ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
دىلنار ئابدۇللا سەنئەتنى ئىنتايىن سۆيىدۇ ھەمدە سەنئەتنىڭ چېكى يوق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇ سەنئەت بېغىدا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، سەنئەتنىڭ چىن مەنىسىگە ئۈزلۈكسىز ئىنتىلدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇ 11 يېشىدا مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ ئۇسسۇل فاكولتېتىغا بېرىپ ئوقۇدى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭ ناخشا _ ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى، كېيىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ناخشىلىق مۇزىكا فاكۇلتېتىدا بىلىم ئاشۇردى. نەچچە ئون يىللىق ئۇسسۇل ئويناش ھاياتىدا، ئۇ سەنئەتكارلارغا خاس ئىقتىدار ۋە چېچەنلىكىگە، پارتىيە ۋە خەلقنى قىزغىن سۆيۈش ۋە سەنئەتكە بولغان ئىنتىلىشىگە تايىنىپ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، توختىماي ئىزدىنىپ، مول نەتىجىگە ئېرىشتى، ئۇ ئىشلىگەن ھەم ئورۇنلىغان نۇرغۇن ئۈلگىلىك سەنئەت نومۇرلىرى كۆپ قېتىم خەلقئارا، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مۇكاپاتقا ئېرىشتى. copyright by www.iz.la
مەيلى چەت ئەلنىڭ ھەشەمەتلىك سەھنىسىدە ياكى دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ھەتتا زاۋۇت، كارخانا، يېزا - كەنتلەردە بولسۇن ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەل ئۇسسۇل سىماسىنى قالدۇردى. 1991 - يىلى ئۇ ئورۇنلىغان يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل ‹‹مۇز تاغدىكى ئوت›› مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇسسۇل مۇسابىقىسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، ئۇسسۇل ‹‹تاتلىق، تاتلىق، تاتلىق›› 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ ئۇسسۇل يېتەكچىسى بولغان چوڭ تىپتىكى مىللىيچە ئۇسۇل ‹‹تەڭرىتاغ شەپىقى›› 1994 _ يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تارقاتقان ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات ‹‹ۋېنخۇا ئورۇنلاش مۇكاپاتى›› غا ئېرىشتى. 1995 - يىلى ئۇ بېيجىڭدا ئۆزىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل كېچىلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئۆزگىچە سەنئەت سېھرىي كۈچى ۋە ئۇسسۇل تەسىرچانلىقى، شۇنداقلا سەھنىدىكى ئاجايىپ گۈزەل ئورۇنلاش ماھارىتى بىلەن مەركەز تاماشىبىنلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى تىيېيىڭ، بۇ خې، ئىسمائىل ئەھمەد، ئافېي ئاۋاڭجىنمېي، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار ئۇسسۇل كېچىلىكىنى كۆرۈپ، قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭراتتى ۋە يۇقىرى باھا بەردى......
دىلنار ئابدۇللا كەسىپنى قەدىرلەش روھى ۋە ئېگىلمەس ئىرادىسى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان سەھنە ئوبرازىنى، قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، يېڭىچە، سالاپەتلىك سەنئەت ئۇسلۇبىنى ياراتتى.