ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>سەنئەتكارلار>

مەشۇقىنىڭ جامالىغا يەتكەن ئاشىق

ۋاقتى:2008-12-01 08:00مەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھىرىر:لالە چېكىلىشى:قىتىم
  

— ئاتاقلىق خەتتات ۋە يېزىق مۇتەخەسسىسى نىياز كېرىم شەرقى توغرىسىدا ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۆركەش جاپپار ئىز تورى www.iz.la

     شەرقىنىڭ بۈگۈن ھۆسنخەت يېزىش ئويى يوق ئىدى. 50 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىگە سەۋدايىلارچە ئاشىق بولۇپ كەلگەن بۇ پېشقەدەم خەتتات بۈگۈنكىدەك سورۇندا خەت يېزىپ يۈرۈشنى ئارتۇقچە ئىش، دەپ قارىغانىدى. ئۆزى توغرىلىق ئېچىلىۋاتقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئەنجۈمەنىدە، تويىنى قىزىتقىلى ئادەم چىقمىسا، ئۆزى ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتكەن توي ئىگىسىدەك، بارماقلىرىنى سىياھ يۇقى قىلىپ، خەت يازىمەن، نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىمەن دەپ يۈرسە، خەق نېمە دەر؟ باشقىلار يازسۇن، ئۇ ئۆز سالاپىتىنى ساقلاپ، تۆردە ئولتۇرۇۋەرسۇن... شاگىرت بالىلار يوغان ئۈستەلگە قىزىل مەخمەلنى يېيىپ، قەغەز، سىياھلارنى تەييارلاۋاتقاندا، نىياز كېرىم شەرقى شۇنداق ئويلىغانىدى. لېكىن ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. تەڭتۈش كەسىپدىشى سۇلايمان ئىسمائىل ئىككىلىك كەڭلىكتىكى موي قەلەمنى قەغەز يۈزىدە ‹‹شارت – شۇرت›› ئوينىتىپ، بىرەر مىنۇتتىلا بىر ئەسەرنى تەييارلاپ قويۇۋېدى، ئۇنىڭ قەلبىدە يېزىش ئىستىكى بىراقلا قوزغىلىپ كەتتى. بۇ خۇددى ئوت تۇتىشاي دەپ قالغان قۇرۇق ئوتۇننى ‹‹پۈھ›› دەپ ئوت ئالدۇرۇۋەتكەندەك ئىش بولدى. ئىز تورى بەك ياخشى

    — ئەمدى كىم يازىدۇ؟  – دەپ توۋلىدى يىغىن رىياسەتچىسى  – ‹‹شىنجاڭ سەنئىتى›› ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جۈرئەت سەيپۇل كۆپچىلىككە تەكشى قاراپ،  – نىيازكا، سىز يازامسىز؟

www.iz.la

     — يا... ياش... ياشلار يازسۇن، مەن...مەن يازمىساممۇ بولار، – دەپ دۇدۇقلىدى نىياز كېرىم بىر نېمىنى ئېتىۋاتقاندەك ئىككى ئالقىنىنى ئالدىغا چىقىرىپ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    — ئا...ھا، تۈزۈك گەپ قىلىڭا نىيازكا. كونىلار ‹‹تۈگمەن بار يەردە ياغۇنچاقنىڭ نېمە ئىشى›› دەپتىكەن. ئاۋۋال سىز باشلاپ بېرىڭ، ئاندىن ئۇلارغا نۆۋەت كېلىدۇ،  – دېدى جۈرئەت، ئۇنىڭ گەپلىرى كەسكىن ئىدى.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

     نىياز كېرىم نېزىقىغاندەك بولۇپ، يەنە ئەتراپقا قارىدى. شەيدايى، جەۋلانى، ئەنۋەرجان، دىلشاد، مۇھەممەدجان، مەۋلانجان قاتارلىق ياشلار ‹‹قېنى ئۇستاز، موي قەلەمنى قولىڭىزغا ئېلىڭ›› دېگەندەك ئۆزىگە تەلمۈرۈپ تۇراتتى. نىياز كېرىم تومۇر – تومۇرلىرىدىكى قانلار كۈۋەجەپ بىراقلا دولقۇنلاپ كەتكەندەك ھاياجانغا چۆمۈپ، موي قەلەمنى قولىغا ئالدى. لېكىن نېمە دەپ يېزىشنى، قايسى نۇسخىدا يېزىشنى بىلەلمەي، بىر دەم ئويلىنىپ قالدى: بايا سۇلايمان ئىسمائىل ‹‹تەنھەرىكەت ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ›› دەپ يازدى. مەن نېمە دەپ يازسام بولار؟ ھە تاپتىم! ئو ت م ئېچىلىشقا ئاز قالدى، مەنمۇ تەنھەرىكەت ھەققىدە يازاي... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

     نىياز كېرىم ئۈستەلدىكى قەغەزنىڭ كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكىنى كۆزى بىلەن تەخمىنىي مۆلچەرلىدى، ‹‹ئولىمپىك مەشئىلى ئۆچمەيدۇ›› دېگەن بىر جۈملە سۆزنى مۇشۇ قەغەزگە سۇلۇس خەت نۇسخىسىدا يازسا قانداق شەكىل پەيدا بولىدىغانلىقىنى خىيالەن قىياس قىلدى. سۇلۇس خەت نۇسخىسى ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان خەت نۇسخىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك شاھانە خەت نۇسخىسى ھېسابلىناتتى. بۇ نۇسخىدا خەت يازغاندا، پىكىرنىڭ يۈكسەكلىكىنى ئىپادىلەپ، يېزىش ماھارىتىدە كامالەتكە يەتكەنلىكنى ياكى ئۇستىلىقنى؛ سىيرىلما سىزىقلارنى ئەركىن تارتىپ، خەتلەرنى ئۈستى – ئۈستىگە دەسسىتىش ئارقىلىق كەيپىياتتىكى مەردانىلىق ۋە شەكىلدىكى گۈزەللىكنى نامايان قىلغىلى بولاتتى. شۇڭا، نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسەتمەكچى بولغان ھۆسنخەت پىرلىرى كۆپىنچە ھاللاردا مۇشۇ خەت شەكلىنى تاللىۋالاتتى. نىياز كېرىم موي قەلەم تۇتقان ئوڭ قولىنى ئانچىكىم بىر كۆتۈرۈپ، كاستۇمىنىڭ يېڭىنى ئۈستىگە تارتقان بولدى، ئاندىن موي قەلەمنى سىياھداندىكى ئالىي دەرىجىلىك قارا سىياھقا چىلاپ، قەلەم ئۇچىنى پەرلىدى. ئۇنىڭ ھەرىكىتى سالماق ئىدى، بادام قاپاقلىرى ئاستىدىكى كۆزلىرىدىن ئەقىل نۇرلىرى تۆكۈلەتتى، كۆز جىيەكلىرىنىڭ ئەتراپىنى قورۇقلار باسقان بولسىمۇ، ياداڭغۇ چېھرىدىن ئانار رەڭگىدەك قىزىللىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇزايىدىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ساغلاملىق ئالامەتلىرى تېشىغا تەپچىرەپ چىققانىدى. ئادەتتە گەپ – سۆزدىكى كىچىك پېئىللىقى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى سەمىمىيلىكى ئۇنىڭ مۇشۇ چىراي ئالاھىدىلىكى بىلەن قوشۇلۇپ، كىشىدە تەبىئىي ھۆرمەت تۇيغۇسىنى پەيدا قىلاتتى... نىياز كېرىم موي قەلەمنى قەغەزگە تەگكۈزۈپ، مىنۇت ۋاقىت ئارىلىقىدا بىر ئەسەرنى قىرلاپ قويدى. موي قەلەمنى سىياھقا چىلىغاندىكى ئۈزۈكچىلىكنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خەت ‹‹بىر قەلەم›› بىلەنلا پۈتۈپ چىققانىدى. نىياز كېرىم خەتنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىنى تۈزەپمۇ يۈرمىدى، تۈزەشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. ئۇ موي قەلەمنى سىياھدانغا قويۇپ تۇرۇشى بىلەنلا ئەتراپتىكىلەر قىزغىن چاۋاك ياغدۇرۇۋەتتى... كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئو ت م غا ئاتاپ سوۋغا سۈپىتىدە نەشر قىلىنغان نىياز كېرىم شەرقى ئەسەرلىرى›› توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن ‹‹ئولىمپىك مەشئىلى ئۆچمەيدۇ›› ناملىق ئەسەر دەل مۇشۇ مەيداندا دۇنياغا كەلدى.

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ تورى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(20)
95.2%
ئالقىشلايمەن
(1)
4.8%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئابدۇكېرىم نەسىردىن

    ئابدۇكېرىم نەسىردىن __ ئەر ، ئۇيغۇر ، 1947-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . كومپارتىيە ئەزاسى ، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رەسسام (پروفېسسور) ، ماي بوياق رەسىم ۋە تام رەسىم ئۇستىسى . 1963-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتى گۈزەل-سەنئەت كافېدر...

  • خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائى

    قۇربانجان روزىشەيدائى 1969- يىلى 3- ئايدا قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1987- يىلىدىن باشلاپ خەتتاتلىق ئىجادىيىتىگە قەدەم قويغان. ئۇنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايۇندىكى گېزىت -ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ئۆتگۈزۈلگەن خەتتات...

  • مەشۇقىنىڭ جامالىغا يەتكەن ئاشىق

    — ئاتاقلىق خەتتات ۋە يېزىق مۇتەخەسسىسى نىياز كېرىم شەرقى توغرىسىدا ئۆركەش جاپپار      شەرقىنىڭ بۈگۈن ھۆسنخەت يېزىش ئويى يوق ئىدى. 50 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىگە سەۋدايىلارچە ئاشىق بولۇپ كەلگەن بۇ پېشقەدەم خەتتات بۈگۈنكىدەك سورۇندا خەت يېزىپ يۈ...

  • ئاتاقلىق تىياتىر ئارتىسى ماھمۇت ھامۇت

         ماھمۇت ھامۇت 1946 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1967 – يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان . 1977 – يىلىدىن 1979 – يىلىغىچە مەركىزىي ئوپېرا ئۆمىكى ، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىدا تىياتىر ، ئوپېرا...