copyright by www.iz.la
ناۋادا مۇشۇنداق روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ مۇتەخەسسىسلەر بۇھەقتە مۇنداق پىكىرلەرنى بەردى : دەسلەپكى مەزگىلدىكى كېسەللىك ئەھۋالىنى بايقىغاندا ئۆزىڭىزنى كونتىرول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ . تۇرمۇشىڭىزنى تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈپ ، تۇرمۇشنىڭ سىزگە ئېلىپ كېلىدىغان بېسىمىنى يەڭگىللىتىڭ . بىر قىسىم كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ ، مەسىلەن : شەھەر سىرتىغا چىقىپ ئويناپ كىرىش ، توپ ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ بېسىمنى يەڭگىللىتىڭ ، بەزىدە يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىشمۇ بېسىمنى يەڭگىللىتىشنىڭ ياخشى بىر ئۇسۇلى ھېساپلىنىدۇ . مەيلى قايسى ئۇسۇلنى قوللىنىڭ، جىسمىڭىز ۋە روھىيىتىڭىزدە بېسىم پەيدا قىلىدىغان ھالەتنى ئۆزگەرتىش ھەممىدىن مۇھىم، يەنە شۇنىڭدەك ئۆزىڭىزگە ئېنىق بىر تۇرمۇش نىشانى بېكىتىپ، شۇ بويىچە تەرتىپلىك ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، شۇ ئارقىلىق تۇرمۇشىڭىزنى بېسىمدىن ۋە باشقا ئاۋارىچىلىقلاردىن يىراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىغا ئېنىق دىئاگنۇز قويۇلمىغۇچە ئۆز مەيلىچە دورا يېيىشكە بولمايدۇ . ناۋادا ئۆزىڭىزنى كونترول قىلىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىزنى مۇناسىپ تەڭشەشمۇ ئۈنۈم بەرمىسە ۋاقتىدا دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈڭ