ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>سەنئەتكارلار>

نىياز كىرىم شەرقىي

ۋاقتى:2010-08-20 02:41مەنبە: تەھىرىر:قاسىمجان چېكىلىشى:قىتىم
  

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

نىياز كېرىم شەرقىي 1948-يىلى 10-ئايدا تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر جۇڭگۇ خەتتاتلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەمدە جۇڭگۇ خەتتاتلار جەمئىيىتى تەھرىرلىك، نەشىر قىلىش كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى . جۇڭگۇ تارىخ موزىيى گۈزەل سەنئەت گالىرىيىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق چەتئەللەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلار، رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستازى. ئىز تورى بەك ياخشى

 نىياز كېرىم شەرقىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلغان ۋە 1985-،1989-،1998-،2005-،2008-يىللىرى ئۆزىنىڭ شەخسى خەتتاتلىق كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئامېرىكا، قازاقىستان، پاكىستان، تۈركىيىلەرگە بېرىپ خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ئاچقان. ئەسەرلىرى يەنە تۇنىس، كورىيە، ياپونىيە، تەيۋەن، شىياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا كۆرگەزمە قلىنغان. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىدا 20قىسىملىق خەتتاتلىق تېلېۋىزىيە لىكسىيىسى سۆزلىگەن. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتى ۋە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتلىرىدا خەتتاتلىق لىكسىيىلىرىنى سۆزلىگەن ۋە دەرس ئۆتكەن. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ پۈتۈن ھوقۇقلۇق ۋەكىلى بولۇپ، يىڭى مەتبۇئات ھەرپلىرىنى لايىھىلەش، باھالاپ بېكىتىش ئىشلىرىغا قاتناشقان ۋە كومپيۇتېر ھەرپلىرىنى لايىھىلەش، تولۇقلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان،1976-يىلى « ھۆسىخەت نۇسخىلىرى»، 1989-يىلى ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەسەرلىرىدىن تاللانما»، 2002-يىلى « ئۇيغۇر خەتتاتلىقى قوللانمىسى» قاتارلىق كىتابلارنى ۋە ھەرخىل خەتتاتلىق دەرسلىك كىتابلىرى، خەتتاتلىق لەۋھەلىرىنى نەشىر قىلدۇرغان. مەملىكەتلىك مەتبەئە ھەرپلىرىنى لايىھىلەشتە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. جۇڭگۇ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ « ئەخلاق ۋە كەسىپتە تەڭ يىتىلگەن خەتتات» دېگەن شەرەپلىك نامىغا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق « تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت» مۇكاپاتىغا ۋە « شىنجاڭ بۇيىچە ئىلغار مۇتەخەسىس» دېگەن شەرەپ ناملىرى بىلەن مۇكاپاتلانغان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • مەخمۇت سۇلايماننىڭ تەرجىمھالى

    مەخمۇت سۇلايمان 1968 - يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان،1981 - يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىدە ئوقۇغان، 1985 - يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ قەشقەر سەنئەت ئۆمەكتە ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلىگەن . ئۇ سەنئەت ئۆمەكتە ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلىگەچ ،ناخشا - مۇزىكا ئىجا...

  • نىياز كىرىم شەرقىي

    نىياز كېرىم شەرقىي 1948-يىلى 10-ئايدا تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر جۇڭگۇ خەتتاتلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەمدە جۇڭگۇ خەتتاتلار جەمئىيىتى تەھرىرلىك، نەشىر قىلىش كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى . جۇڭگۇ تارىخ موزىيى گۈزەل سەنئەت گ...

  • ئابدۇكېرىم نەسىردىن

    ئابدۇكېرىم نەسىردىن __ ئەر ، ئۇيغۇر ، 1947-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . كومپارتىيە ئەزاسى ، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رەسسام (پروفېسسور) ، ماي بوياق رەسىم ۋە تام رەسىم ئۇستىسى . 1963-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتى گۈزەل-سەنئەت كافېدر...

  • خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائى

    قۇربانجان روزىشەيدائى 1969- يىلى 3- ئايدا قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1987- يىلىدىن باشلاپ خەتتاتلىق ئىجادىيىتىگە قەدەم قويغان. ئۇنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايۇندىكى گېزىت -ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ئۆتگۈزۈلگەن خەتتات...

  • مەشۇقىنىڭ جامالىغا يەتكەن ئاشىق

    — ئاتاقلىق خەتتات ۋە يېزىق مۇتەخەسسىسى نىياز كېرىم شەرقى توغرىسىدا ئۆركەش جاپپار      شەرقىنىڭ بۈگۈن ھۆسنخەت يېزىش ئويى يوق ئىدى. 50 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىگە سەۋدايىلارچە ئاشىق بولۇپ كەلگەن بۇ پېشقەدەم خەتتات بۈگۈنكىدەك سورۇندا خەت يېزىپ يۈ...

  • ئاتاقلىق تىياتىر ئارتىسى ماھمۇت ھامۇت

         ماھمۇت ھامۇت 1946 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1967 – يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان . 1977 – يىلىدىن 1979 – يىلىغىچە مەركىزىي ئوپېرا ئۆمىكى ، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىدا تىياتىر ، ئوپېرا...