ئەنگلىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا، كىشىلەر ھەرىكەتچان يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندا، ئارقىسىغا 135 گرادۇس يۆلىنىپ ئولتۇرسا بۇ 90 گرادۇسلۇق تىك ھالەتلىك ئولتۇرۇشقا قارىغاندا ئومۇرتقىنىڭ ساغلام بولۇشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ بەل ئاغرىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
ئەنگلىيە ئېدىنبۇرگدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بايقىغان: 90 گرادۇسلۇق تىك ھالەتلىك ئولتۇرۇش ئومۇرتقىنىڭ زەخىملىنىشىنى ھەم نېرۋىنىڭ بېسىلىپ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك بەل ئاغرىشنى پەيدا قىلىدىكەن. ئارقىسىغا 135 گرادۇس يۆلىنىپ ئولتۇرغاندا، ئومۇرتقىنىڭ نورمال ھالىتىنى ساقلىغىلى ۋە ئومۇرتقىغا چۈشىدىغان بېسىمنى يېنىكلەتكىلى بولىدىكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
رەيھانگۈل قۇدرەت تەرجىمىسى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!