قۇربانجان روزى شەيدائى 1969- يىلى 3- ئايدا قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1987- يىلىدىن باشلاپ خەتتاتلىق ئىجادىيىتىگە قەدەم قويغان. ئۇنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايۇندىكى گېزىت -ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ئۆتگۈزۈلگەن خەتتاتلىق كۆرگەزمىلىرىگە كۆپ تاللىنىپ، مۇكاپاتلانغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى مەملىكىتىمىز ئۇيۇشتۇرغان خەتتاتلىق كۆرگەزمىلىرىگە ۋە شىياڭگاڭ . ئاۋمىن. مالايسىيا قاتارلىق جايلاردىمۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان.1999-يىلىدن ئىتىبارەن ئۇنىڭ شەخسى خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى قەشقەر .ئۈرۈمچى . خوتەن. يەكەن قاتارلىق شەھەر ۋە ناھىيلەردە ھەمدە 2007- يىلى خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان ھۆسىخەت كۆرگەزمىسى قەشقەردە ئېچىلىپ كەسىپداشلارنىڭ ۋە كەڭ خەلىق ئامىمىسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ خەتتاتلىق سەنئىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، قېتىرقىنىپ ئۇگىنىپ ،ھارماي-تالماي ئىزدىنىپ مول خەتتاتىلىق ئەسەرلىرىنى ياراتقان كۆزگە كۆرۈنگەن مۇنەۋۋەر ياش خەتتاتلارنىڭ بىرى، ئۇ مەدىنيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن << جۇڭگۇدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن خەلق سەنئەتكارى>> دىگەن شەرەپكە ۋە ئاپتونوم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى تەرىپىدىن<<ئەخلاق، كەسىپتە تەڭ يېتىلگەن سەنئەتكار>> دىگەن نامغا ئىرىشكەن.
قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ<<شەيدائى ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى>>ۋە <<شەيدائى كومپىيۇتىر ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى>>دىگەن كىتابلىرى، ھۆسنىخەت شەكلىدە يىزىپ چىققان.<<سەيپىدىن ئەزىزى رۇبائىيلىرى>>ھەمدە<<مەشھۇر شەخسلەرھېكمەتلىردىن>>دىگەن بىر يۈرۈش ھۆسنىخەتلىرى نەشىر قىلىنغان. copyright by www.iz.la
ئۇ ھازىر جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن باش كاتىپى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئەسەرلىرىنى تور بىكىتىدىن كۆرۇڭ؛ http://sheydayi.iz.la/ ئىز تورى بەك ياخشى