ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>سەنئەتكارلار>

ئاتاقلىق تىياتىر ئارتىسى ماھمۇت ھامۇت

ۋاقتى:2008-12-01 07:00مەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھىرىر:لالە چېكىلىشى:قىتىم
  

ئىز تورى www.iz.la

     ماھمۇت ھامۇت 1946 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1967 – يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان . 1977 – يىلىدىن 1979 – يىلىغىچە مەركىزىي ئوپېرا ئۆمىكى ، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىدا تىياتىر ، ئوپېرا رېژىسسورلۇقى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان ؛ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ، ئارتىس ، رېژىسسور ، كەسپىي خىزمەتكە مەسئۇل رەھبەر ۋە بەدىئىي يېتەكچى بولۇپ ئىشلىگەن .

ئىز تورى بەك ياخشى

     ماھمۇت ھامۇت دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئارتىس ، رېژىسسور ؛ ھازىرقى ئۇيغۇر كومېدىك تىياتىر . ئوپېرا رېژىسسورلۇقىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ، ئۇ ھازىر شىنجاڭ تىياتىرچىلار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى .  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

     ئۇ ، 1972 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن ‹‹ قىزىل چىراق خاتىرىسى ›› ، چوڭ تىپتىكى تىياتىر ‹‹ كۈرەش يولى ›› ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئوپېراسى ‹‹ غېرىپ – سەنەم ›› ، دراما ‹‹ قىزچاق مەن بىلەن مېڭىڭ ›› ئەزەربەيجان رېسپوپلىكىسىنىڭ داڭلىق ئوپېراسى ‹‹ ئارشىن – مال ئالان ›› ، ئىتالىيىنىڭ داڭلىق كومېدىيىسى ‹‹ ئىككى بايغا بىر مالاي ›› ، رۇسسىيىنىڭ ھەجۋىي تىياتىرى ‹‹ ھەققانىيەت جامائەت پىكرى ›› ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئوپېراسى ‹‹ ئانا ۋە بالا ›› ، ئۇيغۇر ئوپېراسى ‹‹ تاشۋاي ›› قاتارلىقلاردا مۇۋەپپىقيەتلىك رول ئېلىپ ، خەلقىمىزنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشكەن . ئىز تورى بەك ياخشى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

     1976 – يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ، ‹‹ قىزىل چىراغ خاتىرىسى ›› ، ‹‹ نەسرىدىن ئەپەندى ›› ، ‹‹ تەڭرى گۇۋاھ ›› ، ‹‹ خوشال زامان ›› ، ‹‹ تىمتاس گۇگۇم ›› ، ‹‹ يىراق يۇرتقا مۇھەببەت ›› ، ‹‹ شىنجاڭ قىزلىرى ›› ، ‹‹ بۈيۈك دۈنخۇاڭ ›› ، ‹‹ ئايكۆلنى ئىزدەش ›› ، ‹‹ ئەزىم دەريا ›› قاتارلىق كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە مۇھىم روللارنى ئالغان . ئۇ 1985 – يىلىدىن باشلاپ ‹‹ چىن مودەن ›› ، ‹‹ سىز بىزگە ئىشىنەمسىز؟ ›› ، ‹‹ قېرى يىگىتنىڭ تويى ›› ، ‹‹ غېرىپ – سەنەم ›› ، ‹‹ قېرى ئاشىق – مەشۇقلار ›› ، ‹‹ سىرتماق ›› ، ‹‹ نۇرتاي ھاجى ھەققىدە ھىكايە ›› قاتارلىق ئوپېرا ، دراما ، كومېدىيىلەرگە رېژسسورلۇق قىلغان . 100 دىن ئارتۇق كىچىك تىپتىكى دراما ، ئىتوتلارنى تەشكىللىگەن ۋە رېژسسورلۇق قىلغان ؛ مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئاڭلاتقان ۋە رېژسسورلۇق قىلغان ؛ مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئويۇشتۇرغان ھەر خىل بەدىئىي فىلىملارغا رىياسەتچىلىك قىلغان . www.iz.la

     ئۇ تىياتىرچىلىق سەنئىتى ھەققىدە ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ ، خېلى كۆپ ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان . ھازىر تۈرلۈك كەسپىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە ئۆگىنىش كۇرسلىرىدا لېكسىيە سۆزلەش ھەم دەرس ئۆتۈش بىلەن شوغۇللىنىپ كەلمەكتە . 

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ تورى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(4)
57.1%
ئالقىشلايمەن
(3)
42.9%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئابدۇكېرىم نەسىردىن

    ئابدۇكېرىم نەسىردىن __ ئەر ، ئۇيغۇر ، 1947-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . كومپارتىيە ئەزاسى ، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رەسسام (پروفېسسور) ، ماي بوياق رەسىم ۋە تام رەسىم ئۇستىسى . 1963-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتى گۈزەل-سەنئەت كافېدر...

  • خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائى

    قۇربانجان روزىشەيدائى 1969- يىلى 3- ئايدا قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1987- يىلىدىن باشلاپ خەتتاتلىق ئىجادىيىتىگە قەدەم قويغان. ئۇنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايۇندىكى گېزىت -ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ئۆتگۈزۈلگەن خەتتات...

  • مەشۇقىنىڭ جامالىغا يەتكەن ئاشىق

    — ئاتاقلىق خەتتات ۋە يېزىق مۇتەخەسسىسى نىياز كېرىم شەرقى توغرىسىدا ئۆركەش جاپپار      شەرقىنىڭ بۈگۈن ھۆسنخەت يېزىش ئويى يوق ئىدى. 50 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىگە سەۋدايىلارچە ئاشىق بولۇپ كەلگەن بۇ پېشقەدەم خەتتات بۈگۈنكىدەك سورۇندا خەت يېزىپ يۈ...

  • ئاتاقلىق تىياتىر ئارتىسى ماھمۇت ھامۇت

         ماھمۇت ھامۇت 1946 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1967 – يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان . 1977 – يىلىدىن 1979 – يىلىغىچە مەركىزىي ئوپېرا ئۆمىكى ، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىدا تىياتىر ، ئوپېرا...