— ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەھمەد توغرىسىدا
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۆركەش جاپپار ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
غازى ئەھمەد شۈەنزى قەغىزىنى ئوتتۇرىدىن قاتلاپ، كرېست شەكلىدە ئىز چىقارغاندىن كېيىن، ئۇنى قىزىل مەخمەل يېپىلغان چوڭ ئۈستەلگە تەكشى يايدى. ئاندىن قەلەمنى لېۋىگە تىرەپ، قەغەزگە قاراپ بىرھازا تۇردى. ئەتراپتا بىر مۇنچە كىشى ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. جۇڭگودىكى داڭلىق خەتتات، رەسساملاردىن دۇ زىلىڭ، يەن شاكۇيلەرمۇ نېرىقى ئۈستەللەردە ماھارەت كۆرسەتمەكتە ئىدى. يېنىمدا تۇرغان ياش رەسسام قۇلىقىمغا كۇسۇرلىدى: غازى مۇئەللىم رەسىم سىزسا مودېلغا قاراپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ مودېللىرى كاللىسىدا، قانداق ئوبراز ياراتقۇسى كەلسە، شۇنداق ئوبرازغا كېرەكلىك خام ماتېرىيالنى تەپەككۇر قىلالايدۇ. بىركەمدىن كېيىن غازى ئەھمەد قېرىنداشنى قەغەز يۈزىگە تەگكۈزۈپ، سۇس سىزىقچىلارنى تارتىشقا باشلىدى. ئالاھازەل بىر تال تاماكىنى چېكىپ تۈگەتكىچىلىك ۋاقىتتا قەغەزدە داپ چېلىۋاتقان ساقاللىق بوۋاينىڭ تېز سىزما رەسىمى شەكىللەندى. بۇ، ئەسەرنىڭ قېرىنداش لايىھىسى ئىدى. غازى ئەھمەد قېرىنداشنى تاشلاپ، قەددىنى رۇسلىدى ۋە سول قولىنىڭ بارماقلىرى بىلەن قويۇق چاچلىرىنى كەينىگە تارىدى. شۇ تاپتا، شاھمات تاختىسىنىڭ سىزىقلىرىدەك سۇس چاقماقلار چۈشۈرۈلگەن كالتە يەڭلىك ئاپئاق مايكىسى ئۇنى ياش يىگىتلەردەك روھلۇق كۆرسىتىپ تۇراتتى. يۈز تېرىسىگە چۈشكەن شالاڭ سەپكۈنلەرگە دىققەت قىلمىغاندا، ئۇنى ھېچكىم 70 نەچچە ياشلىق بوۋاي دەپ قىياس قىلالمايتتى. ئىز تورى بەك ياخشى
غازى ئەھمەد ‹‹ئەمدى رەسمىي سىزىشقا باشلىدىم›› دېگەندەك، ئەتراپتىكىلەرگە تەبەسسۇم بىلەن قارىۋەتكەندىن كېيىن، موي قەلەمنى قولىغا ئالدى... ئۇزاق ئۆتمەي داپ چېلىۋاتقان بوۋايغا ‹‹جان كىردى››. ئۇ ئاپئاق، تال – تال ساقىلىنى تىترىتىپ، گەردىشلىرىگە سۆڭەكتىن نەقىشلەر قويۇلغان شاھانە داپنى ئوڭ قولى بىلەن كۈچەپ ئۇرماقتا ئىدى. بوۋاينىڭ كەينىدە نوگاي تاشلاپ تۇرغان قاپاق بارىڭى قويۇق يېزا پۇرىقىنى بېرەتتى. بېشىغا باستۇرۇپ كىيىۋالغان سالۋا تۇمىقى قېرىلىققا تالىق جىمىكى ئەيىب – نۇقسانلارنى يوشۇرۇپ تۇرغاندەك، 80 ياشلارغا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، مۇقام ئىشقىدىن قالمىغان بۇ پېشقەدەم سازەندىنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان ئىندىۋىدۇئال خاراكتېرىنى تولۇق يورۇتۇپ تۇراتتى. بۇ تىپىك جۇڭگوچە رەسىم ئىدى. غازى ئەھمەد رەسىمگە ‹‹پېشقەدەم داپچى›› دەپ ئات قويدى، ئاندىن ئىمزاسىنى قويۇپ، مۆھۈرىنى باستى. غازى مۇئەللىمنىڭ بىر سائەتتە سىزىپ چىققان بۇ رەسىمىنى سېتىشقا توغرا كەلسە، كەم دېگەندە 20 مىڭ يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، دەپ چۈشەندۈردى بايىقى ياش رەسسام ماڭا... ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ، 2006 – يىل 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنى مىچۈەن شەھىرىنىڭ شيامېنزى ئارامگاھىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتتىكى 100 دىن ئارتۇق داڭلىق رەسسام، خەتتات ئىشتىراك قىلغان قەلەمكەشلەر يىغىلىشىدىكى بىر كۆرۈنۈش. ئىز تورى www.iz.la
غازى ئەھمەد 1933 – يىلى 8 – ئايدا قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزىسىدىكى دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئائىلە مۇھىتىدىكى قويۇق دىنىي تەربىيە ۋە ‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ سۈرە – ئايەتلىرىنى يادلاش مەشىقى ئۇنىڭ قەلبىدىكى خەتتاتلىق سەنئىتىگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقنى ئويغىتىپ قويدى. كېيىن ئۇ قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇدى ۋە مەكتەپنىڭ تام گېزىتىنى ئىشلەش جەريانىدا رەسساملىقتىكى تەبىئىي تالانتىنى نامايان قىلدى.