور بۇ بىر تۈرلۈك تەجرىبە نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ ، تۆۋەندىكىدەك نەزەرىيىنى خۇلاسىلەپ چىققان : «بىز ھەمىشە تىلغا ئالىدىغان داڭلىق شىركەتلەر باشقۇرۇش ، تەشكىللەش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى تەجرىبىلەرنى قوللانغان بولغاچقا ، ئاددى خىزمەتچىلىرى بىلەنمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرەلىگەن ،» مانا مۇشۇ داڭلىق شىركەتلەرگە ماس كېلىدىغان بۇ قائىدىلەر ئوخشاشلا بىزگىمۇ ماس كېلىۋېرىدىغان بولۇپ ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاشۇ كىشىلەر ياخشى بولغان سۇبىيكتىپ ئاڭنىڭ يېتەكچىلىكى بولغاچقىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغان . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۆزىنىڭ پاسسىپ كۆز قاراشلىرىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن دەۋېرىدىغان ئاتاـ ئانىلار ، ئوقۇتقۇچىلار ، ۋە دوستلار بۇنداق قىلىشنىڭ زىيىنىنىڭ نەقەدەر چوڭ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشمايدۇ . بىراق بۇ ئامىللاردىن باشقە يەنە بىر خىل ئامىل دەل شۇ ئادەمنىڭ «ئۆزى» .
ھەربىرىمىزنىڭ كاللىسىدا داۋاملىق ئۆز ھەركىتىمىزنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغان ئۆزلۈك ئېڭى بولىدۇ ، بىز ھەركۈنى دېگۈدەك :«ھەرقانداق نەرسە پەقەت مەن ئۈچۈنلا ياسالمىغان »، «مەن بۇنچە جان قىيناپ نېمىمۇ قىلارمەن »،«مەن ھەمىشە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقىيالمايمەن » ، «مەن راستىنلا يارامسىز » ، «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ھامان ناھايىتى قىيىن » ، «مىنىڭ ئۇنچە ئۇشۇق ۋاقتىم يوق »،«ئاھ ، تەڭرىم ، مەن شۇنچە كۆپ ۋاقتىمنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋەتتىم » دېگەندەك گەپلەرنى تەكرارلاپ تۇرىمىز . ئەلۋەتتە بۇ خىلدىكى ئۆزلۈك ئېڭىغا تەۋە بولغان سۆزلەردىن يەنە نۇرغۇنلىرىنى دېيىشكە بولىدۇ . قىسقىسى ، مەيلى ئاڭلىق رەۋىشتە ياكى ئاڭسىز رەۋىشتە بولسۇن ، بىز ھەمىشە مۇشۇنداق پاسسىپ كۆز قاراشلار بىلەن ئۆزىمىزنى ئەسكەرتىپ تۇرىمىز . شۈبھىسىزكى ، دەل مۇشۇ قاراشلار بىزنىڭ سۇبېيكتىپ ئېڭىمىزدىكى « پىروگرامما»لارنى ئىجرا قىلىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئەلۋەتتە ، بۇ كۆزقاراشلارنى ئېڭىمىزدا ساقلاۋېرىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ يوق ، بولۇپمۇ ياش قورامىمىزغا يەتكەندىن كىيىن ، ئۆز كۆز قاراشلىرىمىزغا نىسبەتەن بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك . ھەرقانداق بىر كۆز قاراش قىلچىمۇ ئۆز گەرمەستىن سۇبېيكتىپ ئېڭىمىزدا مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋەرمەيدۇ . ئەكسىچە پاسسىپ بولغان ،مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزغا پايدىسىز بولغان ئىدىيە، پىسخىك ھالەتلەرنى ئۆزگەرتىپمۇ كېتەلەيمىز . مەسىلە دەل بۇ خىل ئىدىيە ۋە كۆز قاراشلارنى قانداق ئۆزگەرتىشىمىزدە . بۇنىڭ ئۈچۈن بىز مەلۇم كۈچتىن پايدىلىنىش ئارقىلىق بەزىدە ھەتتا ، ھېچبولمىغاندا ، ئاشۇ خىل پاسسىپ ئىدىيە ، كۆز قاراشلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان ئىشەنچىمىز ئارقىلىقمۇ ئۆزگەرتىپ كېتەلەيمىز .
copyright by www.iz.la
كىيىنكى باب «ئىشەنچ – ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچ »
مەنبە «پۇل نەدىن كېلىدۇ» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .
يوللىغۇچى؛ ئىزچىل